مىسىردىن چىقىش 14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىئىسرائىللارنىڭ قىزىل دېڭىزدىن ئۆتۈشى 1 پەرۋەردىگار مۇساغا: 2 _ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، ئۇلار كەينىگە بۇرۇلۇپ، مىگدول شەھىرى بىلەن دېڭىز ئارىلىقىدىكى پىھاخىروت دېگەن يەرنىڭ يېنىدا چېدىرلىرىنى تىكسۇن. ئۇ يەر بائال-زىفوننىڭ قارشى تەرىپىدىدۇر. 3 شۇنداق قىلساڭلار، پىرئەۋن: «ئىسرائىللار ئايلىنىپ يۈرۈپ، يوللىرىدىن ئېزىپ، ئاخىرى چۆلدە قاپتۇ» دەپ ئويلايدۇ. 4 مەن پىرئەۋننى يەنە جاھىللاشتۇرىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كەينىڭلاردىن قوغلايدۇ. مەن پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قوشۇنىنى يېڭىمەن، شۇ چاغدا ھەممە ئادەم مېنىڭ قانچىلىك ئۇلۇغ ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ. مىسىرلىقلارمۇ مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ، _ دېدى. ئىسرائىللار خۇدانىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە ئۇ يەردە چېدىرلىرىنى تىكىشتى. 5 پىرئەۋن «ئىسرائىللار قېچىپ كەتتى» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرگە قارارىنى ئۆزگەرتىپ: _ بىز نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئەخمەقلىق قىلدۇق؟ ئىسرائىللارنىڭ قېچىپ كېتىشىگە يول قويۇپ، نۇرغۇن قۇلدىن مەھرۇم قاپتۇق! _ دېيىشتى. 6 شۇنىڭ بىلەن پىرئەۋن شاھانە جەڭ ھارۋىسىنى تەييار قىلدۇرۇپ، قوشۇنىنى باشلاپ يولغا چىقتى. 7 ئۇ مىسىردىكى بارلىق جەڭ ھارۋىلىرىنى باشلاپ ماڭدى. بۇ جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە تاللانغان ئالتە يۈز جەڭ ھارۋىسىمۇ بار ئىدى. ھەربىر جەڭ ھارۋىسىدا بىردىن لەشكەر بېشى بار ئىدى. 8 پەرۋەردىگار پىرئەۋن، يەنى مىسىر پادىشاھىنى جاھىللاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن پىرئەۋن زەپەر بىلەن چىقىپ كېتىۋاتقان ئىسرائىللارنىڭ كەينىدىن قوغلىدى. 9 مىسىر قوشۇنى، جۈملىدىن جەڭ ھارۋىلىرى، ھارۋىلىق لەشكەرلەر ۋە پىيادە لەشكەرلەر ئىسرائىللارنى تاكى قىزىل دېڭىزغىچە، يەنى ئۇلار چېدىر قۇرغان جايغىچە توختىماي قوغلاپ باردى. ئۇ يەر پىھاخىروتنىڭ يېنىدا بولۇپ، بائال-زىفوننىڭ قارشى تەرىپىدە ئىدى. 10 ئىسرائىللار پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ قوغلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن قورقۇپ كېتىشتى ۋە پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىشتى. 11 ئۇلار مۇساغا: _ بىزنى مىسىردىن بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگىنىڭىز نېمىسى؟ ئەجەبا، بىزنى چۆل-باياۋاندا ئۆلسۇن دېمەكچىمىدىڭىز؟ بىزگە مىسىردا ياتقۇدەك گۆر چىقار بولغىيدى؟ 12 ئۆز ۋاقتىدا، بىز سىزگە: «بولدى قىلىڭ، مىسىردا قۇل بولساق بولايلى» دېمىگەنمىدۇق؟! قۇل بولۇش ھامان چۆلدە ئۆلگەندىن ياخشى ئەمەسمىدى؟! _ دېيىشتى. 13 بىراق مۇسا ئۇلارغا: _ قورقماڭلار، تەۋرەنمەڭلار! بۈگۈن سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى قانداق قۇتقۇزىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر. سىلەر بۈگۈن كۆرگەن مىسىرلىقلارنى ئىككىنچى كۆرمەيسىلەر. 14 پەرۋەردىگار سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ. سىلەر شۈك تۇرۇڭلار، _ دېدى. 15 پەرۋەردىگار مۇساغا: _ ماڭا يېلىنما! ئىسرائىللارغا: «مېڭىڭلار» دەپ بۇيرۇق قىل. 16 ئاندىن تايىقىڭنى دېڭىزغا قارىتىپ شىلتىغىن، دېڭىز سۈيى ئىككىگە بۆلۈنىدۇ، ئىسرائىللار قۇرۇق يەردىن مېڭىپ ئۆتەلەيدۇ. 17 مەن مىسىرلىقلارنى جاھىللاشتۇرىمەن. ئۇلار سىلەرنىڭ ئارقىڭلاردىن قوغلايدۇ. مەن پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرى، جەڭ ھارۋىلىرى ھەمدە ھارۋىلىق لەشكەرلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىمەن. شۇندىلا ھەممە ئادەم مېنىڭ قانچىلىك ئۇلۇغ ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ. 18 مەن ئۇلارنى مەغلۇپ قىلغىنىمدا، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىدۇ، _ دېدى. 19 ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا يول باشلاپ مېڭىۋاتقان خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئەمدى ئۇلارنىڭ كەينىگە ئۆتتى. بۇلۇت تۈۋرۈكىمۇ كەينىگە ئۆتۈپ، 20 مىسىرلىقلار بىلەن ئىسرائىللارنىڭ ئوتتۇرىسىغا بېرىپ توختىدى. بۇلۇت مىسىرلىقلارغا قاراڭغۇلۇق، لېكىن ئىسرائىللارغا يورۇقلۇق چۈشۈردى. شۇڭا مىسىر قوشۇنى ئىسرائىللارغا كېچىچە يېقىن كېلەلمىدى. 21 مۇسا دېڭىزغا قولىنى شىلتىدى. پەرۋەردىگار بىر كېچە قاتتىق شەرق شامىلى چىقىرىپ، دېڭىز سۈيىنى ئىككىگە بۆلۈپ، قۇرۇقلۇق پەيدا قىلدى. 22 ئىسرائىللار دېڭىز ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇق يەردىن مېڭىپ، دېڭىزدىن ئۆتتى. سۇلار ئېگىز تامدەك كۆتۈرۈلگەن ھالدا ئۇلارنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇراتتى. 23 مىسىرلىقلار، جۈملىدىن پىرئەۋننىڭ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ھارۋىلىق لەشكەرلىرى ئۇلارنى قوغلاپ، دېڭىزدىكى قۇرۇق يەردىن ماڭدى. 24 تاڭ سۈزۈلەي دېگەندە، پەرۋەردىگار ئوت ۋە بۇلۇت تۈۋرۈكى ئىچىدىن مىسىر قوشۇنىنى قالايمىقان قىلىۋەتتى. 25 ئۇلارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ چاقلىرى چۈشۈپ قېلىپ، داۋاملىق مېڭىشقا ئامالسىز قالدى. مىسىرلىقلار: _ پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا ياردەم قىلىپ، بىزنى مەغلۇپ قىلدى، تېز قاچايلى! _ دېيىشتى. 26 پەرۋەردىگار مۇساغا: _ دېڭىزغا قولۇڭنى شىلتى، بۆلۈنگەن سۇ ئەسلىگە كەلسۇن. مىسىرلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى، ھارۋىلىق لەشكەرلىرى سۇغا غەرق بولسۇن، _ دېدى. 27 بۇ تاڭ ئاتقان ۋاقىت بولۇپ، مۇسا قولىنى دېڭىزغا قارىتىپ شىلتىدى. شۇنىڭ بىلەن سۇ يەنە ئەسلىگە قايتىشقا باشلىدى. مىسىرلىقلار ئىككى تەرەپتىن كېلىۋاتقان سۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىن قاچتى. لېكىن پەرۋەردىگار ئۇلارنى دېڭىزغا ھالاك قىلىۋەتتى. 28 دېڭىز سۈيى ئەسلىگە قايتىپ، ئىسرائىللارنى قوغلىغان پۈتۈن جەڭ ھارۋىلىرى، ھارۋىلىق لەشكەرلىرى ۋە پۈتۈن مىسىر قوشۇنلىرىنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي غەرق قىلىۋەتتى. 29 ئىسرائىللار قۇرۇق جاي بىلەن دېڭىزدىن ئۆتكەندە، سۇ خۇددى ئىككى تامدەك كۆتۈرۈلۈپ، ئىككى تەرەپكە بۆلۈنگەنىدى. 30 ئىسرائىللار دېڭىز بويىدا مىسىرلىقلارنىڭ جەسەتلىرىنى كۆرگىنىدە، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزلىرىنى ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغانلىقىنى بىلدى. 31 ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز قۇدرىتى بىلەن مىسىرلىقلارنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، پەرۋەردىگاردىن قورقۇشتى ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىشتى. ئۇنىڭ خىزمەتكارى بولغان مۇساغىمۇ ئىشەندى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti