مىسىردىن چىقىش 23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىھەققانىيەت ۋە ئادىللىق 1 ئىغۋا تارقاتماڭلار. يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ، گۇناھكارغا يان باسماڭلار. 2 كۆپ سانلىقلارغا ئەگىشىپ يامانلىق قىلماڭلار. دەۋادا گۇۋاھلىق بەرگەندە، كۆپچىلىككە يان بېسىپ ھەقنى بۇرمىلىماڭلار. 3 دەۋادا كەمبەغەلگىمۇ يان باسماڭلار. 4 ئەگەر ئاداۋىتىڭلار بار كىشىلەرنىڭ كالىسى ياكى ئېشىكىنىڭ ئادىشىپ قالغانلىقىنى كۆرسەڭلار، ئۇلارنى يېتىلەپ كېلىپ، ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىڭلار. 5 ئەگەر ئاداۋىتىڭلار بار كىشىلەرنىڭ ئېشىكى يۈكنى كۆتۈرەلمەي يىقىلىپ چۈشسە، كۆرمەسكە سېلىپ كېتىپ قالماي، ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئېشىكىنى قوپۇرۇشۇپ بېرىڭلار. 6 دەۋادا كەمبەغەللەرگە ئۇۋال قىلماڭلار. 7 تۆھمەت قىلىپ ئەرز قىلماڭلار. بىگۇناھ، دۇرۇس ئادەمنى ئۆلۈمگە ئىتتىرمەڭلار. چۈنكى مەن بۇنداق رەزىل ئىش قىلغۇچىلارنى چوقۇم جازالىماي قويمايمەن. 8 پارا ئالماڭلار، چۈنكى پارا ئەقىل كۆزۈڭلارنى خىرەلەشتۈرۈپ، ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىدۇ. 9 يات خەلقلەردىن بولغان مۇساپىرلارنى بوزەك قىلماڭلار. چۈنكى مىسىردا مۇساپىر بولۇپ تۇرغىنىڭلاردا ياقا يۇرتتىكى مۇساپىرچىلىقنىڭ تەمىنى سىلەرمۇ تېتىغان. يەتتىنچى يىل ۋە يەتتىنچى كۈن 10 ئالتە يىل يېرىڭلارنى تېرىپ، ھوسۇل ئېلىڭلار. 11 يەتتىنچى يىلى يەرنى ئارام ئالدۇرۇپ ئاق قويۇڭلار. ئۆزى ئۈنۈپ قالغان زىرائەتلەرنى كەمبەغەللەرگە قالدۇرۇڭلار. قالغىنىنى ياۋايى ھايۋاناتلار يېسۇن. ئۈزۈمزارلىقىڭلار بىلەن زەيتۇنلۇقۇڭلارنىمۇ شۇنداق قىلىڭلار. 12 ئالتە كۈن ئىشلەپ، يەتتىنچى كۈنى ئارام ئېلىڭلار. ئۆكۈز، ئېشەك، قۇل ۋە يات خەلقلەردىن بولغان مۇساپىرلارمۇ ئارام ئالسۇن. 13 مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتقان سۆزلەرگە تولۇق ئەمەل قىلىڭلار، باشقا ئىلاھلارنىڭ نامى بىلەن دۇئا قىلماڭلار، ھەتتا ئۇلارنىڭ نامىنى تىلغىمۇ ئالماڭلار. ئۈچ مۇھىم ھېيت 14 ھەر يىلى مەن ئۈچۈن ئۈچ قېتىم ھېيت قىلىڭلار. 15 ئالدى بىلەن پېتىر نان ھېيتىنى ئۆتكۈزۈڭلار. مېنىڭ ئەمرىم بويىچە يەتتە كۈنلۈك ھېيتتا پېتىر نان يەڭلار. بۇ ھېيت ھەر يىلى زىرائەتلەر بىخ چىقارغان ئابىب ئېيىدا ئۆتكۈزۈلسۇن. سىلەر مۇشۇ ئايدا مىسىردىن ئايرىلغانىدىڭلار. ھۇزۇرۇمغا قۇرۇق قول كەلمەڭلار. 16 تۇنجى پىشقان زىرائەتلىرىڭلارنى ئورىغاندا، ئورما ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار. كۈزدە ھوسۇلۇڭلارنى يىغقىنىڭلاردا، ھوسۇل يىغىش ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار. 17 ھەر يىلى بۇ ئۈچ ھېيتتا پۈتكۈل ئەرلەر مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا، يەنى ئىگەڭلار بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا كەلسۇن. 18 ماڭا ئاتالغان قۇربانلىقنىڭ قېنىنى خېمىرتۇرۇچ ئارىلاشتۇرۇلغان يېمەكلىك بىلەن بىرگە ئاتىماڭلار. ھېيت مەزگىلىدە قۇربانلىق قىلىنغان مالنىڭ مېيىنى ئەتىسى سەھەرگىچە ساقلىماڭلار. 19 ھەر يىلى تۇنجى ئېلىنغان ھوسۇلۇڭلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىنى ئىبادەت جايىمغا ئەكېلىپ، ماڭا، يەنى پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇداغا ئاتاڭلار. ئوغلاقنىڭ گۆشىنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە پىشۇرماڭلار.» خۇدانىڭ پەرىشتىسىنىڭ يول باشلىشى 20 پەرۋەردىگار سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەنە مۇنداق دېدى: _ پەرىشتەمنى ئالدىڭلارغا ئەۋەتىمەن. ئۇ يوللاردا سىلەرنى قوغداپ، سىلەرنى مەن سىلەرگە تەييارلاپ قويغان يەرگە ئېلىپ بارىدۇ. 21 سىلەر ئۇنىڭ سۆزلىرىگە كۆڭۈل قويۇپ قۇلاق سېلىڭلار، قارشىلىق قىلماڭلار. بولمىسا، ئۇ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرمەيدۇ، چۈنكى ئۇ مېنىڭ نامىمدا كېلىدۇ. 22 ئەگەر سىلەر سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىپ، مېنىڭ پۈتۈن ئەمرلىرىمگە ئەمەل قىلساڭلار، دۈشمىنىڭلارغا دۈشمەن، رەقىبىڭلارغا رەقىب بولىمەن. 23 مېنىڭ پەرىشتەم سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا مېڭىپ، سىلەرنى ئامورلار، خىتلار، پەرىززىلەر، كەنئانلار، خىۋلار ۋە يىبۇسلارنىڭ زېمىنىغا ئېلىپ كىرىدۇ. مەن ئۇلارنى يوقىتىمەن. 24 ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا سەجدە قىلماڭلار، چوقۇنماڭلار، قىلىقلىرىنى دورىماڭلار. ئۇلارنىڭ بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىنى يىقىتىۋېتىڭلار. 25 سىلەر پەقەت ماڭىلا، يەنى پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇداغىلا ئىبادەت قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، يېمەك-ئىچمەكلىرىڭلارغا بەرىكەت بېرىمەن، سىلەرنى پۈتۈن كېسەللەردىن خالى قىلىمەن. 26 ئاراڭلاردا بويىدىن ئاجراپ كېتىدىغان ياكى تۇغماس ئاياللار بولمايدۇ. سىلەرگە ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلىمەن. 27 سىلەر قەيەرگە بارساڭلار، مەن شۇ يەردىكىلەرنى سىلەردىن چۆچۈيدىغان، سىلەرنى كۆرسىلا ئالدى-كەينىگە قارىماي قاچىدىغان قىلىمەن. 28 دۈشمىنىڭلارنى پاراكەندە قىلىپ، سىلەر ئۇ يەرگە كىرىشتىن بۇرۇنلا، خىۋلار، كەنئانلار ۋە خىتلارنى قوغلاپ چىقىرىمەن. 29 لېكىن يەرلەرنىڭ تېرىلماي ئاق قىلىپ، يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ماكانى بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى بىر يىل ئىچىدە پۈتۈنلەي قوغلىۋەتمەيمەن. 30 نوپۇسۇڭلار كۆپىيىپ، ئۇ زېمىننى ئىگىلىشىڭلارغا ئەگىشىپ، ئۇلارنى ئاستا-ئاستا قوغلاپ چىقىرىمەن. 31 سىلەرنىڭ زېمىنىڭلارنىڭ چېگراسىنى قىزىل دېڭىزدىن ئوتتۇرا دېڭىزغىچە، قۇملۇق رايونىدىن فىرات دەرياسىغىچە كېڭەيتىمەن. مەن سىلەرگە يەرلىك خەلقنى بويسۇندۇرۇش قۇدرىتىنى بېرىمەن. سىلەر ئۇ يەرگە كىرگەن ۋا قتىڭلاردا، ئۇلارنى قوغلىۋېتەلەيسىلەر. 32 ئۇلار ياكى ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى بىلەن بىرەر ئەھدە تۈزمەڭلار. 33 ئۇلارنى زېمىنىڭلاردا تۇرغۇزماڭلار. بولمىسا، ئۇلار سىلەرنى گۇناھقا باشلايدۇ. ئەگەر سىلەر ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنساڭلار، سىلەر چوقۇم ئۇلارنىڭ تۇزىقىغا چۈشىسىلەر. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti