مىسىردىن چىقىش 28 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىروھانىيلارنىڭ مۇقەددەس كىيىملىرى 1 _ ئىسرائىللار ئىچىدىن ئاكاڭ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ناداب، ئابىھۇ، ئەلئازار ۋە ئىتامارلارنى روھانىيلىققا تەيىنلىگىن. 2 ئاكاڭ ھارۇننىڭ سالاپىتى ۋە ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۇنىڭغا مۇقەددەس روھانىيلىق كىيىمى تەييارلىغىن. 3 بۇ كىيىملەرنى ئىقتىدار ئاتا قىلىنغان بارلىق ئۇستىلارغا بۇيرۇغىن، ئۇلار ھارۇننىڭ كىيىملىرىنى تىكسۇن. ھارۇن ماڭا بېغىشلىنىپ، مېنىڭ روھانىيلىق خىزمىتىنى قىلىدۇ. 4 ئۇلار كۆكرەكلىك، پەرتۇق، پەرىجە، كەشتىلەنگەن تونچە كۆڭلەك، سەللە ۋە پوتىلارنى تەييار قىلسۇن. ئۇلار بۇ مۇقەددەس كىيىم-كېچەكلەرنى ئاكاڭ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ روھانىيلىق قىلىدىغان ئوغۇللىرى ئۈچۈن تەييارلىسۇن. 5 ئۇستىلار بۇلارنى ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىپ، زەر يىپ، كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ بىلەن كەشتىلىسۇن. پەرتۇقنىڭ لايىھەسى 6 _ پەرتۇقنى قولى چېۋەر ئۇستىلار ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىپ، زەر يىپ، كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ بىلەن كەشتىلىسۇن. 7 پەرتۇقنىڭ ئىككى دانە مۈرە تاسمىسى بولسۇن. پەرتۇقنىڭ ئالدى ۋە كەينى قىسمى بۇ ئىككى تاسما ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلسۇن. 8 پەرتۇقنىڭ بەل تاسمىسى پەرتۇققا ئوخشاش ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىلىپ، زەر يىپ، كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپلار بىلەن كەشتىلىنىپ، پەرتۇققا ئۇلانسۇن. 9 ئىككى دانە يوللۇق ھېقىق تېپىپ كېلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ، يەنى ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى ئوغلىنىڭ ئىسىملىرى ئويۇلسۇن. 10 بىر تاشتا ئالتىدىن ئىسىم بولسۇن. تاشقا ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى تۇغۇلۇش تەرتىپى بويىچە 11 ئۇستىلار تەرىپىدىن مۆھۈرگە ئويۇلىدىغان نەقىشلەردەك ئويۇلسۇن. ئاندىن بۇ ئىككى تاش ئالتۇن كۆزلۈككە قويۇلۇپ، 12 پەرتۇقنىڭ ئىككى دانە مۈرە تاسمىسىغا قادىلىپ، ئىسرائىللارنىڭ خاتىرە تېشى قىلىنسۇن. ھارۇن ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى مۈرىسىگە مانا مۇشۇنداق بېكىتىپ، ماڭا، يەنى مەن پەرۋەردىگارغا خەلقىمنى دائىم ئەسلىتىپ تۇرىدۇ. 13-14 ئۇنىڭدىن باشقا، ساپ ئالتۇندىن ئىككى دانە ئۆرۈمە زەنجىر سوقۇلۇپ، كۆزلۈكلەرنىڭ ئاستىدىكى ھالقىلارغا ئۇلانسۇن. كۆكرەكلىكنىڭ ياسىلىشى 15 _ سەن خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلىش ئۈچۈن تاقىلىدىغان كۆكرەكلىكنى قولى چېۋەر ئۇستىلارغا تىكتۈرگىن. تىكىلىش ئۇسۇلى پەرتۇق بىلەن ئوخشاشتۇر. ئۇ ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىلىپ، زەر يىپ، كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ بىلەن كەشتىلەنسۇن. 16 كۆكرەكلىك تىكىلىدىغان رەخت ئىككى قاتلىنىپ، تۆت چاسا قىلىنىپ خالتا شەكلىدە تىكىلسۇن. كۆكرەكلىكنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكىمۇ ئوخشاشلا 25 سانتىمېتىردىن بولسۇن. 17 كۆكرەكلىكنىڭ ئۈستىگە تۆت قۇر گۆھەر قادالسۇن. بىرىنچى قۇرىغا قىزىل ياقۇت، توپاز ۋە زۇمرەت قادالسۇن. 18 ئىككىنچى قۇرىغا فىرۇزە، كۆك ياقۇت ۋە ئالماس قادالسۇن. 19 ئۈچىنچى قۇرىغا سۆسۈن ياقۇت، ھېقىق ۋە سۆسۈن كۋارتس قادالسۇن. 20 تۆتىنچى قۇرىغا سېرىق ياقۇت، يوللۇق ھېقىق ۋە قىزىل ھېقىق قادالسۇن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالتۇن كۆزلۈككە ئېلىنىپ، كۆكرەكلىككە قادالسۇن. 21 ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ ئون ئىككى گۆھەرگە ئون ئىككى قەبىلىنىڭ ئىسمى خۇددى مۆھۈرگە ئويۇلىدىغان نەقىشلەردەك ئويۇلسۇن. 22 كۆكرەكلىكنى پەرتۇققا بېكىتىش ئۈچۈن ساپ ئالتۇندىن ئىككى دانە ئۆرۈمە زەنجىر تەييارلانسۇن. 23 كۆكرەكلىكنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى ئىككى بۇرجىكىگە بىردىن ئالتۇن ھالقا بېكىتىلسۇن. 24 زەنجىرلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئالتۇن ھالقىلاردىن ئۆتكۈزۈلۈپ، 25 پەرتۇقنىڭ مۈرە تاسمىسىنىڭ ئۈستىدىكى ئالتۇن كۆزلۈكلەرگە 26 ۋە كۆكرەكلىكنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى ئىككى بۇرجەكنىڭ ئىچكى قېتىدىكى ئىككى دانە ئالتۇن ھالقىغا باغلانسۇن. 27 شۇنداقلا پەرتۇقنىڭ بەل قىسمىنىڭ ئىككى يان تەرىپىگە، يەنى بەل تاسمىسىنىڭ يۇقىرىسىغا ئىككى دانە ئالتۇن ھالقا بېكىتىلسۇن. 28 ئاندىن كۆكرەكلىكنىڭ پەس تەرىپىدىكى ھالقىلار بىلەن پەرتۇقتىكى ھالقىلار بىر تال كۆك يىپ ئارقىلىق ئۆزئارا ئۇلانسۇن. مۇشۇنداق بولغاندا، كۆكرەكلىك پۇلاڭلاپ كەتمەي، پەرتۇققا چاپلىشىپ تۇرىدۇ. 29 ھارۇن ھەر قېتىم ئىبادەت چېدىرىدىكى مۇقەددەس جايغا كىرگەندە، ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنىڭ ئىسمى ئويۇلغان كۆكرەكلىكىنى مەيدىسىگە ئېسىۋالسۇن. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئىسرائىللارنى پەرۋەردىگارغا دائىم ئەسلىتىپ تۇرىدۇ. 30 ئۇ يەنە «ئۇرىم» ۋە «تۇممىم»لارنى كۆكرەكلىكنىڭ ئىچىگە سالسۇن. شۇنداق بولغاندا ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىكى ۋاقتىدا خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلدۈرىدىغان «ئۇرىم» ۋە «تۇممىم»لار داۋاملىق ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ ئۈستىدە بولغان بولىدۇ. روھانىيلار كىيىدىغان باشقا كىيىملەر 31 _ پەرتۇقنىڭ ئىچىگە كىيىلىدىغان پەرىجە كۆك رەڭلىك يىپتىن توقۇلسۇن. 32 پەرىجىگە ئويما ياقا ئېچىلىپ، يىرتىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ياقىنىڭ چۆرىسىگە پەۋاز تۇتۇلسۇن. 33-34 پەرىجىنىڭ پېشىنىڭ چۆرىسىگە ئېسىش ئۈچۈن كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ بىلەن ئانارلار ياسالسۇن. ئانارلارنىڭ ئارىسىغا بىردىن ساپ ئالتۇندىن ياسالغان قوڭغۇراقلار ئېسىلسۇن. 35 ھارۇن روھانىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندە، بۇ پەرىجىنى كىيىۋالسۇن. ئۇ مۇقەددەس جايغا، يەنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا كىرىپ چىققاندا، قوڭغۇراق ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ، شۇندىلا ئۇ ئۆلمەيدۇ. 36 ھارۇننىڭ سەللىسىنىڭ ئالدىغا تاقاش ئۈچۈن ساپ ئالتۇندىن بىر دانە ئالاھىدە قاداق ياسالسۇن ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە «پەرۋەردىگارغا ئاتالدى» دېگەن خەتلەر مۆھۈرگە ئويۇلغاندەك ئويۇلسۇن. 37 قاداق بىر تال كۆك رەڭلىك يىپ بىلەن سەللىنىڭ ئالدىغا تاقاپ قويۇلسۇن. 38 ئالتۇن قاداق ھارۇننىڭ پېشانىسىدە بولسۇن. بۇ ھارۇننىڭ ئىسرائىللار ھەدىيەلەر سۇنغاندا ئۆتكۈزگەن گۇناھلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئالتۇن قاداق دائىم ھارۇننىڭ پېشانىسىدە بولسۇن. شۇندىلا پەرۋەردىگار ئىسرائىللار سۇنغان ھەدىيەلەرنى قوبۇل قىلىدۇ. 39 ھارۇننىڭ تونچە كۆڭلىكى ئېسىل زىغىر يىپتىن توقۇلسۇن ۋە سەللىسى ئېسىل زىغىر رەختتە قىلىنسۇن ھەم پوتىسى كەشتىلەنسۇن. 40 ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈنمۇ تونچە كۆڭلەك، پوتا ۋە باش كىيىم تىكىلسۇن. شۇندىلا ئۇلار سالاپەتلىك كۆرۈنۈپ، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ. 41 ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ماڭا بېغىشلاپ، ئۇلارغا روھانىيلىق كىيىملىرىنى كىيدۈرگىن ۋە ئۇلارنىڭ بېشىغا مۇقەددەس ياغ سۈركەپ، ئۇلارنى روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگىن. ئۇلار مېنىڭ خىزمىتىمنى قىلسۇن. 42 بۇنىڭدىن باشقا ئۇلار ئۈچۈن ئېسىل زىغىر رەختتىن تامبال تىكىلسۇن. تامبال پەقەت ئەۋرىتىنى يېپىپ تۇرۇش ئۈچۈن، تىزىغىچە ئۇزۇنلۇقتا بولسۇن. 43 ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىپ-چىققاندا ياكى مۇقەددەس جايدا ۋەزىپىسىنى ئۆتەش ئۈچۈن ئىسرىقدانغا يېقىنلاشقاندا، گۇناھ ئۆتكۈزۈپ ئۆلۈمگە دۇچار بولماسلىقى ئۈچۈن تامبال كىيىۋالسۇن. بۇلار ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى مەڭگۈ ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان بەلگىلىمىلەردۇر. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti