مىسىردىن چىقىش 38 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىقۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ياسىلىشى 1 بىزالىل ئاكاتسىيە ياغىچىدىن تۆت چاسا شەكىللىك بىر كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسى ياسىدى. ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 1.5 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى 2.5 مېتىر ئىدى. 2 قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت بۇرجىكىدە بۆرتۈپ چىققان شەكىللەر بار ئىدى. بىزالىل بۇ شەكىللەرنى قۇربانلىق سۇپىسى بىلەن بىرلىكتە ياسىغان بولۇپ، پۈتۈن سۇپىنى تۇچ بىلەن قاپلىدى. 3 ئۇ قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىشلىتىلىدىغان كۈل قاچىسى، گۈرجەك، داس، ئارا ۋە چوغدان قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى تۇچتىن ياسىدى. 4 بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ قۇربانلىق سۇپىسىغا تۇچتىن بىر شالا ياساپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېرىم چوڭقۇرلۇقىدىكى شالا تەكچىسىنىڭ ئۈستىگە قويدى. 5 ئۇ يەنە بالداقلارنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تۇچتىن تۆت دانە ھالقا ياساپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت بۇرجىكىگە، يەنى شالانىڭ ئۇدۇلىغا ئورناتتى. 6 ئۇ ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئىككى دانە بالداق ياساپ، تۇچ بىلەن قاپلىدى. 7 بۇ بالداقلار قۇربانلىق سۇپىسىنى كۆتۈرگەندە، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئىككى يېنىدىكى ھالقىلاردىن ئۆتكۈزۈلەتتى. قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئوتتۇرىسى كاۋاك بولۇپ، تاختايدىن ياسالغانىدى. قۇربانلىق سۇپىسى پەرۋەردىگار تاغدا مۇساغا كۆرسەتكەن نۇسخىدا تاختايدىن ياسالدى. پاكلىنىش دېسىنىڭ ياسىلىشى 8 ئۇ پاكلىنىش دېسى ۋە داس قويغۇچنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا خىزمەت قىلىدىغان ئاياللار ھەدىيە قىلغان تۇچ ئەينەكلەردىن ياسىدى. ھويلىغا كېرەكلىك نەرسىلەرنىڭ تەييارلىشى 9 ئۇ ئىبادەت چېدىرىنىڭ تۆت ئەتراپىنى توسۇپ، ھويلا ياساش ئۈچۈن ئېسىل زىغىر رەختلەرنى تەييارلىدى. ھويلىنىڭ جەنۇب تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 مېتىر بولاتتى. 10 ئۇ رەختلەرنى ئېسىش ئۈچۈن يىگىرمە دانە تۈۋرۈك ۋە يىگىرمە دانە تۇچ پۇت ياسىدى. تۈۋرۈكلەرگە كۈمۈشتىن ئىلمەك ياساپ، تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشىنى ياپىلاق كۈمۈش چەمبەر بىلەن قاپلىدى. 11 شىمال تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ 50 مېتىر بولاتتى. ئۇ يىگىرمە دانە تۈۋرۈك ۋە يىگىرمە دانە تۇچ پۇت ياسىدى. تۈۋرۈكلەرگە كۈمۈشتىن ئىلمەك ياساپ، تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشىنى ياپىلاق كۈمۈش چەمبەر بىلەن قاپلىدى. 12 غەرب تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 25 مېتىر بولاتتى. ئۇ ئون دانە تۈۋرۈك، ئون دانە پۇت، كۈمۈش ئىلمەك ۋە تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشىغا ياپىلاق كۈمۈش چەمبەر ياسىدى. 13 شەرق تەرىپىنىڭ، يەنى ئالدى تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ 25 مېتىر بولاتتى. 14-15 كىرىش ئېغىزى ھويلىنىڭ شەرق تەرىپىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا جايلىشىدىغان بولۇپ، كىرىش ئېغىزىنىڭ ئىككى تەرىپىنىڭ كەڭلىكى 7.5 مېتىردىن بولاتتى. رەختلەرنى ئېسىش ئۈچۈن كىرىش ئېغىزىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئۈچ دانە تۈۋرۈك ۋە ئۈچ دانە پۇت ياسىدى. 16 ھويلىنى توسۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بارلىق رەختلەر ئېسىل زىغىر رەختلەردىن تەييارلاندى. 17 تۈۋرۈكلەرنىڭ پۇتلىرى تۇچتىن، ئىلمەك ۋە چەمبەرلەر كۈمۈشتىن تەييارلاندى. تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشى كۈمۈش بىلەن قاپلاندى. دېمەك، ھويلىنىڭ ئەتراپىغا ئىشلىتىلىدىغان بارلىق تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشىدا ياپىلاق كۈمۈش چەمبەرلەر بولدى. 18 ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسىنى ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىپ، كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ بىلەن كەشتىلىدى. ئۇنىڭ كەڭلىكى 10 مېتىر بولۇپ، ئېگىزلىكى ھويلىنى توسىدىغان رەختلەرنىڭ ئېگىزلىكىدەك 2.5 مېتىر ئىدى. 19 پەردە تۇچتىن ياسالغان تۆت دانە پۇتقا ئورنىتىلغان تۈۋرۈكلەرگە ئېسىلاتتى. تۈۋرۈكلەرگە ئىشلىتىلىدىغان ئىلمەك ۋە چەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى كۈمۈشتىن ياسالدى. تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشىمۇ كۈمۈش بىلەن قاپلاندى. 20 ئىبادەت چېدىرى ۋە ھويلىغا ئىشلىتىلىدىغان بارلىق قوزۇقلار تۇچتىن ياسالدى. ئىبادەت چېدىرىغا ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللار 21 ئەھدە چېدىرى، يەنى ئىبادەت چېدىرىنى ياساشقا ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللار مۇسانىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە لاۋىيلار تەرىپىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلگەن بولۇپ، روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ سانىقىدىن ئۆتتى. 22 يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان خۇرنىڭ نەۋرىسى، يەنى ئۇرىنىڭ ئوغلى بىزالئېل پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بەجا كەلتۈردى. 23 ئۇنىڭ دان قەبىلىسىدىن بولغان ياردەمچىسى، يەنى ئاخىساماقنىڭ ئوغلى ئوھولىئاب ئويمىچىلىق، نەققاشلىق ھۈنىرىنى، شۇنداقلا ئېسىل زىغىر رەختكە كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپلار بىلەن كەشتە تىكىشنى بىلەتتى. 24 ئىبادەت جايى ئۈچۈن ئاتالغان ئالتۇننىڭ ئېغىرلىقى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە 1000 كىلو ئىدى. 25 نوپۇس تىزىملىكىدىكى كىشىلەر ھەدىيە قىلغان كۈمۈش مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە 3440 كىلو ئىدى. 26 نوپۇس تىزىملىكىگە ئاساسلانغاندا، يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكىلەر جەمئىي 603,550 نەپەر بولۇپ، مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ھېسابلىغاندا ھەربىر كىشى تاپشۇرغان كۈمۈش بەش يېرىم گىرامغا توغرا كېلەتتى. 27 ئىبادەت چېدىرىنىڭ راملىرى بېكىتىلىدىغان پۇتلارنى ۋە ئىچىدىكى پەردىنى ئاسىدىغان تۈۋرۈكلەرنىڭ پۇتلىرىنى ياساش ئۈچۈن جەمئىي 3400 كىلو كۈمۈش ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ھەربىر پۇت 34 كىلو كۈمۈشتىن ياسالغانىدى. 28 تۈۋرۈكلەرگە بېكىتىلگەن ئىلمەكلەر، چەمبەرلەر ۋە تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشىنى قاپلاش ئۈچۈن 40 كىلو كۈمۈش ئىشلىتىلگەنىدى. 29 ھەدىيە قىلىنغان تۇچ جەمئىي 2400 كىلو بولۇپ، 30 بۇ تۇچلار ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى تۈۋرۈك پۇتلىرى، قۇربانلىق سۇپىسى ۋە ئۇنىڭ شالاسى، قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەر، 31 ھويلىنىڭ ئەتراپىدىكى تۈۋرۈكلەرنىڭ پۇتلىرى، ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى تۈۋرۈكلەرنىڭ پۇتلىرى، ئىبادەت چېدىرى ۋە ھويلىغا ئىشلىتىلگەن قوزۇقلار ئۈچۈن ئىشلىتىلگەنىدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti