مىسىردىن چىقىش 22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىتۆلەم تۆلەش ھەققىدىكى بەلگىلىمە 1 ئەگەر بىرى باشقا بىرىنىڭ كالىسىنى ياكى قويىنى ئوغرىلاپ سېتىۋەتكەن ياكى سويۇپ يەۋەتكەن بولسا، بىر كالىغا بەش كالا، بىر قويغا تۆت قوي تۆلەپ بەرسۇن. 2 ئەگەر بىرى كېچىسى باشقىلارنىڭ ئۆيىگە ئوغرىلىققا كىرىپ، تۇتۇلۇپ قېلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن بولسا، ئۇنى ئۆلتۈرگۈچى گۇناھسىز دەپ قارالسۇن. 3 لېكىن بۇ ئىش كۈندۈزى يۈز بەرگەن بولسا، ئۇنىڭغا قاتىللىق گۇناھى ئارتىلسۇن. ئوغرى ئوغرىلىغان نەرسىلەرنى تۆلىسۇن. ئەگەر ئۇنىڭ ھېچ نەرسىسى بولمىسا، ئۆزىنى قۇل ئورنىدا سېتىپ، زىياننى تۆلىسۇن. 4 ئۇنىڭ ئوغرىلىغىنى كالا، ئېشەك ياكى قوي بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەگەر ئۇ مال ئوغرىنىڭ قولىدا تېخى تىرىك بولسا، ئوغرى مال ئىگىسىگە بىر ھەسسە ئارتۇق تۆلەم بەرسۇن. 5 ئەگەر بىرى ئېتىزلىقتا ياكى ئۈزۈمزارلىقتا پادا بېقىپ، پادىلىرىنى ئىختىيارىغا قويۇۋېتىپ، پادىلارنىڭ باشقىلارنىڭ ئېتىزلىقىدىكى زىرائەتلەرنى ياكى ئۈزۈملەرنى يېيىشىگە يول قويسا، ئۇلارنىڭ زىيىنىنى ئۆز ئېتىزى ياكى ئۈزۈمزارلىقىنىڭ ئەڭ ياخشى مەھسۇلاتى بىلەن تۆلەپ بەرسۇن. 6 ئەگەر بىرى ئۆزىنىڭ ئېڭىزلىرىنى كۆيدۈرگەندە، ئوت باشقىلارنىڭ زىرائەتلىرى ياكى خامىنىغا تۇتىشىپ كېتىپ، ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋەتكەن بولسا، ئوت قويغۇچى بارلىق زىياننى تۆلەپ بەرسۇن. 7 ئەگەر بىرى پۇللىرى ياكى مال-مۈلۈكلىرىنى قوشنىسىغا ئامانەت قويۇپ قويغاندىن كېيىن، بۇ نەرسىلەر قوشنىسىنىڭ ئۆيىدىن ئوغرىلانغان بولسا، ئوغرى تۇتۇلغاندىن كېيىن ئوغرىلىغان پۇل ياكى مال-مۈلۈكلەرنى بىر ھەسسە ئارتۇقى بىلەن تۆلەپ بەرسۇن. 8 ئەگەر ئوغرى تۇتۇلمىسا، ئامانەت قىلىنغۇچى سوتچىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىلسۇن. سوتچى ئۇنىڭ ئامانەت قىلىنغان پۇل ياكى مال-مۈلۈكلەرنى ئېلىۋالغان ياكى ئېلىۋالمىغانلىقىغا ھۆكۈم چىقارسۇن. 9 ھەرقانداق مال-مۈلۈك ماجىراسى توغرىسىدىكى دەۋا كالا، ئېشەك، قوي، كىيىم-كېچەك ياكى باشقا يوقالغان نەرسىلەرگە چېتىشلىق بولسا ھەمدە ماجىرالاشقان ئىككى تەرەپ تالاش-تارتىش قىلىپ دەۋانى بىر تەرەپ قىلالمىسا، سوتچىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئەرز قىلسۇن. سوتچى كىمگە گۇناھ بېكىتسە، شۇ ئادەم قارشى تەرەپكە بىر ھەسسە ئارتۇق تۆلىسۇن. 10 بىرى ئېشىكى، كالىسى، قويى ياكى باشقا ھايۋانلىرىنى قوشنىسىنىڭ قاراپ قويۇشىغا ھاۋالە قىلغاندىن كېيىن ھايۋانلار ئۆلۈپ قالسا، يارىلانسا ياكى باشقىلار ئېلىپ كەتسە، لېكىن بۇنى ھېچكىم كۆرمىسە، 11 ھاۋالە قىلىنغۇچى بۇ ھايۋانلارنى ئېلىۋالمىغانلىقى توغرىسىدا مەن پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلسۇن، ھايۋان ئىگىسىمۇ قايتا سۈرۈشتە قىلمىسۇن، ھاۋالە قىلىنغۇچىمۇ تۆلەم تۆلىمىسۇن. 12 لېكىن ھايۋانلار ئوغرىلانغان بولسا، ھاۋالە قىلىنغۇچى ئىگىسىگە تۆلەپ بەرسۇن. 13 ئەگەر ھايۋاننى يىرتقۇچ ھايۋانلار يەپ كەتكەن بولسا، ھاۋالە قىلىنغۇچى يەپ كېتىلگەن ھايۋاننىڭ قالدۇقىنى ئەكېلىپ، ئىسپات قىلىپ كۆرسەتسۇن، تۆلەم تۆلىمىسۇن. 14 ئەگەر بىرى باشقا بىرىنىڭ ھايۋىنىنى ئارىيەت ئالغاندىن كېيىن بۇ ھايۋان ئىگىسى يوق يەردە زەخىملەنسە ياكى ئۆلۈپ قالسا، ئارىيەت ئالغۇچى ھايۋاننى تۆلەپ بەرسۇن. 15 ئەگەر ئىگىسى نەق مەيداندا بولسا، تۆلىمىسۇن. ئەگەر ھايۋان ئىجارىگە ئېلىنغان بولسا، پەقەت ئىجارە ھەققىنى تۆلىسۇن. جەمئىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ئەخلاقىي مىزانلار 16 ئەگەر بىر ئادەم تېخى ياتلىق بولۇشقا پۈتۈشمىگەن قىزنى ئازدۇرۇپ، ئۇنىڭ نومۇسىغا تەگسە، تويلۇق بېرىپ ئۇ قىز بىلەن نىكاھلانسۇن. 17 ئەگەر قىزنىڭ دادىسى ئۇنىڭغا قىزىنى بېرىشكە رازى بولمىسا، ئۇ ئادەم قىزنىڭ تويلۇقىغا باراۋەر كېلىدىغان پۇل تۆلەپ بەرسۇن. 18 جادۇگەرلىك قىلغان ئايالنى تىرىك قالدۇرۇشقا بولمايدۇ. 19 ھايۋان بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغانلار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسۇن. 20 مەندىن باشقا ھەرقانداق ئىلاھقا قۇربانلىق سۇنغان كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلسۇن. 21 يات خەلقلەردىن بولغان مۇساپىرلارنى خورلىماڭلار ياكى بوزەك قىلماڭلار. ئۆزۈڭلارنىڭ مىسىردا مۇساپىر بولۇپ تۇرغانلىقىڭلارنى ئۇنتۇماڭلار. 22 تۇل خوتۇن، يېتىم-يېسىرلارنى خورلىماڭلار. 23 ئەگەر ئۇلارنى خورلىساڭلار، ئۇلار ماڭا نالە قىلسا، مەن ئۇلارنىڭ نالىسىنى ئاڭلايمەن ۋە 24 دەرغەزەپ بولۇپ، سىلەرنى قىلىچ ئاستىدا ھالاك قىلىمەن، خوتۇنۇڭلار تۇل، پەرزەنتلىرىڭلار يېتىم قالىدۇ. 25 ئەگەر خەلقىم ئىچىدىكى ھەرقانداق بىر كەمبەغەلگە قەرز پۇل بەرگەن بولساڭلار، جازانىخورلارغا ئوخشاش ئۆسۈم ئالماڭلار. 26 ئەگەر باشقىلار چاپىنىنى سىلەرگە گۆرۈگە قويغان بولسا، كۈن پاتقۇچە قايتۇرۇپ بېرىڭلار. 27 چۈنكى ئۇلار پەقەت شۇ چاپان بىلەنلا ئىسسىنىشىدۇ. بۇ چاپان بولمىسا، ئۇلار نېمىنى يېپىنچا قىلىپ ئۇخلىسۇن؟ ناۋادا ئۇلار ماڭا نالە قىلىپ ياردەم تىلىسە، ئۇلارنىڭ نالىسىنى ئاڭلايمەن، چۈنكى مەن رەھىمدىلدۇرمەن. 28 كۇپۇرلۇق قىلماڭلار، خەلقنىڭ يېتەكچىلىرىنى قارغىماڭلار. 29 باش ھوسۇلۇڭلاردىن ماڭا قىلىدىغان بۇغداي، شاراب، ياغ ھەدىيەلىرىڭلارنى ئايىماڭلار. تۇنجى ئوغلۇڭلارنى ماڭا ئاتاڭلار. 30 كالا، قويلىرىڭلارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك بالىلىرىنىمۇ ماڭا ئاتاڭلار. ھايۋانلار تۇغۇلۇپ يەتتە كۈن ئانىلىرى بىلەن بىللە تۇرسۇن، سەككىزىنچى كۈنى ماڭا ئاتاڭلار. 31 سىلەر مېنىڭ پاك خەلقىم بولۇڭلار. يىرتقۇچ ھايۋانلار قارنىنى يېرىۋەتكەن ماللارنىڭ گۆشىنى يېمەي، ئۇنى ئىتقا بېرىڭلار. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti