مىسىردىن چىقىش 36 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 شۇڭا ئىبادەت چېدىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بىزالئېل، ئوھولىئاب ۋە پەرۋەردىگار ئەقىل-پاراسەت، ئىقتىدار ئاتا قىلغان، شۇنداقلا ئىبادەت چېدىرىنى قانداق ياساشنى بىلىدىغان كىشىلەر ياسىسۇن. خەلقنىڭ ھەدىيەلىرى 2 مۇسا بىزالئېل، ئوھولىئاب ۋە پەرۋەردىگار قابىلىيەت ئاتا قىلغان، شۇنداقلا قەلبى تەسىرلىنىپ، خىزمەت قىلىشنى خالىغان كىشىلەرنى يىغدى. 3 ئۇلار مۇسادىن ئىسرائىللارنىڭ ئىبادەت چېدىرىنىڭ ياسىلىشىغا ھەدىيە قىلغان بارلىق سوۋغاتلىرىنى تاپشۇرۇۋالدى. كىشىلەر ھەر كۈنى ئەتىگەنلىكى خالىس ھەدىيەلىرىنى ئېلىپ كېلەتتى. 4 شۇڭا ئىبادەت چېدىرىنى ياساشقا قاتناشقان ئۇستىلار ئۆز خىزمەتلىرىنى توختىتىپ، 5 مۇسانىڭ ئالدىغا بېرىپ: «كىشىلەر ئېلىپ كەلگەن ھەدىيەلەر پەرۋەردىگار بۇيرۇغان ئىبادەت جايىنى ياساش ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كەتتى!» دېيىشتى. 6 شۇڭا مۇسا پۈتۈن قارارگاھتىكىلەرگە: «ئەمدى ئىبادەت چېدىرى ئۈچۈن ھەدىيە ئەكەلمەڭلار» دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ھەدىيە ئېلىپ كېلىشنى توختاتتى. 7 ئېلىپ كېلىنگەن ھەدىيەلەر پۈتۈن ئىبادەت چېدىرىغا يېتىپ، ئېشىپ قالاتتى. ئىبادەت چېدىرىغا كېرەكلىك نەرسىلەرنىڭ تەييارلىنىشى 8 ئىشلەمچىلەر ئىچىدىكى ئۇستا ھۈنەرۋەنلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىنى ياساشقا كېرەكلىك بولغان نەرسىلەرنى تەييارلاشقا باشلىدى. چېدىر ئۈچۈن ئون پارچە يوپۇق تەييارلىدى. بۇ يوپۇقلارنى ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىپ، قولى چېۋەر ئۇستىلار ئۇلارغا كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپلار بىلەن كېرۇبلارنىڭ سۈرىتىنى نەپىس كەشتىلىدى. 9 ھەربىر يوپۇقنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 14 مېتىر، كەڭلىكى 2 مېتىر ئىدى. 10 يوپۇقلارنى كەڭلىكلىرى تەرىپىدىن بىر-بىرىگە ئۇلاپ، بەش دانىسىنى بىر پارچە، يەنە باشقا بەش دانىسىنى بىر پارچە قىلىپ ئۇلىدى. 11-12 ئۇلانغان ھەربىر چوڭ پارچىنىڭ چېتىگە ئەللىك دانىدىن كۆك رەڭلىك ئىزمە تىكتى. بۇ ئىككى پارچىدىكى تىكىلگەن ئىزمىلەر بىر-بىرىگە ئۇدۇلمۇئۇدۇل كېلەتتى. 13 ئاندىن ئەللىك ئالتۇن ئىلمەك ياساپ، بۇ ئىككى پارچە چوڭ يوپۇقنى بىر-بىرىگە ئۇلىدى. 14 ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ يوپۇقلارنىڭ ئۈستىگە يېپىش ئۈچۈن ئۆچكە تىۋىتىدىن 11 پارچە قېلىن يوپۇق توقۇدى. 15 بۇ 11 پارچە يوپۇق ئوخشاش چوڭلۇقتا بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 15 مېتىر، كەڭلىكى 2 مېتىر ئىدى. 16 ئاندىن بۇ يوپۇقلارنى كەڭلىكلىرى تەرىپىدىن بىر-بىرىگە ئۇلاپ، بەش دانىسىنى بىر پارچە، يەنە باشقا ئالتە دانىسىنى بىر پارچە قىلىپ ئۇلىدى 17 ۋە ھەربىر چوڭ پارچىنىڭ چېتىگە ئەللىك دانىدىن ئىزمە تىكتى. 18 ئاندىن تۇچتىن ئەللىك ئىلمەك ياساپ، ئۇلارنى ئىزمىلەردىن ئۆتكۈزۈپ، بۇ ئىككى پارچە چوڭ يوپۇقنى بىر-بىرىگە ئۇلاپ، بىر پۈتۈن يوپۇق قىلدى. 19 بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە يېپىش ئۈچۈن قىزىل بويالغان قوچقار تېرىلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە يېپىش ئۈچۈن چىداملىق تېرىلەرنى تەييارلىدى. 20 ئىبادەت چېدىرى ئۈچۈن ئاكاتسىيە ياغىچىدىن تىك راملار ياسىدى. 21 ھەربىر رامنىڭ ئېگىزلىكى 5 مېتىر، كەڭلىكى 75 سانتىمېتىر ئىدى. 22 ھەربىر رامنىڭ تۆۋەن تەرىپىنى رام پۇتىغا ماسلاشتۇرۇپ ياسىدى. ھەممە راملارنى شۇنداق ياسىدى. 23 چېدىرنىڭ جەنۇب تەرىپىگە يىگىرمە رام 24 ۋە راملارنىڭ تېگىگە كۈمۈشتىن قىرىق دانە پۇت ياسىدى. ھەربىر رام ئىككىدىن پۇتقا ئورنىتىلاتتى. 25 چېدىرنىڭ شىمال تەرىپىگىمۇ يىگىرمە رام 26 ۋە ئۇلار ئۈچۈنمۇ كۈمۈشتىن قىرىق دانە پۇت ياسىدى. ھەربىر رام ئىككىدىن پۇتقا ئورنىتىلاتتى. 27 چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىگە، يەنى غەرب تەرىپىگە ئالتە دانە رام ياسىدى. 28 چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىدىكى ئىككى بۇلۇڭغا بىردىن رام ياسىدى. 29 بۇ ئىككى رام پەس ۋە يۇقىرى تەرەپلىرىدىن يان ۋە كەينىدىكى راملارنىڭ ئاخىرقى رېمىغا تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئۈستى تەرەپلىرىدىن ھالقا بىلەن مۇقىملاشتۇرۇلاتتى. ھەربىر بۇلۇڭ مۇشۇ يول بىلەن ياسىلاتتى. 30 دېمەك، چېدىرنىڭ غەرب تەرىپىدە سەككىز رام بولۇپ، ھەربىر رامنىڭ تېگىگە ئىككىدىن جەمئىي 16 دانە كۈمۈش پۇت ياسىدى. 31 بۇنىڭدىن باشقا، ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بالداقلار ياسىدى. بۇلاردىن بەش دانىسى ئىبادەت چېدىرىنىڭ بىر يېنىغا، 32 يەنە بەش دانىسى يەنە بىر يېنىغا، قالغان بەش دانىسى چېدىرنىڭ غەربىگە، يەنى كەينىگە ئىشلىتىلەتتى. 33 راملارنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىن توغرىسىغا چېتىلىدىغان بالداقلار چېدىرنىڭ بىر بېشىدىن يەنە بىر بېشىغا تۇتىشاتتى. 34 راملار ۋە بالداقلارنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى ۋە بالداقلار ئۆتكۈزۈلىدىغان ھالقىلارنىمۇ ئالتۇندىن ياسىدى. 35 ئېسىل زىغىر رەختتىن بىر پەردە تىكىپ، ئۇنىڭغا كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ بىلەن كېرۇبلارنىڭ سۈرىتىنى نەپىس كەشتىلىدى. 36 بۇ پەردە ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسالغان تۆت تۈۋرۈككە ئورنىتىلغان ئالتۇن ئىلمەكلەرگە ئېسىلاتتى. تۈۋرۈكلەرنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. بۇ تۈۋرۈكلەر كۈمۈشتىن ياسالغان تۆت پۇتقا ئورنىتىلاتتى. 37 بۇنىڭدىن باشقا، ئېسىل زىغىر رەختتىن يەنە بىر پەردە تىكىپ، ئۇنى كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ بىلەن كەشتىلىدى. بۇ پەردە ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدى تەرىپى، يەنى ئادەم كىرىدىغان تەرىپىگە ئېسىلاتتى. 38 پەردىنى ئېسىش ئۈچۈن بەش دانە تۈۋرۈك ياساپ، ئۇلارنىڭ بېشىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى ۋە بۇ تۈۋرۈكلەرگە ئالتۇن ئىلمەكلەر بېكىتىپ، تۇچتىن بەش دانە تۈۋرۈك پۇتى ياسىدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti