مىسىردىن چىقىش 29 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ روھانىي بولۇشى 1 _ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگەندە، تۆۋەندىكى قائىدە-يوسۇن بويىچە ئىش كۆرگىن: بۇقىدىن بىرنى ۋە بېجىرىم قوچقاردىن ئىككىنى تاللىغىن. 2 يەنە سۈپەتلىك بۇغداي ئۇنىدىن پېتىر نان، زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان پېتىر توقاچ ۋە زەيتۇن يېغى سۈرتۈلگەن نېپىز پېتىر نانلار تەييارلىغىن. 3 ئاندىن بۇ نانلارنى سېۋەتكە سېلىپ، بىر تۇياق بۇقا، ئىككى تۇياق قوچقار بىلەن بىرلىكتە ئۇچرىشىش چېدىرىغا ئېلىپ كەلگىن. 4 ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى چېدىرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، بويىنى سۇغا سالغىن. 5 ئاندىن ھارۇنغا تونچە كۆڭلەك، پەرىجە ۋە پەرتۇقنى كىيدۈرگىن. ئۇنىڭدىن كېيىن پەرتۇقنىڭ ئۈستىگە كۆكرەكلىكنى تاقاپ، پەرتۇقنىڭ نەپىس توقۇلغان بەل تاسمىسىنى باغلاپ قويغىن. 6 بېشىغا سەللە يۆگەپ، سەللىنىڭ ئالدىغا ئالتۇن قاداقنى تاقاپ قويغىن. 7 ئۇنىڭدىن كېيىن، مۇقەددەس ياغنى ئۇنىڭ بېشىغا قۇيۇپ، ئۇنى روھانىي قىلىپ تەيىنلىگىن. 8 ئاندىن ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىغىمۇ تونچە كۆڭلەك 9 ۋە باش كىيىم كىيدۈرۈپ، بەللىرىگە پوتا باغلىغىن. شۇندىلا ئۇلار بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بويىچە روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە ئېرىشىدۇ. سەن مۇشۇ بەلگىلىمە بويىچە ئۇلارنى مۇقەددەس ۋەزىپىگە ئاجراتقىن. 10 سەن بۇقىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلگىن. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى بۇقىنىڭ بېشىغا قويسۇن. 11 ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا، يەنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا بۇقىنى بوغۇزلىغىن، 12 ئاندىن قېنىدىن ئازراق ئېلىپ، بارمىقىڭ بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سۈركەپ قويغىن. قالغان قاننى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆككىن. 13 بۇقىنىڭ چاۋا مايلىرى، جىگىرىنىڭ ئەڭ ياخشى يېرى، ئىككى بۆرىكى ۋە بۆرەك مېيىنى چىقىرىۋېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرگىن. 14 لېكىن بۇقىنىڭ تېرىسى، گۆشى ۋە ئۈچىيىنى قارارگاھنىڭ سىرتىدا كۆيدۈرگىن. مانا بۇ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىدۇر. 15 ئاندىن قوچقارلاردىن بىرنى ئېلىپ كەلگىن، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى قوچقارنىڭ بېشىغا قويسۇن. 16 سەن قوچقارنى بوغۇزلاپ، قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چاچقىن 17 ۋە قوچقارنى پارچىلىغىن. ئىچ-قارنى ۋە پۇت-پاچاقلىرىنى پاكىز تازىلاپ، قۇربانلىق سۇپىسى ئۈستىدىكى پارچىلانغان گۆش ۋە باشنىڭ ئۈستىگە قويغىن، 18 ئاندىن ئۇلارنى كۆيدۈرگىن. مانا بۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىقتۇر. بۇ مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ. 19 ئۇنىڭدىن كېيىن ئىككىنچى قوچقارنى ئېلىپ كەلگىن. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى ئۇنىڭ بېشىغا قويسۇن. 20 سەن بۇ قوچقارنى بوغۇزلاپ، قېنىدىن ئازراق ئېلىپ، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغا، ئوڭ قولىنىڭ ۋە ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا سۈركەپ قويغىن. ئېشىپ قالغان قاننى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چاچقىن. 21 ئاندىن مۇقەددەس ياغ ۋە قۇربانلىق سۇپىسىدىكى قاندىن ئازراق ئېلىپ، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ھەم ئۇلارنىڭ كىيىملىرىگە چاچقىن. مۇشۇنداق بولغاندا، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ كىيىملىرىمۇ مۇقەددەس بولىدۇ. 22 قوچقارنىڭ مايلىرىنى، يەنى قۇيرۇق مېيى، چاۋا مايلىرى، بۆرەك مېيى، شۇنداقلا جىگىرىنىڭ ئەڭ ياخشى يېرى، ئىككى بۆرىكى ۋە ئوڭ يانپىشىنى چىقىرىۋالغىن. چۈنكى قوچقار ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ روھانىيلىققا تەيىنلىنىش مۇراسىمىغا ئىشلىتىلىدۇ. 23 بۇنىڭدىن سىرت، ھۇزۇرۇمدىكى نانلار سېلىنغان سېۋەتتىن بىر دانە پېتىر نان، بىر دانە زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان پېتىر توقاچ ۋە بىر دانە نېپىز پېتىر نان ئېلىپ، 24 ئۇلارنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قوللىرىغا تۇتقۇزغىن. ئۇلار بۇ نەرسىلەرنى ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرسۇن. 25 ئاندىن سەن بۇ نەرسىلەرنى ئۇلارنىڭ قولىدىن ئېلىپ، ئۇلارنى قۇربانلىق سۇپىسىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بىلەن بىرگە كۆيدۈرۈپ، مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى قىلغىن. 26 سەن ھارۇننىڭ روھانىيلىققا تەيىنلىنىش مۇراسىمىدا ئىشلىتىلگەن قوچقارنىڭ تۆشىنى قولۇڭغا ئېلىپ، ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرگىن. ئۇ سېنىڭ نېسىۋەڭ بولسۇن. 27 روھانىيلىققا تەيىنلىنىش مۇراسىمىدا ئىشلىتىلگەن قوچقارنىڭ پارچىلىرى، يەنى سۇنۇلغان يانپاش ۋە ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرۈلگەن تۆش مۇقەددەستۇر. بۇلار ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋە بولسۇن. 28 بۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىللار ھەر قېتىم ئامانلىق قۇربانلىقى سۇنغاندا، بۇلار ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈلۈشى بولىدۇ. 29 ھارۇننىڭ كىيىملىرى ئۇنىڭ ئورنىغا روھانىي بولىدىغان ئوغۇللىرىغا تەۋە بولسۇن. ئۇلار مۇقەددەس ياغ سۈركىلىپ، روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەندە، بۇ كىيىملەرنى كىيسۇن. 30 ھارۇننىڭ روھانىيلىققا تەيىنلەنگەن ئوغلى مۇقەددەس جايدا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئۇچرىشىش چېدىرىغا تۇنجى كىرگەندە، بۇ مۇقەددەس كىيىمنى ئۇدا يەتتە كۈن كىيىپ يۈرسۇن. 31 روھانىيلىققا تەيىنلىنىش مۇراسىمىدا ئىشلىتىلگەن قوچقارنىڭ گۆشى مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا پىشۇرۇلسۇن. 32 ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوچقارنىڭ گۆشى ۋە سېۋەتتىكى نانلارنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا يېسۇن. 33 ئۇلار گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش ھەم روھانىيلىققا تەيىنلىنىش مۇراسىمىدا ئىشلىتىلگەن تائاملارنى پەقەت ئۆزلىرىلا يېسۇن، باشقىلار يېمىسۇن. چۈنكى بۇ تائاملار مۇقەددەستۇر. 34 ئەگەر گۆش ۋە نانلار ئەتىسى سەھەرگىچە يېيىلمىگەن بولسا، يېيىلمىسۇن، كۆيدۈرۈۋېتىلسۇن. چۈنكى بۇ تائاملار مۇقەددەستۇر. 35 سەن مېنىڭ ئەمرىم بويىچە ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يەتتە كۈنگىچە ۋەزىپىگە تەيىنلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزگىن. 36 ھەر كۈنى بىر بۇقىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنى پاكلىغىن ۋە ئۇنىڭغا زەيتۇن يېغى سۈركەپ، ماڭا بېغىشلىغىن. 37 قۇربانلىق سۇپىسىنى ئۇدا يەتتە كۈن گۇناھتىن ساقىت قىلىنىش ئورنى سۈپىتىدە پاكلىغىن. شۇندىلا قۇربانلىق سۇپىسى ئەڭ مۇقەددەس ئورۇنغا ئايلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، قۇربانلىق سۇپىسىغا روھانىيلاردىن سىرت ھەرقانداق ئادەم تەگسە بولمايدۇ، چۈنكى قۇربانلىق سۇپىسى مۇقەددەستۇر. كۈندىلىك قۇربانلىق توغرىسىدا 38 _ ھەر كۈنى قۇربانلىق سۇپىسىدا بىر ياشلىق پاقلاندىن ئىككىسى قۇربانلىق قىلىنسۇن. 39 ئۇلارنىڭ بىرى ئەتىگەندە، يەنە بىرى گۇگۇم چۈشكەندە قىلىنسۇن. 40 بىرىنچى قويغا بىر لىتىر ساپ زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان بىر كىلو سۈپەتلىك ئۇن قوشۇپ ئاتالسۇن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بىر لىتىر شارابمۇ ئىچىملىك ھەدىيەسى سۈپىتىدە ئاتالسۇن. 41 گۇگۇم چۈشكەندە قۇربانلىق قىلىنغان ئىككىنچى قويغا قوشۇپ ئاتىلىدىغان ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسىمۇ ئەتىگەندىكىگە ئوخشاش قىلىنسۇن. بۇ نەرسىلەر مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ. 42 كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا، يەنى مەن پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا قىلىنسۇن، بۇ قائىدە ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە داۋام قىلسۇن. مەن بۇ يەردە ئىسرائىل خەلقى بىلەن ئۇچرىشىمەن ۋە سەن بىلەن سۆزلىشىمەن. 43 بۇ يەر مېنىڭ ئىسرائىللار بىلەن ئۇچرىشىدىغان يېرىمدۇر. بۇ يەر مېنىڭ پارلاق نۇرۇم بىلەن مۇقەددەس بولىدۇ. 44 مەن ئۇچرىشىش چېدىرى ۋە قۇربانلىق سۇپىسىنىلا مۇقەددەس قىلىپ قالماستىن، بەلكى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ روھانىيلىق قىلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىمۇ مۇقەددەس قىلىمەن. 45 مەن ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا ياشايمەن ۋە ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. 46 ئۇلار مېنىڭ ئۆزلىرىنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان خۇدا ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ ھەمدە مېنىڭ ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىشىم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشىشىم ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى خۇدادۇرمەن. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti