Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

مىسىردىن چىقىش 13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى ئوغلىنى خۇداغا ئاتىشى

1 پەرۋەردىگار بۇرۇن مۇساغا:

2 _ سىلەر تۇنجى ئوغلۇڭلارنى ۋە تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك مالنى ماڭا ئاتاڭلار. چۈنكى ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرى ۋە تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك ماللىرى ماڭا مەنسۇپتۇر، _ دېگەنىدى.

3 مۇسا ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دېدى: _ بۇ كۈننى ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار. چۈنكى بۇ كۈن سىلەر قۇللۇقتا ياشىغان مىسىر زېمىنىدىن يولغا چىققان كۈندۇر. بۇ كۈن پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك قولى بىلەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان كۈندۇر. شۇڭا سىلەر ھەر يىلى مۇشۇ كۈنى خېمىرتۇرۇچ ئارىلاشتۇرۇلغان ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېمەڭلار.

4 سىلەر زىرائەتلەر بىخ چىقارغان ئابىب ئېيىنىڭ بىر كۈنى مىسىردىن يولغا چىققانىدىڭلار.

5 پەرۋەردىگار سىلەرنى كەنئانلار، خىتلار، ئامورلار، خىۋلار ۋە يىبۇسلارنىڭ زېمىنلىرىغا ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، سىلەر ھەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا بۇ كۈننى مۇبارەكلەپ ھېيت ئۆتكۈزۈڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگار سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان بۇ زېمىننى سىلەرگە بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئەجدادلىرىڭلارغا ۋەدە بەرگەنىدى.

6 ھېيت مەزگىلىدە يەتتە كۈنگىچە پېتىر نان يەڭلار. يەتتىنچى كۈنى پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئالاھىدە ئىبادەت مۇراسىمى ئۆتكۈزۈڭلار.

7 بۇ يەتتە كۈن ئىچىدە پېتىر نان يەڭلار. ئۆيۈڭلاردا، ھەتتا سىلەرگە تەۋە زېمىن ئىچىدە خېمىرتۇرۇچ بولمىسۇن.

8 ھېيت كۈنلىرى پەرزەنتلىرىڭلارغا بۇ ھېيتنىڭ سىلەرنىڭ مىسىردىن ئايرىلغان ۋاقتىڭلاردا پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسەتكەن پۈتۈن مۆجىزىلىرىنى ئەسلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزىدىغانلىقىڭلارنى چۈشەندۈرۈڭلار.

9 ھېيت خۇددى قولۇڭلار ياكى پېشانەڭلاردىكى بەلگىدەك سىلەرگە پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنلىرىنى ھەمىشە ئېغىزىڭلاردىن چۈشۈرمەسلىكىڭلارنى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك قولى بىلەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى.

10 شۇڭا سىلەر ھەر يىلى مەن بەلگىلىگەن مۇشۇ ۋاقىتتا بۇ ھېيتنى ئۆتكۈزۈڭلار.

11 پەرۋەردىگار سىلەرگە ۋە سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلارغا ۋەدە قىلغىنىدەك، ئۇ سىلەرنى كەنئانلىقلارنىڭ زېمىنىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇ يەرنى سىلەرگە ھەدىيە قىلغاندىن كېيىن،

12 سىلەر تۇنجى تۇغۇلغان ئوغۇل ۋە تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك مېلىڭلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاڭلار. تۇنجى ئوغۇل ۋە تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك مېلىڭلار پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ بولسۇن.

13 سىلەر تۇنجى ئەركەك تەخەينىڭ ئورنىغا قوي قۇربانلىق قىلساڭلارمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، تەخەينىڭ بوينىنى سۇندۇرۇپ قۇربانلىق قىلىڭلار. لېكىن تۇنجى ئوغۇللىرىڭلارنى چوقۇم بەدەل تۆلەپ قايتۇرۇۋېلىڭلار.

14 كەلگۈسىدە ئوغۇللىرىڭلار: «سىلەر نېمىشقا بۇنداق قىلىسىلەر؟» دەپ سورىسا، سىلەر: «پەرۋەردىگار بىزنى قۇدرەتلىك قولى بىلەن مىسىردىكى قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقتى.

15 ئۇ چاغدا پىرئەۋن جاھىللىق قىلىپ، بىزنى چېگراسىدىن چىقارمىغانىدى. شۇڭا پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرىنى ۋە ھايۋانلىرىنىڭ تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك بالىلىرىنى ھالاك قىلدى. شۇ سەۋەبتىن بىز پۈتۈن چارۋا ماللىرىمىزنىڭ تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك بالىلىرىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىمىز. بىراق تۇنجى ئوغۇللىرىمىزنى بەدەل تۆلەپ قايتۇرۇۋالىمىز.

16 بىزنىڭ بۇ قائىدىگە ئەمەل قىلىشىمىز خۇددى قولىمىزغا ياكى پېشانىمىزگە چېكىۋالغان تۈگۈنچەكنىڭ بىزگە مەلۇم نەرسىنى ئەسلىتىپ تۇرغىنىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ بىزنى قۇدرەتلىك قولى بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىققانلىقىنى ئەسلەپ تۇرۇشىمىز ئۈچۈندۇر» دەپ جاۋاب بېرىڭلار.


بۇلۇت ۋە ئوت تۈۋرۈكى

17 پىرئەۋن ئىسرائىللارنىڭ كېتىشىگە يول قويغان ۋاقىتتا، گەرچە ئىسرائىللارنىڭ فىلىستىيەلىكلەر زېمىنى بىلەن مېڭىشى مەنزىلگە يېقىن بولسىمۇ، خۇدا ئۇلارنى ئۇ يولغا باشلىمىدى. چۈنكى خۇدا: «خەلقىم جەڭگە ئۇچراپ قالسا، بەلكىم پۇشايمان قىلىپ، مىسىرغا قايتىپ كېتىشى مۇمكىن» دەپ ئويلىغانىدى.

18 شۇنىڭ ئۈچۈن خۇدا ئۇلارنى يىراق يول بىلەن چۆلدىن ئۆتكۈزۈپ، قىزىل دېڭىز تەرەپكە باشلاپ ماڭدى. ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندا، قوراللىنىپ جەڭگە تەييار بولۇپ ماڭغانىدى.

19 مۇسا يۈسۈپنىڭ جەسەت-سۆڭىكىنىمۇ ئېلىپ ماڭدى. چۈنكى يۈسۈپ ئۆز قان-قېرىنداشلىرى ئالدىدا: «خۇدا سىلەرنى چوقۇم قۇتقۇزىدۇ. شۇ چاغدا سىلەر چوقۇم مېنىڭ جەسەت سۆڭىكىمنى بىللە ئېلىپ كېتىڭلار» دەپ، ئۇلارنى قەسەم قىلدۇرغانىدى.

20 ئىسرائىللار سۇككوت شەھىرىدىن چىقىپ، چۆلنىڭ بويىدىكى ئېتام دېگەن يەردە چېدىرلىرىنى تىكىشتى.

21 پەرۋەردىگار كۈندۈزى بۇلۇت تۈۋرۈكى ئارقىلىق ئۇلارغا يول باشلىسا، كېچىسى ئوت تۈۋرۈكى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ يولىنى يورۇتتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار كېچە-كۈندۈز ماڭالايدىغان بولدى.

22 پەرۋەردىگار كۈندۈزى بۇلۇت تۈۋرۈكىنى، كېچىسى ئوت تۈۋرۈكىنى ئۇلاردىن ئايرىمىدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan