Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

مىسىردىن چىقىش 32 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئالتۇن موزاي

1 ئىسرائىللار مۇسانىڭ شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى تاغدىن چۈشمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ھارۇننىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، ئۇنىڭغا: _ يۈرۈڭ، بىزگە بۇت ياساپ بېرىڭ، ئۇ بىزگە يول كۆرسەتسۇن. بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان مۇسانىڭ نېمە بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمىدۇق، _ دېيىشتى.

2 ھارۇن ئۇلارغا: _ خوتۇن، بالا-چاقىلىرىڭلارنىڭ قۇلىقىدىكى ئالتۇن ھالقىلارنى ماڭا ئەكېلىپ بېرىڭلار، _ دېدى.

3 ئۇلار ئالتۇن ھالقىلارنى ئېلىپ، ھارۇننىڭ ئالدىغا كېلىشتى.

4 ھارۇن ھالقىلارنى ئېرىتىپ، موزاينىڭ بۇتىنى ياسىدى. خەلق: _ ئەي ئىسرائىللار، بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ئىلاھىمىز مانا مۇشۇ! _ دېيىشتى.

5 ھارۇن بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئالتۇن موزاي بۇتنىڭ ئالدىغا بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىدى ۋە: _ ئەتە پەرۋەردىگار ئۈچۈن ھېيت قىلىمىز، _ دەپ ئېلان قىلدى.

6 ئەتىسى سەھەردە، خەلق كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقىنى قىلدى. ئاندىن كېيىن ئولتۇرۇپ خالىغانچە يەپ-ئىچىشىپ، كەيپ-ساپا قىلىشتى.

7 پەرۋەردىگار مۇساغا: _ سەن دەرھال تاغدىن چۈشكىن! چۈنكى سەن مىسىردىن ئېلىپ چىققان خەلقىڭ تاپتىن چىقتى.

8 ئۇلار مەن كۆرسەتكەن يولدىن تېزلا چەتنەپ، ئالتۇندىن موزاي بۇت ياساپ، ئۇنىڭغا چوقۇندى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشتى. ئۇلار: «بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ئىلاھىمىز مانا مۇشۇدۇر» دېيىشتى.

9 مەن بۇ خەلقنىڭ بوينىنىڭ ئىنتايىن قاتتىقلىقىنى بىلدىم.

10 ئەمدى سەن مېنى توسما، مەن ئۇلارغا غەزىپىمنى چۈشۈرىمەن ۋە ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن. لېكىن سېنى ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى بۈيۈك بىر ئەل قىلىمەن، _ دېدى.

11 لېكىن مۇسا پەرۋەردىگارى بولغان خۇداغا مۇنداق دېدى: _ ئى پەرۋەردىگار، ئۆز خەلقىڭگە نېمىشقا بۇنداق غەزەپلىنىسەن؟ ئۇلارنى سەن يۈكسەك كۈچ-قۇدرىتىڭ ۋە قۇدرەتلىك قولۇڭ بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىقمىغانمىدىڭ؟

12 سەن نېمە ئۈچۈن مىسىرلىقلارنىڭ «ئۇلارنىڭ خۇداسى ئۇلارنى تاغ-دالالاردا ھالاك قىلىش، يەر يۈزىدىن يوق قىلىش ئۈچۈن مەقسەتلىك ھالدا مىسىردىن ئېلىپ چىققانىكەن» دېيىشىگە سەۋەب تېپىپ بېرىسەن؟ غەزىپىڭنى بېسىۋېلىپ، نىيىتىڭدىن يانغايسەن. ئۆز خەلقىڭگە چوڭ بالايىئاپەت چۈشۈرمىگەيسەن.

13 خىزمەتكارلىرىڭ بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارنى ئەسلىگەيسەن. سەن ئۆز نامىڭ بىلەن قەسەم قىلىپ، ئۇلارغا: «ئەۋلادلىرىڭلارنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ قىلىمەن. مەن بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىننى ئەۋلادلىرىڭغا مەڭگۈلۈك مىراس قىلىپ بېرىمەن» دېگەنىدىڭ، _ دېدى.

14 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار نىيىتىدىن يېنىپ، ئۆز خەلقىگە بالايىئاپەت چۈشۈرمىدى.

15 مۇسا ئىككى يۈزىگە پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختىنى ئېلىپ تاغدىن چۈشتى.

16 بۇ ئىككى تاش تاختىغا پەرزلەرنى خۇدا ئەجىر سىڭدۈرۈپ، ئۆز قولى بىلەن يازغانىدى.

17 يوشۇۋا خەلقنىڭ چۇقان-سۈرەنلىرىنى ئاڭلاپ، مۇساغا: _ قارارگاھتىن ئۇرۇشنىڭ چۇقان-سۈرەنلىرى كېلىۋاتقاندەك قىلىدۇ! _ دېدى.

18 مۇسا ئۇنىڭغا: _ بۇ ئاۋاز جەڭ غەلىبىسىنىڭ تەنتەنىسى ياكى مەغلۇبىيەتنىڭ پەريادىمۇ ئەمەس، بەلكى ناخشا-كۈينىڭ ساداسىدۇر! _ دېدى.

19 مۇسا قارارگاھقا يېقىن كېلىپ، موزاي بۇت ۋە ئۇسسۇلغا چۈشكەن خەلقنى كۆرۈپ، غەزىپىنى باسالماي، قولىدىكى ئىككى تاش تاختىنى تاغنىڭ ئېتىكىدە يەرگە ئۇرۇپ چېقىۋەتتى.

20 ئاندىن ئۇ خەلقنىڭ ياسىۋالغان موزاي بۇتىنى كۆيدۈرۈپ، ئۇنى كۈلدەك ئېزىپ، سۇغا چېچىۋەتتى ۋە ئىسرائىللارغا ئۇ سۇنى ئىچكۈزدى.

21 مۇسا ھارۇنغا: _ بۇ كىشىلەرنى شۇنچە چوڭ گۇناھقا پاتتۇرغۇدەك، ئۇلار ساڭا نېمە يامانلىق قىلغانىدى؟ _ دېدى.

22 ھارۇن مۇنداق جاۋاب بەردى: _ ماڭا خاپا بولمىغايسەن. بۇ كىشىلەرنىڭ يامانلىق قىلىش نىيىتىنىڭ بارلىقىدىن خەۋىرىڭ بار. ئۇلار ماڭا:

23 «بىزگە يول كۆرسىتىدىغان بۇت ياساپ بېرىڭ! بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ھېلىقى مۇسانىڭ نېمە بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمىدۇق» دېدى.

24 مەن ئۇلارغا: «ئالتۇن زىننەت بۇيۇملىرىڭلارنى ئەكېلىڭلار» دېدىم. ئۇلار ئالتۇن بۇيۇملىرىنى ئەكېلىپ ماڭا تاپشۇردى. مەن بۇ ئالتۇن زىننەت بۇيۇملارنى ئوتقا تاشلىۋىدىم، ئۇلار ئوتتىن مۇشۇ موزاي بولۇپ چىقتى.

25 مۇسا ھارۇننىڭ خەلقنى باشقۇرۇشقا ئامالسىز قالغانلىقى سەۋەبىدىن خەلق باشباشتاق بولۇپ، دۈشمەنلىرىنىڭ مەسخىرىسىگە قالغانلىقىنى بىلدى.

26 ئۇ قارارگاھنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ: _ پەرۋەردىگار تەرەپتە تۇرىدىغانلار يېنىمغا كېلىڭلار! _ دەپ ۋارقىرىغانىدى، پۈتكۈل لاۋىيلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا يىغىلدى.

27 مۇسا ئۇلارغا: _ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا سىلەرنىڭ قىلىچىڭلارنى قولۇڭلارغا ئېلىپ، قارارگاھنى ئارىلاپ يۈرۈپ، قېرىندىشىڭلارنى، دوست-بۇرادىرىڭلارنى ۋە قوشناڭلارنى ئۆلتۈرۈشۈڭلارنى بۇيرۇدى، _ دېدى.

28 لاۋىيلار مۇسانىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ئۇ كۈنى ئىسرائىل خەلقىدىن تەخمىنەن ئۈچ مىڭ ئادەمنى قىرىۋەتتى.

29 مۇسا لاۋىيلارغا: _ بۈگۈن ئۆزۈڭلارنى پەرۋەردىگارىڭلارغا ئاتىدىڭلار. سىلەر بۈگۈن ھەتتا ئۆز ئوغۇللىرىڭلار ۋە ئۆز قېرىنداشلىرىڭلارنىمۇ ئايىمىغىنىڭلار ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ ئىلتىپاتىغا مۇيەسسەر بولدۇڭلار، _ دېدى.

30 ئەتىسى مۇسا خەلققە: _ مەن يەنە تاغقا، پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا چىقىمەن. بەلكىم سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ كەچۈرۈمىگە ئىگە بولالىشىڭلار مۇمكىن، _ دېدى.

31 شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا بېرىپ: _ بۇ خەلق ئالتۇندىن بۇت ياساپ، چوڭ گۇناھ قىلدى.

32 ئۇلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرگەيسەن. بولمىسا، مېنىڭ ئىسمىمنى پۈتۈكۈڭدىن ئۆچۈرۈۋەتكەيسەن، _ دېدى.

33 پەرۋەردىگار مۇساغا: _ كىم گۇناھ قىلسا، شۇنىڭ ئىسمىنى پۈتۈكۈمدىن ئۆچۈرۈۋېتىمەن.

34 ئەمدى سەن خەلقنى مەن ساڭا كۆرسەتكەن جايغا ئېلىپ بار. مېنىڭ پەرىشتەم ئالدىڭدا يول باشلاپ ماڭىدۇ. لېكىن ۋاقتى كەلگەندە، مەن ئۇلارنى ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ئۈچۈن جازالايمەن، _ دېدى.

35 پەرۋەردىگار خەلق ئىچىگە ۋابا چۈشۈردى. چۈنكى ئۇلار ھارۇن ياساپ بەرگەن ئالتۇن موزايغا چوقۇنغانىدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan