مىسىردىن چىقىش 16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىماننا بىلەن بۆدۈنە 1 پۈتۈن ئىسرائىللار ئېلىم دېگەن يەردىن يۈرۈپ كەتتى. ئۇلار مىسىردىن ئايرىلىپ بىر يېرىم ئايدىن كېيىن، ئېلىم بىلەن سىناي تېغىنىڭ ئارىلىقىدىكى سىن چۆلىگە يېتىپ باردى. 2 چۆلدە ئۇلار مۇسا بىلەن ھارۇنغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: 3 _ پەرۋەردىگار بىزنى مىسىردا ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولسىمۇ بوپتىكەن. ئۇ يەردە ھېچبولمىغاندا قازاننى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، گۆش ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنى تويغۇدەك يەيتتۇق. لېكىن سىلەر بىزنى چۆلگە ئېلىپ كېلىپ، بۇ يەردە ئاچلىقتىن ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىسىلەر، _ دېيىشتى. 4 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇساغا: _ مەن ئاسماندىن يېمەكلىك ياغدۇرىمەن. ئىسرائىللار ھەر كۈنى چىقىپ، شۇ كۈنلۈك ئوزۇقىنى يىغىۋالسۇن. مەن ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىلىرىمگە رىئايە قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقىنى مۇشۇ ئارقىلىق سىنايمەن. 5 ھەر ھەپتىنىڭ ئالتىنچى كۈنى ئۇلار ئىككى كۈنلۈك ئوزۇقىنى يىغىۋالسۇن، _ دېدى. 6 شۇڭا مۇسا بىلەن ھارۇن ئىسرائىللارغا: _ بۈگۈن كېچە سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققۇچىنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىسىلەر. 7 ئەتە ئەتىگەندە پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆرىسىلەر. سىلەرنىڭ رەنجىگەنلىكىڭلار ئۇنىڭ قۇلىقىغا يەتتى. ئۇنىڭغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرگۈدەك بىز كىم ئىدۇق؟ 8 پەرۋەردىگار كەچتە سىلەرگە گۆش، ئەتىگەندە تويغۇدەك نان بېرىدۇ. چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ رەنجىگەنلىكىڭلارنى ئاڭلىدى. سىلەرنىڭ بىزدىن رەنجىگىنىڭلار ئەمەلىيەتتە پەرۋەردىگاردىن رەنجىگىنىڭلاردۇر! _ دېدى. 9 ئاندىن مۇسا ھارۇنغا: _ سەن بېرىپ، پۈتۈن خەلققە: «پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا يىغىلىڭلار، چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ رەنجىگىنىڭلارنى ئاڭلىدى» دېگىن، _ دېدى. 10 ھارۇن پۈتۈن خەلققە گەپ قىلىۋاتقاندا، ئۇلار چۆللۈكتە پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىنىڭ بۇلۇتلار ئارىسىدا پارلاپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. 11 شۇ چاغدا پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: 12 _ مەن ئىسرائىللارنىڭ رەنجىگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. سەن ئۇلارغا: «خۇدا: ‹كەچتە گۆش، ئەتىگەندە تويغۇدەك نان يەيسىلەر. شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇدا ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر› دېدى»، _ دېگىن. 13 كەچقۇرۇن سان-ساناقسىز بۆدۈنە ئۇچۇپ كېلىپ، پۈتۈن قارارگاھنى قاپلىدى. ئەتىسى سەھەردە قارارگاھنىڭ ئەتراپىغا شەبنەم چۈشتى. 14 شەبنەم قۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، يەر يۈزىدە نېپىز بىر قەۋەت قىرودەك نەرسە كۆرۈندى. 15 ئىسرائىللار بۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىشەلمەي، بىر-بىرىدىن: _ بۇ نېمىدۇ؟ _ دەپ سوراشتى. مۇسا ئۇلارغا: _ بۇ پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان يېمەكلىكىدۇر. 16 پەرۋەردىگار سىلەرنى ئۆز ئېھتىياجىغا قاراپ يىغىۋالسۇن، چېدىردىكى ئادەم سانى بويىچە كىشى بېشىغا ئىككى قاچىدىن ئالسۇن، دەپ بۇيرۇدى، _ دېدى. 17 ئىسرائىللار خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە ئىش كۆردى. بەزىلەر كۆپرەك يىغىۋالدى، بەزىلەر ئازراق يىغىۋالدى. 18 كۆپرەك يىغىۋالغانلارنىڭ ئېشىپ قالمىدى، ئاز يىغىۋالغانلارنىڭمۇ يەتمەي قالمىدى. ھەممەيلەننىڭ يىغىۋالغىنى ئۆز ئېھتىياجىغا دەلمۇدەل بولدى. 19 مۇسا ئۇلارغا: _ يېمەكلىكنى ئىككىنچى كۈنىگە ئاشۇرۇپ قويۇشقا رۇخسەت يوق، _ دېدى. 20 لېكىن بەزىلەر مۇسانىڭ سۆزىنى ئاڭلىماي، ئەتىسى ئەتىگەنگە بىرئاز ئاشۇرۇپ قويدى. بىراق ئاشۇرۇپ قويۇلغان يېمەكلىكنىڭ ھەممىسى قۇرۇتلاپ سېسىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئۇلارغا خاپا بولدى. 21 ھەممە ئادەم ھەر كۈنى سەھەردە چىقىپ، ئۆزىگە ئېھتىياجلىق يېمەكلىك يىغىۋالدى. چۈنكى كۈن قىزىغان ۋاقىتتا، يېمەكلىك ئېرىپ كېتەتتى. 22 ئالتىنچى كۈنى، ئۇلار بىر ھەسسە ئارتۇق، يەنى ھەر كىشى تۆت قاچىدىن يېمەكلىك يىغىۋالدى. خەلق ئىچىدىكى يېتەكچىلەر بۇ ئىشنى مۇساغا مەلۇم قىلدى. 23 مۇسا ئۇلارغا: _ پەرۋەردىگار: «ئەتە تولۇق دەم ئالىدىغان كۈندۇر. بۇ كۈن مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان كۈندۇر. بۈگۈن يېمەكلىكىڭلارنى ئوتقا قاقلاپ، سۇدا قاينىتىپ، خالىغىنىڭلارچە پىشۇرۇڭلار، ئېشىپ قالغىن ىنى ئەتىگە قالدۇرۇڭلار» دەپ بۇيرۇغانىدى، _ دېدى. 24 ئۇلار مۇسانىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە ئېشىپ قالغان يېمەكلىكلەرنى ئىككىنچى كۈنىگە قالدۇردى، لېكىن يېمەكلىكلەر قۇرۇتلاپمۇ كەتمىدى، سېسىپمۇ قالمىدى. 25 مۇسا ئۇلارغا: _ بۈگۈن مۇشۇ يېمەكلىكلەرنى يەڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بۇ دەم ئېلىش كۈنىدە سىلەر يەردىن ھېچقانداق يېمەكلىك تاپالمايسىلەر. 26 سىلەر ئالتە كۈن ئىچىدە يېمەكلىك يىغىۋالىسىلەر، يەتتىنچى كۈنى دەم ئېلىش كۈنى بولۇپ، بۇ كۈنى ھېچ نەرسە تاپالمايسىلەر، _ دېدى. 27 يەتتىنچى كۈنى بەزىلەر يەنىلا يېمەكلىك يىغقىلى چىققانىدى، لېكىن ئۇلار ھېچ نەرسە تاپالمىدى. 28 پەرۋەردىگار مۇساغا: _ بۇ خەلق ھېلىغىچە مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىمنى رەت قىلىۋاتامدۇ؟ 29 ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، مەن سىلەرگە دەم ئېلىش كۈنىنى ئاتا قىلدىم. شۇڭا سىلەرگە ئالتىنچى كۈنى ئىككى كۈنلۈك يېمەكلىك بەردىم. يەتتىنچى كۈنى ھەممە ئادەم ئۆيىدە ئولتۇرسۇن، سىرتقا چىقمىسۇن، _ دېدى. 30 شۇڭا ئىسرائىللار يەتتىنچى كۈنى ئىش قىلماي دەم ئېلىشتى. 31 ئىسرائىللار بۇ يېمەكلىكنى «ماننا» دەپ ئاتىدى. ماننا ئاق رەڭلىك بولۇپ، شەكلى ئاشكۆكىنىڭ ئۇرۇقىغا، تەمى ھەسەل قوشۇلغان نانغا ئوخشايتتى. 32 مۇسا ئۇلارغا: _ پەرۋەردىگار: «ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ مېنىڭ سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، چۆل-باياۋاندا يېمەكلىك بىلەن تەمىنلىگەنلىكىمنى بىلىشى ئۈچۈن، ماننادىن ئىككى قاچا ساقلاپ قويۇڭلار» دېگەنىدى، _ دېدى 33 ۋە ھارۇنغا: _ بىر كومزەككە ئىككى قاچا كەلگۈدەك ماننا ئېلىپ، ئۇنى ئەۋلادلىرىمىزغا ساقلاپ قويۇش ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا قويۇپ قويغىن، _ دېدى. 34 ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا چۈشۈرگەن ئەمرى بويىچە كومزەكنى ساقلاپ قويۇش ئۈچۈن ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويدى. 35 ئىسرائىللار تاكى ئادەم ئولتۇراقلاشقىلى بولىدىغان يەرگە، يەنى كەنئان زېمىنىغا بارغۇچە، جەمئىي قىرىق يىل ماننا يېدى. 36 (ئەينى زاماندا، ئۆلچەم قاچىسىنىڭ سىغىمى يىگىرمە لىتىر نەرسە پاتقۇدەك ئىدى.) |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti