مىسىردىن چىقىش 35 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدەم ئېلىش كۈنىنىڭ بەلگىلىمىلىرى 1 مۇسا پۈتۈن ئىسرائىللارنى چاقىرىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشىڭلارنى بۇيرۇدى: 2 «ئىش قىلىشىڭلارغا يېتەرلىك ئالتە كۈن بار. يەتتىنچى كۈنى مۇقەددەس كۈن بولۇپ، ماڭا ئاتالغان ھەم سىلەر تولۇق دەم ئالىدىغان كۈندۇر. بۇ كۈنى ئىشلىگەنلا كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلسۇن. 3 دەم ئېلىش كۈنىدە ھەتتا ئۆز ئۆيۈڭلاردا ئوت يېقىشقىمۇ بولمايدۇ.» ئىبادەت چېدىرى ئۈچۈن ھەدىيە سۇنۇش 4 مۇسا پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە يەنە مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار تۆۋەندىكىلەرنى سىلەرگە ئەمر قىلدى: 5 «خالىغىنىڭلار مەن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە سۇنۇڭلار: ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، 6 كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يىپ، ئېسىل زىغىر رەخت، ئۆچكە تىۋىتى، 7 قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسى، چىداملىق تېرە، ئاكاتسىيە ياغىچى، 8 چىراغ ئۈچۈن زەيتۇن يېغى، مۇقەددەس ياغ، ئىسرىق ئۈچۈن خۇشبۇي ئەشيالار، 9 باش روھانىي تاقايدىغان پەرتۇق، كۆكرەكلىككە قادىلىدىغان يوللۇق ھېقىق ۋە باشقا گۆھەرلەر.» ئىبادەت چېدىرىغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەر 10 _ ئاراڭلاردىكى ماھىر ئۇستىلار كېلىپ، مەن پەرۋەردىگار بۇيرۇغان بارلىق نەرسىلەرنى ياسىسۇن: 11 يوپۇقلار، ئىلمەكلەر، راملار، توغرا بالداقلار، تۈۋرۈكلەر ۋە تۈۋرۈك پۇتلىرى، 12 ئەھدە ساندۇقى ۋە ئۇنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بالداقلار، ساندۇقنىڭ قاپقىقى، يەنى «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»، ئەھدە ساندۇقىنى توسۇپ تۇرىدىغان پەردە، 13 شىرە ۋە ئۇنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بالداقلار، شىرەگە مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەر، خۇداغا ئاتىلىدىغان نانلار، 14 چىراغدان ۋە چىراغدانغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەر، چىراغ ۋە ئۇنىڭغا ئىشلىتىلىدىغان زەيتۇن يېغى، 15 ئىسرىقدان ۋە ئۇنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بالداقلار، مۇقەددەس ياغ، خۇشبۇي ئىسرىق، چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسى، 16 قۇربانلىق سۇپىسى ۋە ئۇنىڭ تۇچ شالاسى، قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەر، قۇربانلىق سۇپىسىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بالداقلار، پاكلىنىش دېسى ۋە داس قويغۇچ، 17 ھويلىنىڭ تۆت ئەتراپىنى توسىدىغان رەختلەر، تۈۋرۈكلەر، تۈۋرۈك پۇتلىرى، ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسى، 18 قوزۇقلار، تانىلار، 19 روھانىي ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مۇقەددەس جايدا خىزمەت قىلغاندا كىيىدىغان نەپىس مۇقەددەس كىيىملەر. خەلقنىڭ ھەدىيەلىرى 20 پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى مۇسانىڭ يېنىدىن قايتىشتى. 21 قەلبى تەسىرلەنگەن ۋە ھەدىيە سۇنۇشقا رازى بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇچرىشىش چېدىرى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەرنى ياساشقا ھەمدە مۇقەددەس كىيىملەرنى تىكىشكە كېرەكلىك بولغان نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلىشتى. 22 ھەدىيە سۇنۇشقا رازى بولغان ئەرلەر ۋە ئاياللار بۇلاپكا، ھالقا، ئۈزۈك ۋە بىلەزۈك قاتارلىق ھەر خىل ئالتۇن بۇيۇملىرىنى ئەكېلىپ، پەرۋەردىگارغا ئاتىدى. 23 كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يىپ، ئېسىل زىغىر رەخت، ئۆچكە تىۋىتى، قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسى ۋە چىداملىق تېرە قاتارلىق نەرسىلىرى بارلىرى ئۇلارنى ئېلىپ كېلىپ ھەدىيە قىلىشتى. 24 كۈمۈش ياكى تۇچ ھەدىيە قىلالايدىغانلار ھەدىيەلىرىنى ئېلىپ كېلىشتى. ئاكاتسىيە ياغىچى بارلارمۇ ئۇنى ئېلىپ كېلىشتى. 25 قولى چېۋەر ئاياللار ئۆز قولى بىلەن ئېگىرگەن كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يىپلىرىنى ھەم ئېسىل زىغىر رەختلىرىنى ئېلىپ كېلىشتى. 26 قەلبى تەسىرلەنگەن، ھۈنەرگە ماھىر ئاياللار يەنە ئۆچكە تىۋىتىدىن يىپ ئېگىرىشتى. 27 ئاقساقاللار پەرتۇققا ۋە كۆكرەكلىككە قادىلىدىغان يوللۇق ھېقىق، باشقا ئېسىل تاشلار ۋە 28 چىراغ، مۇقەددەس ياغ، ئىسرىق ئۈچۈن خۇشبۇي ئەشيالار ۋە ياغلارنى ئېلىپ كېلىشتى. 29 مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، پەرۋەردىگارغا ھەدىيە سۇنۇشنى خالىغان ئىسرائىللار خالىس ھەدىيەلىرىنى ئېلىپ كېلىشىپ، پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغان بارلىق ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن تەقدىم قىلىشتى. ئىبادەت چېدىرىنى ياساش ھۈنىرى 30 مۇسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەنە مۇنداق دېدى: _ قاراڭلار! پەرۋەردىگار يەھۇدا قەبىلىسىدىن خۇرنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىنىڭ ئوغلى بولغان بىزالئېلنى تاللىدى. 31 ئۇنى ئۆز روھىغا چۆمدۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئەقىل-پاراسەت، بىلىم ۋە خىلمۇخىل ھۈنەر-سەنئەت ئىقتىدارىنى ئاتا قىلدى. 32 ئۇ ھازىر خىلمۇخىل ھۈنەرلەرنى، يەنى ئالتۇن، كۈمۈش ۋە تۇچتىن ھەر خىل نەرسىلەرنى ياساش، 33 قىممەتلىك تاشلارنى كېسىش ۋە ئۇلارنى زىننەت بۇيۇملىرىغا قويۇش ھەمدە ياغاچلارغا نەقىش ئويۇشتەك ھۈنەرلەرنى بىلىدۇ. 34 پەرۋەردىگار يەنە دان قەبىلىسىدىن ئاخىساماقنىڭ ئوغلى ئوھولىئابقىمۇ ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلدى. ئاندىن ئۇلارنى باشقىلارغا ئۇستاز قىلدى. 35 پەرۋەردىگار ئۇلارغا ئويمىچىلىق، نەققاشلىق ھۈنىرىنى، شۇنداقلا ئېسىل زىغىر رەختكە كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپلار بىلەن كەشتە تىكىش ھەمدە رەختلەرنى توقۇش قاتارلىق ھەر خىل نەپىس ھۈنەر-سەنئەت ئىقتىدارلىرىنى ئاتا قىلدى. ئۇلار ھەر خىل ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ. ئۇلار خىلمۇخىل ھۈنەرلەرگە ماھىردۇر. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti