مىسىردىن چىقىش 31 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىھۈنەرۋەنلەرنىڭ تاللىنىشى 1 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: 2 _ قارا! مەن يەھۇدا قەبىلىسىدىن خۇرنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىنىڭ ئوغلى بولغان بىزالئېلنى تاللىدىم. 3 ئۇنى ئۆز روھىمغا چۆمدۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئەقىل-پاراسەت، بىلىم ۋە خىلمۇخىل ھۈنەر-سەنئەت ئىقتىدارىنى ئاتا قىلدىم. 4 ئۇ ھازىر خىلمۇخىل ھۈنەرلەرنى، يەنى ئالتۇن، كۈمۈش ۋە تۇچتىن ھەر خىل نەرسىلەرنى ياساش، 5 قىممەتلىك تاشلارنى كېسىش ۋە ئۇلارنى زىننەت بۇيۇملىرىغا قويۇش ھەمدە ياغاچلارغا نەقىش ئويۇشتەك ھۈنەرلەرنى بىلىدۇ. 6 مەن يەنە دان قەبىلىسىدىن ئاخىساماقنىڭ ئوغلى ئوھولىئابنى ئۇنىڭغا ياردەمچىلىككە تاللىدىم. ھەممە ھۈنەرۋەنلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلىپ، مەن بۇيرۇغان نەرسىلەرنى ياساش ئىقتىدارىنى بەردىم. 7 ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى تۆۋەندىكى نەرسىلەرنى تەييارلاشتۇر: ئۇچرىشىش چېدىرى ۋە چېدىردىكى بارلىق نەرسىلەر، يەنى ئەھدە ساندۇقى، «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»، 8 شىرە ۋە شىرەگە مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەر، ئالتۇن چىراغدان ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەر، ئىسرىقدان، 9 كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسى ۋە قۇربانلىق سۇپىسىغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەر، پاكلىنىش دېسى ۋە داس قويغۇچ، 10 ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى روھانىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندە كىيىدىغان نەپىس مۇقەددەس كىيىملەر، 11 مۇقەددەس ياغ ۋە مۇقەددەس جايدا ئىشلىتىلىدىغان خۇشبۇي ئىسرىقلار. ئۇلار بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مېنىڭ ئەمرىم بويىچە قىلسۇن. دەم ئېلىش كۈنىگە قاتتىق ئەمەل قىلىش 12-13 پەرۋەردىگار تۆۋەندىكى سۆزلەرنى ئىسرائىللارغا يەتكۈزۈشنى مۇساغا تاپىلىدى: _ سىلەر مەن بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنىگە چوقۇم ئەمەل قىلىڭلار. چۈنكى دەم ئېلىش كۈنى سىلەر بىلەن مېنى ئەۋلادمۇئەۋلاد باغلاپ تۇرىدىغان بىر بەلگىدۇر. سىلەر بۇ ئارقىلىق سىلەرنى پاك قىلغۇچىنىڭ مەن پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ تۇرىسىلەر. 14 سىلەر دەم ئېلىش كۈنىگە قاتتىق ئەمەل قىلىڭلار، چۈنكى بۇ مۇقەددەس كۈندۇر. كىمدەكىم بۇ كۈنگە ھۆرمەت قىلماي، ئادەتتىكى كۈندىكىدەك ئىشلىسە، خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىلىپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسۇن. 15 ئالتە كۈن ئىش كۈنىدۇر، لېكىن يەتتىنچى كۈنى ماڭا ئاتالغان دەم ئېلىش كۈنىدۇر. بۇ كۈنى ئىش قىلغان كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلسۇن. 16 ئىسرائىللار بۇ دەم ئېلىش كۈنىگە ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئەمەل قىلسۇن، بۇ مەڭگۈلۈك ئەھدىدۇر. 17 دەم ئېلىش كۈنىگە ئەمەل قىلىش مەن بىلەن ئىسرائىللار ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ئەھدىنىڭ مەڭگۈلۈك بەلگىسىدۇر. چۈنكى مەن پەرۋەردىگار پۈتۈن ئالەمنى ئالتە كۈندە ياراتتىم، يەتتىنچى كۈنى ئىش قىلمىدىم، ئارام ئالدىم. 18 خۇدا سىناي تېغىدا مۇساغا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختىنى ئۇنىڭغا تاپشۇردى. تاش تاختىغا پەرزلەر خۇدا تەرىپىدىن ئۆز قولى بىلەن يېزىلغانىدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti