مىسىردىن چىقىش 2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىمۇسانىڭ دۇنياغا كېلىشى 1 لاۋىي قەبىلىسىدىكى بىر كىشى ئۆز قەبىلىسىدىكى بىر قىز بىلەن نىكاھلاندى. 2 ئايالى كېيىنكى ھامىلىدارلىقىدا بىر ئوغۇل تۇغدى. ئانا بوۋاقنىڭ ئوماقلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئۈچ ئاي يوشۇرۇن ساقلىدى. 3 ئۇ بالىنى يوشۇرالمىغۇدەك يەرگە كەلگەندە، قومۇشتىن بىر سېۋەت توقۇپ، ئۇنى قارا موم بىلەن سۇۋاپ، سۇ ئۆتمەس قىلدى ۋە بالىنى سېۋەتكە سېلىپ، نىل دەرياسى بويىدىكى قومۇشلۇققا يوشۇرۇن بېرىپ، سېۋەتنى سۇغا قويۇۋەتتى. 4 بالىنىڭ ھەدىسى قانداق ئەھۋال يۈز بېرىدىكىن دەپ، يىراقتىن سېۋەتنى كۆزىتىپ تۇردى. 5 پىرئەۋننىڭ قىزى، يەنى مەلىكە دەريا بويىغا سۇغا چۆمۈلگىلى كەلدى. ئۇنىڭ كېنىزەكلىرى دەريا بويىدا سەيلە قىلىشقا باشلىدى. تۇيۇقسىز مەلىكە قومۇشلۇقتا بىر سېۋەتنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالدى-دە، ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن خاس كېنىزىكىنى ئەۋەتتى. 6 مەلىكە سېۋەتتە بىر ئوغۇل بوۋاقنىڭ يىغلاپ ياتقىنىنى كۆردى. مەلىكە ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ: _ بۇ چوقۇم بىر ئىبرانىينىڭ بوۋىقى، _ دېدى. 7 بۇ چاغدا، بوۋاقنىڭ ھەدىسى كېلىپ، مەلىكىگە: _ مەن بېرىپ، ئىبرانىيلاردىن بوۋاقنى ئېمىتىدىغانغا بىر ئىنىكئانا تېپىپ كېلەيمۇ؟ _ دەپ سورىدى. 8 مەلىكە: _ ماقۇل، بارغىن، _ دېدى. ئۇ بېرىپ، بوۋاقنىڭ ئۆز ئانىسىنى چاقىرىپ كەلدى. 9 مەلىكە بۇ ئايالغا: _ بوۋاقنى ئۆيۈڭگە ئېلىپ كېتىپ، مەن ئۈچۈن ئېمىت، ئىش ھەققىڭنى بېرىمەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئانىسى بوۋاقنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ ئېمىتتى. 10 بالا خېلى چوڭ بولغاندا، ئانىسى ئۇنى مەلىكىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. مەلىكە ئۇنى ئوغۇل قىلىپ بېقىۋالدى ۋە ئۇنى سۇدىن سۈزۈۋالغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا مۇسا [ئىبرانىي تىلىدىكى «سۈزۈۋېلىش» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دېگەن ئىسىمنى قويدى. مۇسانىڭ مىديان دۆلىتىگە قېچىپ كېتىشى 11 مۇسا چوڭ بولغاندىن كېيىن، ئىبرانىي قېرىنداشلىرى ئىشلەۋاتقان يەرگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئېغىر ئەمگەكلەرگە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. شۇ ئارىدا ئۇ بىر مىسىرلىقنىڭ بىر ئىبرانىينى، يەنى ئۆز قېرىنداشلىرىدىن بىرىنى ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، 12 ئەتراپىغا قارىدى. ئەتراپتا باشقا ئادەمنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ، ھېلىقى مىسىرلىقنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆلۈكىنى قۇمغا كۆمۈۋەتتى. 13 ئەتىسى مۇسا يەنە سىرتقا چىقىپ، ئىككى ئىبرانىينىڭ بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇ يولسىزلىق قىلغان بىرىگە: _ نېمىشقا ئۆز قېرىندىشىڭنى ئۇرىسەن؟ _ دېدى. 14 ھېلىقى كىشى: _ كىم سېنى بىزگە باشلىق ياكى سوراقچى قىلىپ تەيىنلىدى!؟ سەن ھېلىقى مىسىرلىقنى ئۆلتۈرگىنىڭدەك ئەمدى مېنىمۇ ئۆلتۈرمەكچىمۇ؟ _ دېدى. مۇسا بۇ گەپنى ئاڭلاپ قورقۇپ قالدى. ئۇ ئىچىدە «مېنىڭ قىلغان ئىشىمنى باشقىلار بىلىپ قاپتۇ» دەپ ئويلىدى. 15 پىرئەۋن بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، مۇسانى ئۆلتۈرمەكچى بولدى. بىراق مۇسا مىديان ئېلىگە قېچىپ كەتتى. ئۇ بىر كۈنى بىر قۇدۇقنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇراتتى. 16 مىدياندىكى بىر روھانىينىڭ يەتتە قىزى ئۇ يەرگە سۇ ئالغىلى كەلدى. ئۇلار دائىم ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى سۇغىرىش ئۈچۈن بۇ قۇدۇققا كېلىپ، سۇ تارتىپ، نورنى تولدۇرۇشاتتى. 17 بۇنداق ۋاقىتلاردا بىرقانچە پادىچى كېلىپ، ئۇلارنى قوغلىۋېتەتتى. بۇ قېتىم مۇسا ئۇلارنى قوغدىدى ۋە ئۇلارغا ياردەملىشىپ سۇ تارتىپ بەردى. 18 ئۇلار ئاتىسى رىئۇئېلنىڭ يېنىغا قايتىپ بارغىنىدا، ئاتىسى ئۇلاردىن: _ بۈگۈن ئەجەب بۇرۇنلا قايتىپ كەپسىلەرغۇ؟ _ دەپ سورىدى. 19 ئۇلار: _ بىر مىسىرلىق بىزنى پادىچىلارنىڭ بوزەك قىلىشىدىن قۇتۇلدۇردى، ھەتتا سۇ تارتىپ قويلىرىمىزنى سۇغىرىپ بەردى، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى. 20 ئاتىسى قىزلىرىغا: _ ئۇ قەيەردە قالدى؟ ئۇنى سىرتقا تاشلاپ كەلگىنىڭلار نېمىسى؟ ئۇنى بىز بىلەن بىرگە تاماق يېيىشكە چاقىرىپ كېلىڭلار، _ دېدى. 21 مۇسا رەئۇلنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قالدى. رەئۇل قىزى زىپپورانى ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا بەردى. 22 زىپپورا بىر ئوغۇل تۇغدى. مۇسا «مەن ياقا يۇرتلۇق مۇساپىر ئىدىم» دەپ، بالىغا گېرشوم [ئىبرانىي تىلىدىكى «مۇساپىر» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دېگەن ئىسىمنى قويدى. 23 ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، مىسىر پادىشاھىمۇ ئۆلدى. لېكىن ئىسرائىللار يەنىلا ئېغىر ئەمگەكلەر بىلەن قاتتىق ئازاب چېكىۋاتاتتى. ئۇلار خۇدادىن ياردەم تىلەپ، نالە-پەرياد كۆتۈرۈشتى. ئۇلارنىڭ نالە-پەريادى خۇداغا يەتتى. 24 خۇدا ئۇلارنىڭ نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى ئېسىگە ئالدى. 25 خۇدا ئىسرائىللارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا ئىنتايىن ئىچ ئاغرىتتى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti