مىسىردىن چىقىش 11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىتۇنجى بالىلارنىڭ ئۆلۈشى 1 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەڭ ئاخىرقى ئاپەتنى چۈشۈرىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سىلەرنى جەزمەن قويۇپ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇ سىلەردىن تەلتۆكۈس قۇتۇلۇش ئۈچۈن سىلەرنى ئۇ يەردىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. 2 ئەمدى سەن بېرىپ ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، ئۇلار مىسىرلىق قوشنىلىرىنىڭكىگە كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش زىننەت بۇيۇملىرىنى سوراپ ئالسۇن. 3 (پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنى ئىسرائىللارنى ياخشى كۆرىدىغان، ئەمەلدارلار ۋە خەلقنى مۇسانى ئۇلۇغ ئادەم، دەپ ھۆرمەتلەيدىغان قىلىپ قويغانىدى.) 4 شۇنىڭ بىلەن مۇسا پىرئەۋنگە مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار: «بۈگۈن تۈن يېرىمىدا، مەن مىسىرنىڭ ھەممە يېرىنى كېزىمەن. 5 شۇ ۋاقىتتا مىسىر تەختىدە ئولتۇرغان پىرئەۋننىڭ تۇنجى ئوغلىدىن تارتىپ تاكى يارغۇنچاقتا ئۇن تارتىدىغان دېدەكنىڭ تۇنجى ئوغلىغىچە ھەممە تۇنجى ئوغۇللار ئۆلىدۇ، ھەتتا تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك ماللىرىمۇ ئۆلىدۇ. 6 شۇ چاغدا پۈتۈن مىسىردا ئەلمىساقتىن بولمىغان ۋە بۇندىن كېيىنمۇ بولمايدىغان قاتتىق يىغا-زار بولىدۇ. 7 لېكىن ئىسرائىللارغا ياكى ئۇلارنىڭ ماللىرىغا ھەتتا ئىتمۇ قاۋاپ قويمايدۇ» دەيدۇ. ئەنە شۇ چاغدا سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ مىسىرلىقلار بىلەن ئىسرائىللارنى پەرقلەندۈرىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر. 8 ئاخىردا ئەمەلدارلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ئالدىمغا كېلىپ ماڭا ئېگىلىدۇ ۋە خەلقىم ئىسرائىللارنى بۇ يەردىن ئېلىپ كېتىشىمنى تەلەپ قىلىدۇ. مانا شۇ چاغدا مەن بۇ يەردىن ئايرىلىمەن. مۇسا سۆزىنى تۈگىتىپ، پىرئەۋننىڭ ئالدىدىن دەرغەزەپ بىلەن چىقىپ كەتتى. 9 پەرۋەردىگار بۇرۇن مۇساغا: «پىرئەۋن سېنىڭ سۆزۈڭنى داۋاملىق رەت قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، مەن مىسىردا تېخىمۇ كۆپ مۆجىزىلەرنى كۆرسىتىمەن» دېگەنىدى. 10 مۇسا بىلەن ھارۇن پىرئەۋننىڭ ئالدىدا ئەنە شۇنداق نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن پەرۋەردىگار پىرئەۋننى جاھىللاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئىسرائىللارنىڭ مىسىردىن چىقىپ كېتىشىگە يول قويمىدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti