مىسىردىن چىقىش 39 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىروھانىيلارنىڭ مۇقەددەس كىيىملىرىنىڭ تىكىلىشى 1 ئۇستىلار كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپتىن توقۇلغان رەختتىن روھانىيلار مۇقەددەس جايدا ۋەزىپە ئۆتىگەندە كىيىدىغان مۇقەددەس روھانىيلىق كىيىملىرىنى تىكتى. ھارۇن ئۈچۈن تىككەن مۇقەددەس كىيىملەرنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغىنى بويىچە تىكتى. 2 پەرتۇقنى ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىپ، زەر يىپ، كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ بىلەن كەشتىلىدى. 3 زەر يىپنى قولى چېۋەر ئۇستىلار ئالتۇننى نېپىز سوقۇپ، كېسىپ ياسىدى. ئاندىن زەر يىپ كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپلار بىرلىكتە پەرتۇققا ئىشلەتتى. 4 پەرتۇققا ئىككى دانە مۈرە تاسمىسى تىكتى. پەرتۇقنىڭ ئالدى ۋە كەينىنى مۇشۇ ئىككى تاسما ئارقىلىق تۇتاشتۇردى. 5 پەرتۇقنىڭ بەل تاسمىسىنى پەرتۇققا ئوخشاش ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىپ، ئۇنى زەر يىپ، كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپلار بىلەن كەشتىلەپ، پەرتۇققا ئۇلىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى. 6 ئىككى دانە يوللۇق ھېقىقنى ئالتۇن كۆزلۈككە قويۇپ، ئاندىن ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ، يەنى ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى ئوغلىنىڭ ئىسىملىرىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە مۆھۈرگە ئويۇلىدىغان نەقىشلەردەك ئويدى. 7 ئاندىن ئۇلارنى پەرتۇقنىڭ ئىككى دانە مۈرە تاسمىسىغا قاداپ، ئىسرائىللارنىڭ خاتىرە تېشى قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى. كۆكرەكلىك تىكىلىشى 8 ئۇلار خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلىش ئۈچۈن تاقىلىدىغان كۆكرەكلىكنى ئۇستىلىق بىلەن تىكتى. كۆكرەكلىكنىڭ تىكىلىش ئۇسۇلى پەرتۇق بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىمۇ ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىپ، زەر يىپ، كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپلار بىلەن كەشتىلىدى. 9 كۆكرەكلىك تىكىلىدىغان رەختنى ئىككى قاتلاپ، تۆت چاسا قىلىپ، خالتا شەكلىدە تىكتى. كۆكرەكلىكنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكىمۇ ئوخشاشلا 25 سانتىمېتىردىن ئىدى. 10 كۆكرەكلىكنىڭ ئۈستىگە تۆت قۇر گۆھەر قادىدى. بىرىنچى قۇرىغا قىزىل ياقۇت، توپاز ۋە زۇمرەت قادىدى. 11 ئىككىنچى قۇرىغا فىرۇزە، كۆك ياقۇت ۋە ئالماس قادىدى. 12 ئۈچىنچى قۇرىغا سۆسۈن ياقۇت، ھېقىق ۋە سۆسۈن كۋارتس قادىدى. 13 تۆتىنچى قۇرىغا سېرىق ياقۇت، يوللۇق ھېقىق ۋە قىزىل ھېقىق قادىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئالتۇن كۆزلۈككە ئېلىپ، كۆكرەكلىككە قادىدى. 14 ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ ئون ئىككى گۆھەرگە ئون ئىككى قەبىلىنىڭ ئىسمىنى خۇددى مۆھۈرگە ئويۇلىدىغان نەقىشلەردەك ئويدى. 15 كۆكرەكلىكنى پەرتۇققا بېكىتىش ئۈچۈن ساپ ئالتۇندىن ئىككى دانە ئۆرۈمە زەنجىر، 16 ئىككى دانە ئالتۇن كۆزلۈك ۋە ئىككى دانە ئالتۇن ھالقا تەييارلىدى. ھالقىلارنى كۆكرەكلىكنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى ئىككى بۇرجىكىگە بىردىن بېكىتتى. 17 زەنجىرلەرنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئالتۇن ھالقىلاردىن 18 ۋە پەرتۇقنىڭ مۈرە تاسمىسىنىڭ ئۈستىدىكى ئالتۇن كۆزلۈكلەردىن ئۆتكۈزۈپ، كۆكرەكلىكنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى ھالقىلارغا باغلاپ قويدى. 19 كۆكرەكلىكنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى ئىككى بۇرجىكىنىڭ ئىچكى قېتىغا ئىككى دانە ئالتۇن ھالقا بېكىتتى. 20 شۇنداقلا پەرتۇقنىڭ بەل قىسمىنىڭ ئىككى يان تەرىپىگە، يەنى بەل تاسمىسىنىڭ يۇقىرىسىغا ئىككى دانە ئالتۇن ھالقا بېكىتتى. 21 ئاندىن كۆكرەكلىكنىڭ پەس تەرىپىدىكى ھالقىلار بىلەن پەرتۇقتىكى ھالقىلارنى بىر تال كۆك يىپ ئارقىلىق ئۆزئارا ئۇلىدى. شۇنىڭ بىلەن كۆكرەكلىك پۇلاڭلاپ كەتمەي، پەرتۇققا چاپلىشىپ تۇرىدىغان بولدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى. روھانىيلار كىيىدىغان باشقا كىيىملەرنىڭ تىكىلىشى 22 پەرتۇقنىڭ ئىچىگە كىيىدىغان پەرىجىنى كۆك رەڭلىك يىپتىن توقۇدى. 23 پەرىجىگە ئويما ياقا ئېچىپ، يىرتىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ياقىنىڭ چۆرىسىگە پەۋاز تۇتتى. 24 كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپلاردىن ئانارلار ياساپ، پەرىجىنىڭ پېشىنىڭ چۆرىسىگە ئاستى. 25 ئېسىلغان بۇ ئانارلارنىڭ ئارىسىغا بىردىن ساپ ئالتۇندىن ياسالغان قوڭغۇراقلارنى ئاستى. 26 پېشىگە ئانار ۋە ئالتۇن قوڭغۇراقلار ئېسىلغان بۇ پەرىجىنى روھانىيلار روھانىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندە كىيەتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى. 27 ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن ئېسىل زىغىر رەختتىن تونچە كۆڭلەك تىكتى 28 ۋە تامبال تەييارلىدى. ھارۇن ئۈچۈن ئېسىل زىغىر رەختتىن سەللە، ئوغۇللىرى ئۈچۈن باشقا باش كىيىم ھازىرلىدى. 29 ئېسىل زىغىر رەختتىن بىر پوتا تىكىپ، كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپلار بىلەن كەشتىلىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى. 30 ساپ ئالتۇندىن بىر دانە ئالاھىدە قاداق ياساپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە «پەرۋەردىگارغا ئاتالدى» دېگەن خەتلەرنى مۆھۈرگە ئويغاندەك ئويدى 31 ھەمدە كۆك رەڭلىك يىپ بىلەن سەللىگە تاقاپ قويدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى. مۇسانىڭ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈشى 32 ئىبادەت چېدىرى، يەنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتۈنلەي تاماملاندى. ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغانلىرىنى بىر-بىرلەپ ئورۇندىدى. 33 ئۇلار ئىبادەت چېدىرىنى ياساشقا كېرەكلىك بولغان ھەم ئىبادەت چېدىرىدا ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەرنى مۇسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى: ئىلمەكلەر، راملار، توغرا بالداقلار، تۈۋرۈكلەر ۋە تۈۋرۈك پۇتلىرى، 34 قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسىدىن ئىشلەنگەن يوپۇقلار، چىداملىق تېرىدىن ئىشلەنگەن يوپۇقلار، ئەھدە ساندۇقىنى توسۇپ تۇرىدىغان پەردە، 35 پەرزلەر يېزىلغان تاش تاختىلار سېلىنغان ئەھدە ساندۇقى ۋە ئەھدە ساندۇقىنىڭ قاپقىقى، يەنى «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»، ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بالداقلار، 36 شىرە ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەر، خۇداغا ئاتىلىدىغان نانلار، 37 ساپ ئالتۇن چىراغدان ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەر، چىراغ ۋە ئۇنىڭغا ئىشلىتىلىدىغان زەيتۇن يېغى، 38 ئالتۇن ئىسرىقدان، مۇقەددەس ياغ، خۇشبۇي ئىسرىق، ئىبادەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسى، 39 تۇچ بىلەن قاپلانغان قۇربانلىق سۇپىسى ۋە ئۇنىڭ تۇچ شالاسى، قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەر، قۇربانلىق سۇپىسىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بالداقلار، پاكلىنىش دېسى ۋە داس قويغۇچ، 40 ھويلىنىڭ تۆت ئەتراپىنى توسىدىغان رەختلەر، تۈۋرۈكلەر، تۈۋرۈك پۇتلىرى، ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسى، تانىلار، قوزۇقلار ۋە چېدىردا ئىشلىتىلىدىغان باشقا نەرسىلەر، 41 روھانىي ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مۇقەددەس جايدا خىزمەت قىلغاندا كىيىدىغان نەپىس، مۇقەددەس كىيىملەر. 42 ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغانلىرىنى بىر-بىرلەپ ئورۇندىدى. 43 مۇسا پۈتۈن نەرسىلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ھەممە نەرسىنىڭ پۈتۈنلەي پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە بولغانلىقىنى كۆردى ۋە ئۇلارغا بەخت تىلەپ دۇئا قىلدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti