Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

مىسىردىن چىقىش 26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئىبادەت چېدىرى

1 _ ئۇلار ئىبادەت چېدىرى ئۈچۈن ئون پارچە يوپۇق تەييارلىسۇن. بۇ يوپۇقلار ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىلىپ، ئۇلارغا قولى چېۋەر ئۇستىلار تەرىپىدىن كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپلار بىلەن كېرۇبلارنىڭ سۈرىتى نەپىس كەشتىلەنسۇن.

2 ھەربىر يوپۇقنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش قىلىنسۇن، ئۇزۇنلۇقى 14 مېتىر، كەڭلىكى 2 مېتىر بولسۇن.

3 يوپۇقلار كەڭلىكلىرى تەرىپىدىن بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ، بەش دانىسى بىر پارچە، يەنە باشقا بەش دانىسى بىر پارچە قىلىنىپ ئۇلانسۇن.

4-5 ئۇلانغان ھەربىر چوڭ پارچىنىڭ چېتىگە ئەللىك دانىدىن كۆك رەڭلىك ئىزمە تىكىلسۇن. بۇ ئىككى پارچىدىكى تىكىلگەن ئىزمىلەر بىر-بىرىگە ئۇدۇلمۇئۇدۇل كەلسۇن.

6 ئەللىك ئالتۇن ئىلمەك ياسىلىپ، بۇ ئىككى پارچە چوڭ يوپۇق بىر-بىرىگە ئۇلانسۇن.

7 ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ يوپۇقلارنىڭ ئۈستىگە يېپىش ئۈچۈن ئۆچكە تىۋىتىدىن 11 پارچە قېلىن يوپۇق توقۇسۇن.

8 بۇ 11 پارچە يوپۇق ئوخشاش چوڭلۇقتا، يەنى ئۇزۇنلۇقى 15 مېتىر، كەڭلىكى 2 مېتىر بولسۇن.

9 بۇ يوپۇقلار كەڭلىكلىرى تەرىپىدىن بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ، بەش دانىسى بىر پارچە، يەنە باشقا ئالتە دانىسى بىر پارچە قىلىنىپ ئۇلانسۇن. ئاندىن مۇشۇ پارچىنىڭ كىرىش ئېغىزى تەرىپىدىكى ئالتىنچى پارچىسىنىڭ يېرىمى كەينىگە قايرىلىپ قويۇلسۇن.

10 ھەربىر چوڭ پارچىنىڭ چېتىدە ئەللىك دانىدىن ئىزمە بولسۇن.

11 ئاندىن تۇچتىن ئەللىك ئىلمەك ياسىلىپ، ئۇلار ئىزمىلەردىن ئۆتكۈزۈلۈپ، بۇ ئىككى پارچە چوڭ يوپۇق بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ، بىر پۈتۈن يوپۇق قىلىنسۇن.

12 يوپۇقنىڭ ئۇزۇنلۇقىدىن ئېشىپ قالغان قىسمى چېدىرنىڭ كەينىدە يەرنى يېپىپ تۇرسۇن.

13 بۇ يوپۇق چېدىرغا يېپىلغان زىغىر رەختتىن قىلىنغان يوپۇقنىڭ ئىككى تەرىپىدىن يېرىم مېتىردىن ئۇزۇن بولۇپ، ئۇلار يەرگە تېگىپ، چېدىرىنى تولۇق يېپىپ تۇرسۇن.

14 بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە يېپىش ئۈچۈن قىزىل بويالغان قوچقار تېرىلىرى ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە يېپىش ئۈچۈن چىداملىق تېرىلەر تەييارلانسۇن.

15 ئۇلار ئىبادەت چېدىرى ئۈچۈن ئاكاتسىيە ياغىچىدىن تىك راملار ياسىسۇن.

16 ھەربىر رامنىڭ ئېگىزلىكى 5 مېتىر، كەڭلىكى 75 سانتىمېتىر بولسۇن.

17 ھەربىر رامنىڭ تۆۋەن تەرىپى رام پۇتىغا ماسلاشتۇرۇپ ياسالسۇن. ھەممە راملار شۇنداق ياسالسۇن.

18 چېدىرنىڭ جەنۇب تەرىپىگە يىگىرمە رام

19 ۋە راملارنىڭ تېگىگە كۈمۈشتىن قىرىق دانە پۇت ياسالسۇن. ھەربىر رام ئىككىدىن پۇتقا ئورنىتىلسۇن.

20 چېدىرنىڭ شىمال تەرىپىگىمۇ يىگىرمە رام

21 ۋە ئۇلار ئۈچۈنمۇ كۈمۈشتىن قىرىق دانە پۇت ياسالسۇن. ھەربىر رام ئىككىدىن پۇتقا ئورنىتىلسۇن.

22 چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىدە، يەنى غەرب تەرىپىدە ئالتە دانە رام بولسۇن.

23 چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىدىكى ئىككى بۇلۇڭغا بىردىن رام ياسالسۇن.

24 بۇ ئىككى رام پەس ۋە يۇقىرى تەرەپلىرىدىن يان ۋە كەينىدىكى راملارنىڭ ئاخىرقى رېمىغا تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئۈستى تەرەپلىرىدىن ھالقا بىلەن مۇقىملاشتۇرۇلسۇن. ھەربىر بۇلۇڭ مۇشۇ يول بىلەن ياسالسۇن.

25 دېمەك، چېدىرنىڭ غەرب تەرىپىدە سەككىز رام بولۇپ، ھەربىر رامنىڭ تېگىگە ئىككىدىن جەمئىي 16 دانە كۈمۈش پۇت ياسالسۇن.

26 بۇنىڭدىن باشقا ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بالداقلار ياسىسۇن. بۇلاردىن بەش دانىسى ئىبادەت چېدىرىنىڭ بىر يېنىغا،

27 يەنە بەش دانىسى يەنە بىر يېنىغا، قالغان بەش دانىسى چېدىرنىڭ غەربىگە، يەنى كەينىگە ئىشلىتىلسۇن.

28 راملارنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىن توغرىسىغا چېتىلىدىغان بالداقلار چېدىرنىڭ بىر بېشىدىن يەنە بىر بېشىغا تۇتاشسۇن.

29 راملار ۋە بالداقلار ئالتۇن بىلەن قاپلانسۇن ۋە بالداقلار ئۆتكۈزۈلىدىغان ھالقىلارمۇ ئالتۇندىن ياسالسۇن.

30 ئىبادەت چېدىرى مەن ساڭا تاغدا كۆرسەتكەن نۇسخا بويىچە ياسالسۇن.

31 ئېسىل زىغىر رەختتىن بىر پەردە تىكىلىپ، ئۇنىڭغا كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ بىلەن كېرۇبلارنىڭ سۈرىتى نەپىس كەشتىلىنىپ،

32 ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسالغان تۆت تۈۋرۈككە ئورنىتىلغان ئالتۇن ئىلمەكلەرگە ئېسىپ قويۇلسۇن. تۈۋرۈكلەر ئالتۇن بىلەن قاپلىنىپ، كۈمۈشتىن ياسالغان تۆت پۇتقا ئورنىتىلسۇن.

33 پەردە چېدىر يوپۇقىدىكى قاتار ئىلمەكلەرنىڭ ئاستىغا توغرا كەلسۇن. پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختا سېلىنغان ئەھدە ساندۇقى پەردىنىڭ كەينىگە قويۇلسۇن. بۇ پەردە ئەڭ مۇقەددەس جاي بىلەن مۇقەددەس جاينى ئايرىپ تۇرىدۇ.

34 ساندۇق قاپقىقى ئەھدە ساندۇقىغا يېپىلسۇن.

35 شىرە ئەڭ مۇقەددەس جاينىڭ سىرتىغا، يەنى مۇقەددەس جاينىڭ شىمال تەرىپىگە، چىراغدان مۇقەددەس جاينىڭ جەنۇب تەرىپىگە قويۇلسۇن.

36 بۇنىڭدىن باشقا، ئېسىل زىغىر رەختتىن يەنە بىر پەردە تىكىلىپ، ئۇ كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ بىلەن كەشتىلەنسۇن ۋە ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدى تەرىپى، يەنى ئادەم كىرىدىغان تەرىپىگە ئېسىپ قويۇلسۇن.

37 پەردىنى ئېسىش ئۈچۈن ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدى تەرىپىگە ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بەش دانە تۈۋرۈك ياسىلىپ، تۈۋرۈك بېشى ئالتۇن بىلەن قاپلانسۇن. تۈۋرۈكلەردە ئالتۇن ئىلمەكلەر بولسۇن ھەم تۇچتىن بەش دانە تۈۋرۈك پۇتى ياسالسۇن.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan