Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

مىسىردىن چىقىش 20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئون پەرز

1 خۇدا مۇنداق دېدى:

2 _ مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن، سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇردۇم.

3 مەندىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھىڭلار بولمىسۇن.

4 ئاسمان، زېمىن ۋە سۇدىكى ھەرقانداق نەرسىلەرنىڭ شەكلىدە بۇت ياسىماڭلار.

5 ئۇلارغا چوقۇنۇپ، سەجدە قىلماڭلار. چۈنكى مەن ساداقەتسىزلىكنى ئۆچ كۆرىدىغان پەرۋەردىگار خۇدادۇرمەن. مەندىن نەپرەتلەنگەنلەرنى تاكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ئەۋلادىغىچە جازالايمەن.

6 لېكىن مېنى سۆيگەن، ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلغانلارنىڭ مىڭ ئەۋلادىغىچە مېھرىبانلىق قىلىمەن.

7 نامىمنى قالايمىقان تىلغا ئالماڭلار. كىمدەكىم نامىمنى قالايمىقان تىلغا ئالسا، مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۇنى چوقۇم جازالايمەن.

8 دەم ئېلىش كۈنىنى مۇقەددەس كۈن بىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭلار.

9 ئالتە كۈن ئىشلەپ، ھەممە ئىشلىرىڭلارنى قىلىۋېلىڭلار.

10 يەتتىنچى كۈنى ماڭا ئاتالغان كۈن بولۇپ، بۇ كۈنى مەيلى سىلەر بولۇڭلار، مەيلى پەرزەنتلىرىڭلار، قۇللىرىڭلار، دېدەكلىرىڭلار، چارۋا ماللىرىڭلار ياكى يۇرتۇڭلاردا ياشايدىغان يات خەلقلەر بولسۇن، ھېچكىم ھېچقانداق ئىش قىلمىسۇن.

11 مەن پەرۋەردىگارىڭلار ئاسمان، زېمىن، دېڭىز ۋە ئۇلاردىكى پۈتكۈل مەۋجۇداتلارنى ئالتە كۈندە ياراتتىم. لېكىن يەتتىنچى كۈنى دەم ئالدىم. شۇڭا مەن پەرۋەردىگار دەم ئېلىش كۈنىگە بەخت ئاتا قىلىپ، بۇ كۈننى مۇقەددەس كۈن دەپ بەلگىلىدىم.

12 ئاتا-ئاناڭلارنى ھۆرمەتلەڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، مەن سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسىلەر.

13 قاتىللىق قىلماڭلار.

14 زىنا قىلماڭلار.

15 ئوغرىلىق قىلماڭلار.

16 يالغان گۇۋاھلىق بەرمەڭلار.

17 باشقىلارنىڭ ئۆي-ئىمارەتلىرى، ئايالى، قۇللىرى، دېدەكلىرى، ئۆكۈزلىرى، ئېشەكلىرى ياكى باشقا تەئەللۇقاتلىرىغا كۆز قىرىڭلارنى سالماڭلار.


خەلقنىڭ ۋەھىمىسى

18 خەلق گۈلدۈرماما ۋە بۇرغا ئاۋازلىرىنى ئاڭلاپ، چاقماق چېقىلغاننى ۋە تاغدىن پۇرقىراپ چىقىۋاتقان ئىس-تۈتەكنى كۆرۈپ، قورقۇپ تىترەپ كېتىشتى ۋە يىراقراق بېرىپ تۇرۇشتى.

19 خەلق مۇساغا: _ بىزگە سەنلا سۆزلىگىن، سۆزۈڭنى چوقۇم ئاڭلايمىز. خۇدا بىزگە ئۆزى بىۋاسىتە سۆز قىلمىغاي. بولمىسا، ھالاك بولىدىغان ئوخشايمىز، _ دېدى.

20 مۇسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: _ قورقماڭلار، خۇدانىڭ بۇ يەرگە كېلىشى سىلەرنى سىناش ۋە سىلەرنىڭ ھەمىشە ئۆزىدىن قورقۇپ، گۇناھتىن خالىي بولۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر، _ دېدى.

21 لېكىن كىشىلەر يەنىلا يىراقتا تۇرۇشتى، پەقەت مۇسالا خۇدانى قورشاپ تۇرغان قارا بۇلۇتنىڭ يېنىغا باردى.


قۇربانلىق سۇپىسى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە

22 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سەن بېرىپ ئىسرائىللارغا مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنى يەتكۈزگىن: «سىلەر مېنىڭ ئەرشتىن سۆز قىلغانلىقىمنى كۆردۈڭلار.

23 سىلەر ئۆزۈڭلارغا ئالتۇن ياكى كۈمۈشتىن ھەرقانداق شەكىلدە بۇت ياساپ، ئۇلارغا سەجدە قىلماڭلار. ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار.

24 توپىدىن مەن ئۈچۈن بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنى كۆيدۈرۈڭلار. مەن سىلەرنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن بەلگىلەپ بەرگەن جايلارغا كېلىپ، سىلەرگە بەخت ئاتا قىلىمەن.

25 ئەگەر ماڭا ئاتاپ تاشتىن قۇربانلىق سۇپىسى ياسىساڭلار، يونۇلانغان تاشتىن ياسىماڭلار. چۈنكى مەن ئەسۋاب تەگكەن تاشنى قوبۇل قىلمايمەن.

26 ماڭا پەلەمپەي بىلەن چىقىدىغان قۇربانلىق سۇپىسى ياسىماڭلار. بولمىسا پەلەمپەيدىن چىققۇچە نومۇسلۇق يېرىڭلار كۆرۈنۈپ قالىدۇ.»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan