Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

مىسىردىن چىقىش 34 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئون پەرز يېزىلغان تاختىسىنىڭ قايتا بېرىلىشى

1 پەرۋەردىگار مۇساغا: _ سەن ئىككى پارچە تاش تاختا تەييارلىغىن، ئۇلار ئالدىنقىسى بىلەن ئوخشاش بولسۇن. سەن چېقىۋەتكەن ھېلىقى تاش تاختىدىكى سۆزلەرنى شۇ ئىككى تاش تاختىغا قايتىدىن يازاي.

2 سەن ئەتە ئەتىگەنگىچە تەييارلىقىڭنى پۈتتۈرۈپ، سىناي تېغىغا چىقىپ، تاغنىڭ چوققىسىدا مەن بىلەن كۆرۈشكىن.

3 ھەرقانداق كىشى سەن بىلەن بىرگە كەلمىسۇن. تاغنىڭ ھېچ يېرىدە ئادەم بولمىسۇن، ھەتتا تاغنىڭ ئېتىكىدە چارۋا ماللىرىمۇ ئوتلىمىسۇن، _ دېدى.

4 شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئالدىنقىسىغا ئوخشاش قىلىپ، ئىككى پارچە تاش تاختا تەييارلاپ، ئەتىسى سەھەردە پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇلارنى سىناي تېغىغا ئېلىپ چىقتى.

5 پەرۋەردىگار بۇلۇت ئىچىدە پەسكە چۈشتى ۋە مۇسانىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ «ياھۋەھ» دېگەن مۇقەددەس نامىنى جاكارلىدى.

6 پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ: _ مەن «ياھۋەھ»دۇرمەن، پەرۋەردىگاردۇرمەن. مەن ئىنتايىن رەھىمدىل ۋە شەپقەتلىك خۇدادۇرمەن، ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيمەن. مەن چەكسىز مېھىر-مۇھەببەتلىك ۋە ۋاپادار خۇدادۇرمەن.

7 مېھىر-مۇھەببىتىم مىڭلىغان ئەۋلادقىچە داۋاملىشىدۇ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى، ئاسىيلىقلىرىنى ۋە سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرىمەن. لېكىن گۇناھىغا توۋا قىلمىغان گۇناھكارلارنى جازالىماي قويمايمەن، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى تاكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ئەۋلادىغىچە جازالايمەن.

8 مۇسا دەرھال يەرگە باش قويۇپ سەجدە قىلدى

9 ۋە مۇنداق دېدى: _ ئى ئىگەم، ئەگەر سەن مەندىن رازى بولغان بولساڭ، بىز ئۇ يەرگە بارغاندا، بىزگە يار بولغايسەن. بۇ خەلقنىڭ بوينى قاتتىق بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ گۇناھ ۋە سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارنى ئۆز خەلقىڭ سۈپىتىدە قوبۇل قىلغايسەن، _ دېدى.


يېڭىباشتىن ئەھدە تۈزۈش

10 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ ئەمدى مەن سىلەر بىلەن ئەھدە تۈزىمەن. مەن سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە يۈز بېرىپ باقمىغان ياكى ھېچقانداق بىر خەلق كۆرۈپ باقمىغان بۈيۈك كارامەتلەرنى كۆرسىتىمەن. ئەتراپىڭلاردىكى خەلقلەر مەن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەر ئۈچۈن كۆرسەتكەن بۈيۈك كارامەتلىرىمنى كۆرىدۇ.

11 مەن بۈگۈن سىلەرگە ئەمر-پەرمانلىرىمنى جاكارلايمەن، سىلەر ئۇلارغا رىئايە قىلىڭلار. سىلەر ئۇ زېمىنغا كىرگەن ۋاقتىڭلاردا، مەن ئامورلار، كەنئانلار، خىتلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلارنى ئۇ يەردىن قوغلاپ چىقىرىمەن.

12 ئېھتىيات قىلىڭلار، ئۇ زېمىندىكى خەلقلەر بىلەن ھەرگىز كېلىشىم تۈزمەڭلار. بولمىسا، سىلەر ئۇلارنىڭ قاپقىنىغا چۈشۈپ، ئۇلارغا ئوخشاش رەزىل يولغا كىرىپ قالىسىلەر.

13 شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى بۇزۇۋېتىڭلار، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىنى ۋە ئىلاھەسى ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى چېقىۋېتىڭلار

14 مەندىن باشقا ئىلاھلارغا سەجدە قىلماڭلار، چۈنكى مەن قىزغىنىدىغان خۇدادۇرمەن. «قىزغىنىش» مېنىڭ يەنە بىر نامىمدۇر. مەن قىزغىنىدىغان خۇدادۇرمەن.

15 ئۇ زېمىندىكى خەلقلەر بىلەن ھەرگىز كېلىشىم تۈزمەڭلار. ئۇلار ئۆز ئىلاھلىرىغا چوقۇنغان ۋە قۇربانلىق قىلغان ۋاقىتلىرىدا سىلەرنىمۇ تەكلىپ قىلىشى ۋە سىلەرنى ئۆز ئىلاھلىرىغا ئاتىغان قۇربانلىقلىرىغا ئېغىز تېگىشكە قىزىقتۇرۇشى مۇمكىن.

16 شۇنداقلا ئوغۇللىرىڭمۇ يات خەلقلەرنىڭ قىزلىرىنى نىكاھىغا ئېلىپ، مەندىن يۈز ئۆرۈشى ۋە يات ئىلاھلارغا چوقۇنۇشى مۇمكىن.

17 چوقۇنۇش ئۈچۈن بۇت ياسىماڭلار.

18 پېتىر نان ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار. مېنىڭ ئەمرلىرىمگە بىنائەن بۇ ھېيتتا ئۇدا يەتتە كۈن پېتىر نان يەڭلار. ھېيتنى زىرائەتلەر بىخ چىقارغان ئابىب ئېيىدا ئۆتكۈزۈڭلار، چۈنكى سىلەر شۇ ئايدا مىسىردىن ئايرىلدىڭلار.

19 پۈتكۈل تۇنجى ئوغۇل ۋە بارلىق تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك مال، مەيلى ئۇ كالا ياكى قوي بولسۇن، ماڭا مەنسۇپتۇر.

20 سىلەر تۇنجى ئەركەك تەخەينىڭ ئورنىغا قوي قۇربانلىق قىلساڭلارمۇ بولىدۇ. بولمىسا، تەخەينىڭ بوينىنى سۇندۇرۇپ، قۇربانلىق قىلىڭلار. ئۆز ئەۋلادلىرىڭلار ئىچىدىكى پۈتكۈل تۇنجى ئوغۇللارنى چوقۇم بەدەل تۆلەپ قايتۇرۇۋېلىڭلار. ئالدىمغا قۇرۇق قول كەلمەڭلار.

21 ئىش قىلىشىڭلارغا يېتەرلىك ئالتە كۈن بار. يەتتىنچى كۈنى مەيلى تېرىقچىلىق ياكى ئورما ئۇرۇش ۋاقتى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر چوقۇم ئارام ئېلىڭلار.

22 تۇنجى پىشقان بۇغدىيىڭلارنى ئورىغاندا، ئورما ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار. كۈزدە ھوسۇل يىغقان ۋاقتىڭلاردا، ھوسۇل يىغىش ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار.

23 بارلىق ئەرلەر ھەر يىلى ئۈچ قېتىم ئالدىمغا، يەنى ئىسرائىل خەلقى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن ئىگىسى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا كەلسۇن.

24 مەن يات خەلقلەرنى سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا زېمىنلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، زېمىنىڭلارنى كېڭەيتىمەن. سىلەر يىلدا ئۈچ قېتىم ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن يىغىلغان ۋاقتىڭلاردا، ھېچكىم سىلەرنىڭ يۇرتۇڭلارغا يامان كۆز تىكەلمەيدۇ.

25 ماڭا ئاتالغان قۇربانلىقنىڭ قېنىنى خېمىرتۇرۇچ ئارىلاشتۇرۇلغان يېمەكلىك بىلەن بىرگە ئاتىماڭلار. ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا قېلىنغان قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى ئەتىسى سەھەرگىچە ساقلىماڭلار.

26 ھەر يىلى تۇنجى ئېلىنغان ھوسۇلۇڭلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىنى ئىبادەت جايىمغا ئەكېلىپ، ماڭا، يەنى پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇداغا ئاتاڭلار. ئوغلاقنىڭ گۆشىنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە پىشۇرماڭلار.

27 پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە مۇنداق دېدى: _ بۇ دېگەنلىرىمنى خاتىرىلىۋالغىن، چۈنكى بۇ سۆزلەر مېنىڭ سەن ۋە ئىسرائىل خەلقى بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنىڭ ئاساسىدۇر. _ دېدى.

28 مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ يېنىدا قىرىق كېچە-كۈندۈز تۇردى. ئۇ جەرياندا ئۇ ھېچ نەرسە يېمىدى ھەم ئىچمىدى. پەرۋەردىگار ئەھدە سۆزلىرىنى، يەنى ئون پەرزنى ئىككى تاش تاختىغا يېزىپ بەردى.


مۇسانىڭ تاغدىن چۈشۈشى

29 مۇسا پەرزلەر يېزىلغان تاش تاختىلارنى ئېلىپ سىناي تېغىدىن چۈشتى. ئۇ پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلەشكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ چىرايىدىن نۇر ياغاتتى. بىراق ئۆزى بۇنى بىلمەيتتى.

30 ھارۇن ۋە باشقا ئىسرائىللار مۇسانىڭ چىرايىدىكى نۇرنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا يېقىن كېلىشتىن قورقۇشتى.

31 مۇسا ھارۇن ۋە جامائەت يېتەكچىلىرىنى چاقىردى، ئۇلار مۇسانىڭ ئالدىغا كەلدى. مۇسا ئۇلار بىلەن سۆزلەشتى.

32 شۇنىڭدىن كېيىن پۈتكۈل ئىسرائىللار مۇسانىڭ ئالدىغا كېلىشتى. مۇسا پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا ئۆزىگە بەرگەن قانۇننى ئۇلارغا يەتكۈزدى.

33 مۇسا ئۇلارغا سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، ياغلىق بىلەن يۈزىنى يېپىۋالدى.

34 ئۇ ھەر قېتىم ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىپ پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلەشكىنىدە، يۈزىنى ئېچىۋېتەتتى. چېدىردىن چىققان ۋاقتىدا، پەرۋەردىگار تاپشۇرغان سۆزلەرنى ئىسرائىللارغا يەتكۈزەتتى.

35 بۇنداق ۋاقىتلاردا ئىسرائىللار ئۇنىڭ يۈزىدىن نۇر يېغىۋاتقانلىقىنى كۆرەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن، مۇسا يەنە يۈزىنى يېپىۋالاتتى. پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلەشكىلى كىرگىنىدە يەنە ئېچىۋېتەتتى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan