Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

مىسىردىن چىقىش 17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


قورام تاشتىن چىققان سۇ

1 ئىسرائىل خەلقى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن قەدەممۇ قەدەم سىن چۆلىدىن چىقىپ، سەپەر قىلىپ، رىفىدىمدە چۈشكۈن قىلدى. بىراق ئۇ يەردە سۇ يوق ئىدى.

2 شۇڭا ئۇلار يەنە مۇسا بىلەن جېدەللىشىپ: _ بىزگە ئىچكىلى سۇ بەرگىن! _ دېدى. مۇسا ئۇلارغا: _ نېمىشقا مەن بىلەن جېدەللىشىسىلەر؟ نېمىشقا پەرۋەردىگارنى سىنىماقچى بولىسىلەر؟ _ دېدى.

3 لېكىن خەلق ئىنتايىن ئۇسساپ كەتكەچكە، مۇساغا داۋاملىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ: _ بىزنى نېمە ئۈچۈن مىسىردىن ئېلىپ چىقتىڭ؟ سەن بىزنى، بالىلىرىمىزنى ۋە چارۋا ماللىرىمىزنى ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلتۈرمەكچىمۇسەن؟ _ دېدى.

4 شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارغا يېلىنىپ: _ بۇ خەلقنى قانداق قىلاي؟ ئۇلار مېنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىدىغان يەرگە يەتتى، _ دېدى.

5 پەرۋەردىگار مۇساغا: _ سەن ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىدىن بىرنەچچىسىنى ئەگەشتۈرۈپ، خەلق ئالدىدىن ئۆتكىن. نىل دەرياسىغا ئۇرغان تايىقىڭنى قولۇڭغا ئېلىۋالغىن.

6 مەن سىناي تېغىدىكى بىر قورام تاشنىڭ ئۈستىدە سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرىمەن. سەن قورام تاشنى ئۇرغىن، سىلەرگە ئىچكىلى سۇ چىقىدۇ، _ دېدى. مۇسا ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنىڭ ئالدىدا شۇنداق قىلغانىدى، سۇ ئېتىلىپ چىقتى.

7 مۇسا ئۇ يەرنى «ماسساھ» ۋە «مىرىبا» [مەنىسى «سىناش» ۋە «جېدەللىشىش»] دەپ ئاتىدى. چۈنكى ئىسرائىللار ئۇ يەردە مۇسا بىلەن جېدەللىشىپ، پەرۋەردىگارنى سىنىماقچى بولغانىدى. ئۇلار: «پەرۋەردىگار زادى ئارىمىزدا بارمۇ-يوق؟» دېيىشكەنىدى.


ئامالەكلەر بىلەن جەڭ قىلىش

8 ئامالەكلەر رىفىدىمگە كېلىپ، ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلدى.

9 مۇسا يوشۇۋاغا: _ سەن ئەتە ئامالەكلەر بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن ئادەم تاللىغىن. مەن قولۇمغا خۇدا ماڭا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەمر قىلغان تاياقنى تۇتۇپ، تاغنىڭ چوققىسىدا تۇرىمەن، _ دېدى.

10 يوشۇۋا مۇسانىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە ئامالەكلەر بىلەن جەڭ قىلدى. مۇسا، ھارۇن ۋە خۇر تاغنىڭ چوققىسىغا چىقىپ جەڭنى كۆزەتتى.

11 مۇسا قولىنى كۆتۈرسە، ئىسرائىللار ئۈستۈن كېلەتتى. قولىنى چۈشۈرسە، ئامالەكلەر ئۈستۈن كېلەتتى.

12 مۇسانىڭ قوللىرى تېلىپ قالغاندا، ھارۇن بىلەن خۇر بىر تاشنى يۆتكەپ كېلىپ، مۇسانى ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇپ، ئىككى قولىنى ئىككىسى ئىككى تەرەپتىن تاكى كۈن پاتقۇچە كۆتۈرۈپ تۇردى.

13 شۇنداق قىلىپ، يوشۇۋا ئامالەكلەر قوشۇنىنى قىرغىن قىلىپ، ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى.

14 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: _ كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ بۈگۈنكى غەلىبىنى ئۇنتۇماسلىقى ئۈچۈن يېزىپ قالدۇرغىن. ئامالەكلەرنى پۈتۈنلەي يوقىتىدىغانلىقىمنى يوشۇۋاغا يەتكۈزۈپ قوي، _ دېدى.

15 شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئۇنىڭ نامىنى «ياھۋەھ-نىسسە» [مەنىسى «پەرۋەردىگار مېنىڭ تۇغۇمدۇر»] دەپ ئاتىدى.

16 مۇسا: _ پەرۋەردىگارنىڭ تۇغىنى ئېگىز كۆتۈرىمەن! پەرۋەردىگار ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئامالەكلەر بىلەن جەڭ قىلغاي، _ دېدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan