Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

مىسىردىن چىقىش 19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئىسرائىللار سىناي تېغىدا

1 ئىسرائىللار مىسىردىن چىقىپ دەل ئىككى ئاي بولغان كۈنى سىناي چۆلىگە يېتىپ كېلىپ،

2 سىناي تېغى باغرىدا چېدىرلىرىنى تىكىشتى. ئۇلار رىفىدىمدىن يولغا چىقىپ، بۇ يەرگە كەلگەنىدى.

3 مۇسا خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا بولۇش ئۈچۈن تاغقا چىقتى. پەرۋەردىگار تاغدىن مۇساغا جاراڭلىق ئاۋازدا مۇنداق دېدى: _ ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئىسرائىللارغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن:

4 «سىلەر مەن پەرۋەردىگارنىڭ مىسىرلىقلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقىمنى كۆردۈڭلار. مەن خۇددى ئانا بۈركۈت بالىلىرىنى دۈمبىسىگە مىندۈرۈپ ئېلىپ يۈرگەندەك، مەنمۇ سىلەرنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلدىم.

5 ئەگەر سىلەر ماڭا ئىتائەت قىلىپ، سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدەمگە ئەمەل قىلساڭلار، نۇرغۇنلىغان خەلقلەر ئارىسىدىن سىلەرنى ئۆزۈمگە مەنسۇپ قىممەتلىك خەلق قىلىمەن. چۈنكى پۈتۈن دۇنيا ماڭا تەۋەدۇر.

6 سىلەر مېنىڭ پادىشاھلىقىمنىڭ روھانىيلىرى ۋە مېنىڭ مۇقەددەس خەلقىم بولىسىلەر.» بۇ سۆزلىرىمنى ئىسرائىللارغا يەتكۈزگىن.

7 شۇنىڭ بىلەن مۇسا تاغدىن چۈشۈپ، خەلق ئىچىدىكى ئاقساقاللارنى يىغىپ، پەرۋەردىگار بۇيرۇغان سۆزلەرنى ئۇلارغا يەتكۈزدى.

8 خەلق بىردەك: _ بىز چوقۇم پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش كۆرىمىز، _ دېيىشتى. مۇسا تاغقا چىقىپ، خەلقنىڭ جاۋابىنى پەرۋەردىگارغا يەتكۈزدى.

9 پەرۋەردىگار مۇساغا: _ مەن قويۇق بۇلۇت ئىچىدە سېنىڭ يېنىڭغا كېلىمەن. سېنىڭ بىلەن قىلىشقان سۆھبىتىمىزنى خەلق ئاڭلىسۇن. شۇنىڭ بىلەن خەلق ساڭا مەڭگۈ ئىشىنىدۇ، _ دېدى. مۇسا ئىسرائىللارنىڭ جاۋابىنى پەرۋەردىگارغا يەتكۈزگەندىن كېيىن،

10 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سەن خەلقنىڭ يېنىغا بارغىن، ئۇلار بۈگۈن ۋە ئەتە كىيىم-كېچەكلىرىنى ۋە ئۆزلىرىنى پاكلىسۇن.

11 ئۆگۈنلۈككىچە ھەممىسى تەييارلىقنى پۈتكۈزسۇن. چۈنكى ئۇ كۈنى مەن ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدىلا سىناي تېغىغا چۈشىمەن.

12 بىراق سەن تاغنىڭ ئەتراپىغا چېگرا بەلگىلەپ، ئۇلارغا تاغقا چىقماسلىقنى، ھەتتا تاغنىڭ باغرىغىمۇ يېقىن كەلمەسلىكنى تاپىلىغىن. كىمدەكىم بەلگىلەنگەن چېگرادىن ئۆتۈپ، بۇ تاغقا بىر قەدەم باسسا، ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن.

13 ئۇنداق ئادەملەرگە يېقىن كەلمەڭلار، ئۇلارنى پەقەت يىراقتىن چالما-كېسەك قىلىپ ياكى ئوقيا بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈڭلار. بۇ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار مەيلى ئادەم ياكى ھايۋان بولسۇن، ھېچقايسىسى تىرىك قالدۇرۇلمىسۇن. خەلق پەقەت بۇرغا ئۇزاقراق چېلىنغاندىلا، ئاندىن تاغ باغرىغا كەلسۇن، _ دېدى.

14 مۇسا تاغدىن چۈشۈپ، خەلقنى كىيىم-كېچەكلىرىنى پاكلاشقا بۇيرۇدى.

15 مۇسا ئۇلارغا: _ ئۆگۈنلۈككىچە ھەممىڭلار تەييار بولۇپ تۇرۇڭلار، ئايالىڭلارغا يېقىنلاشماڭلار، _ دېدى.

16 ئۈچىنچى كۈنى ئەتىگەندە ھاۋا گۈلدۈرلەپ، چاقماق چېقىپ، تاغدا بىر پارچە قويۇق بۇلۇت پەيدا بولدى. بۇرغىنىڭ قاتتىق چېلىنغان ئاۋازى ئاڭلاندى. قارارگاھتىكىلەر بۇنى ئاڭلاپ، قورقۇپ تىترەپ كېتىشتى.

17 مۇسا ئۇلارنى خۇدا بىلەن دىدارلاشتۇرۇش ئۈچۈن قارارگاھتىن باشلاپ چىقىپ، سىناي تېغىنىڭ ئېتىكىگە ئەكەلدى.

18 پۈتۈن سىناي تېغىنى ئىس-تۈتەك قاپلىغانىدى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇ يەرگە ئوت ئىچىدە چۈشكەنىدى. بۇ ئىس-تۈتەك خۇددى خۇمداندىن چىققان ئىس-تۈتەككە ئوخشايتتى. پۈتۈن تاغ تۇيۇقسىز سىلكىندى.

19 بۇ چاغدا بۇرغىنىڭ ئاۋازى بارغانسېرى كۈچەيدى. مۇسا سۆز قىلدى، خۇدا ئۇنىڭغا گۈلدۈرماما بىلەن جاۋاب قايتۇردى.

20 پەرۋەردىگار سىناي تېغىنىڭ چوققىسىغا چۈشكەن بولۇپ، مۇسانى تاغقا چىقىشقا چاقىردى. مۇسا تاغقا چىقتى.

21 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سەن تاغدىن چۈشۈپ، خەلقنى ئاگاھلاندۇر. چېگرادىن ھالقىپ، مېنى كۆرگىلى كەلمىسۇن. بولمىسا، ئۇلار ھالاك بولىدۇ.

22 مېنىڭ خىزمىتىمنى قىلىدىغان روھانىيلارمۇ ئۆزىنى ماڭا بېغىشلاپ بولۇپ، ئاندىن خىزمىتىمدە بولسۇن. بولمىسا، ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن، _ دېدى.

23 مۇسا پەرۋەردىگارغا: _ خەلق بۇ يەرگە چىقمايدۇ، چۈنكى سەن بىزنىڭ بۇ تاغنى «مۇقەددەس تاغ» دەپ ئاتىشىمىزنى ۋە تاغنىڭ ئەتراپىغا چېگرا بەلگىلىشىمىزنى بۇيرۇغانىدىڭ، _ دېدى.

24 پەرۋەردىگار مۇساغا: _ سەن تاغدىن چۈشۈپ، ھارۇننى باشلاپ كەل. لېكىن روھانىيلار بىلەن خەلق بەلگىلەنگەن چېگرادىن ھالقىپ، بۇ يەرگە كەلمىسۇن. بولمىسا، مەن ئۇلارنى جازالايمەن، _ دېدى.

25 شۇنىڭ بىلەن مۇسا تاغدىن چۈشۈپ، خەلقنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇلارغا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى يەتكۈزدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan