مىسىردىن چىقىش 30 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىئىسرىقدان 1 _ ئىسرائىللار ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بىر ئىسرىقدان ياسىسۇن. 2 ئىسرىقدان تۆت چاسا بولسۇن، ئېگىزلىكى بىر مېتىر، ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى يېرىم مېتىردىن بولسۇن. ئىسرىقداننىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكى ئىسرىقدان بىلەن بىر پۈتۈن ياسالسۇن. 3 ئۈستى، تۆت ئەتراپى ۋە بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلىنىپ، ئۈستى تەرىپىنىڭ چۆرىسى ئالتۇن بىلەن نەقىشلەنسۇن. 4 ئىسرىقداننى كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئىككى تەرىپىگە ئىككىدىن ئالتۇن ھالقا ياسىلىپ، ئالتۇن نەقىشنىڭ ئاستى تەرىپىگە ئورنىتىلسۇن. 5 بالداقلارمۇ ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىلىپ، ئالتۇن بىلەن قاپلانسۇن. 6 ئىسرىقدان ئەھدە ساندۇقىنى توسۇپ تۇرغان پەردىنىڭ سىرتىغا، ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»غا قارىتىپ قويۇلسۇن. ئۇ يەر مەن سەن بىلەن ئۇچرىشىدىغان يەردۇر. 7 ھەر كۈنى ئەتىگەنلىكى باش روھانىي ھارۇن چىراغلاردىن خەۋەر ئالغىلى كەلگەندە، ئىسرىقداندا خۇشبۇي ئىسرىقلارنى كۆيدۈرسۇن. 8 گۇگۇم ۋاقتىدا چىراغلارنى ياققاندىمۇ ئىسرىقداندا ئىسرىق كۆيدۈرسۇن. ھۇزۇرۇمدا ئىسرىق سېلىش دائىملىق قائىدە سۈپىتىدە ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە داۋاملاشسۇن. 9 ئىسرىقداندا مەنئى قىلىنغان ئىسرىقلار ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىق كۆيدۈرۈلمىسۇن ھەمدە ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسىمۇ سۇنۇلمىسۇن. 10 ھارۇن ھەر يىلى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە بوغۇزلانغان مالنىڭ قېنىنى ئىسرىقداننىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سېپىپ، ئىسرىقداننى پاكلىسۇن. بۇ مۇراسىم ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە داۋاملاشسۇن. چۈنكى بۇ ئىسرىقدان مەن پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئەڭ مۇقەددەستۇر. ھاياتى ئۈچۈن تۆلىنىدىغان بەدەل پۇللار 11 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: 12 _ سەن ئىسرائىللارنىڭ نوپۇسىنى تەكشۈرگەن ۋاقتىڭدا، رويخەتكە ئېلىنغان ھەربىر ئەر ھاياتى ئۈچۈن ماڭا بەدەل پۇلى تۆلىسۇن. شۇندىلا مەن ئۇلارغا بالا-قازا كەلتۈرمەيمەن. 13 رويخەتكە ئېلىنغانلار تۆلەيدىغان بەدەل پۇلى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە كىشى بېشىغا ئالتە گىرامدىن كۈمۈش بولسۇن. بۇ مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ھەدىيە ھېسابلانسۇن. 14 يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ بەدەل پۇلىنى مەن پەرۋەردىگار ئۈچۈن تۆلىسۇن. 15 ھاياتى ئۈچۈن تۆلىنىدىغان بەدەل پۇللارنى بايلار ئارتۇق، كەمبەغەللەر كەم تاپشۇرۇپ قويمىسۇن. 16 ھاياتى ئۈچۈن تۆلەنگەن بەدەل پۇللار ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ خىراجىتى قىلىنسۇن. بۇ پۇللار ھاياتلىرىنىڭ بەدىلى سۈپىتىدە ئىسرائىللارنى مەن پەرۋەردىگارغا ئەسلىتىپ تۇرىدۇ. پاكلىنىش دېسى 17 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: 18 _ ئىسرائىللار تۇچتىن بىر پاكلىنىش دېسى ۋە داس قويغۇچ ياساپ، ئۇنى ئۇچرىشىش چېدىرى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويسۇن ۋە ئىچىگە سۇ تولدۇرسۇن. 19-20 ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى چېدىرغا كىرگەندە ياكى قۇربانلىق سۇپىسىغا قۇربانلىق سۇنغىلى كەلگەندە، بۇ داستىكى سۇدا پۇت-قوللىرىنى يۇيسۇن. بولمىسا، ئۇلار ئۆلتۈرۈلىدۇ. 21 ئۇلار پۇت- قوللىرىنى چوقۇم يۇيسۇن، شۇندىلا ئۇلار ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. بۇ ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئەمەل قىلىدىغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بولسۇن. مۇقەددەس ياغ تەييارلاش ئۇسۇلى 22 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: 23 _ ئىسرائىللار مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئەڭ ئېسىل خۇشبۇي ئەشيالاردىن، يەنى مۇرمەككى سۇيۇقلۇقىدىن 6 كىلو، قوۋزاقدارچىندىن 3 كىلو، پۇراقلىق ئېگىردىن 3 كىلو، 24 گۈلدارچىندىن 6 كىلو ۋە زەيتۇن يېغىدىن 4 لىتىر تەييارلاپ، 25 ئۇلارنى ئالاھىدە ئۇسۇل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، مۇقەددەس ياغ ياسىسۇن. 26 بۇ ياغ بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرى، ئەھدە ساندۇقى، 27 شىرە ۋە ئۇنىڭدىكى قاچا-قۇچىلار، چىراغدان ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەر، ئىسرىقدان، 28 كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەر، پاكلىنىش دېسى ۋە داس قويغۇچ قاتارلىقلار ياغلىنىپ، 29 ماڭا بېغىشلانسۇن. بۇ نەرسىلەرگە روھانىيلاردىن سىرت ھەرقانداق ئادەم تەگسە بولمايدۇ، چۈنكى بۇ نەرسىلەر مۇقەددەستۇر. 30 ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ماڭا بېغىشلىنىپ، ھۇزۇرۇمدا روھانىيلىق قىلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭمۇ بېشىغا ياغ قۇيغىن. 31 ئىسرائىللارغا شۇنى ئېيتقىنكى، بۇ مۇقەددەس ياغ ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە پەقەت مېنىڭ خىزمىتىمنى قىلغاندا ئىشلىتىلسۇن. 32 ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلمىسۇن ھەم بۇ ياغنىڭ ئوخشىشىمۇ ياسالمىسۇن. چۈنكى بۇ ياغ مۇقەددەستۇر. سىلەرمۇ بۇ ياغنى چوقۇم مۇقەددەس دەپ بىلىڭلار. 33 كىمدەكىم بۇ ياغنىڭ ئوخشايدىغىنىنى ياسىسا ۋە روھانىيلاردىن باشقا ھەرقانداق كىشىگە سۈركىسە، ئۇ خەلقىم قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. ئىسرىق ياساش ئۇسۇلى 34 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ يېلىم، قۇلۇلە قېپى تالقىنى، دېۋىرقاي ۋە ساپ مەستىكى رۇمىدىن ئوخشاش مىقداردا ئېلىنىپ، 35 ئۇلار ئادەتتىكى خۇشبۇي بۇيۇم ياساش ئۇسۇلى بويىچە تەڭشىلىپ، ئاندىن ئۇلارغا ئازراق تۇز ئارىلاشتۇرۇلۇپ، ساپ ۋە مۇقەددەس ئىسرىق ياسالسۇن. 36 بۇ ئىسرىقلاردىن ئازراق ئېلىنىپ، تالقاندەك ئۇششاق يانجىلىپ، ئۇچرىشىش چېدىرى ئىچىدىكى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا قويۇلسۇن. مەن ئۇ يەردە سىلەر بىلەن ئۇچرىشىمەن. سىلەر بۇ ئىسرىقنى ئەڭ مۇقەددەس ئىسرىق، دەپ بىلىڭلار. 37 لېكىن سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن بۇ خىل ئۇسۇلدا ئىسرىق ياسىماڭلار. چۈنكى بۇ خىل ئىسرىق پەقەت مەن پەرۋەردىگارغىلا مەنسۇپتۇر. 38 ئۆزلىرى ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن بۇ خىل ئىسرىققا ئوخشىتىپ ئىسرىق ياسىغانلارنىڭ ھەممىسى خەلقىم قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti