Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

مىسىردىن چىقىش 10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


چېكەتكە ئاپىتى

1 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇساغا: _ سەن پىرئەۋننىڭ يېنىغا يەنە بارغىن. مەن پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنى يەنە جاھىللاشتۇرىمەن. مەقسىتىم كۈچ-قۇدرىتىمنى مىسىر خەلقىگە نامايان قىلىشتۇر.

2 شۇنداق بولغاندا، سىلەر ئۆز پەرزەنتلىرىڭلار ۋە نەۋرىلىرىڭلارغا مېنىڭ مىسىرلىقلارنى قانداق جازالىغانلىقىم ۋە ئۇلارغا قانداق مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەنلىكىمنى سۆزلەپ بېرەلەيسىلەر. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلەلەيسىلەر، _ دېدى.

3 شۇنداق قىلىپ، مۇسا ۋە ھارۇن پىرئەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگار، يەنى ئىبرانىيلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا: «سەن مېنىڭ ئالدىمدا زادى قاچانغىچە جاھىللىق قىلىسەن؟ خەلقىمنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن بېرىشىغا يول قوي!

4 ئەگەر يول قويمىساڭ، سېنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويايكى، مەن ئەتە سېنىڭ زېمىنىڭدا چېكەتكە ئاپىتى پەيدا قىلىمەن.

5 چېكەتكىلەر زېمىنىڭنى قاپلايدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپلۈكىدىن يەر يۈزىنىمۇ كۆرەلمەي قالىسەن. چېكەتكىلەر مۆلدۈردىن ئامان قالغان زىرائەتلەرنى، ھەتتا دالادىكى دەل-دەرەخلەرنىمۇ يەپ تۈگىتىدۇ.

6 ئۇلار ئورداڭغا، ئەمەلدارلىرىڭ ۋە خەلقىڭنىڭ ئۆيلىرىگىمۇ كىرىدۇ. بۇنداق قورقۇنچلۇق ئاپەتنى ئاتا-بوۋىلىرىڭمۇ كۆرۈپ باقمىغان» دەيدۇ، _ دېدى ۋە دەرھال كەينىگە بۇرۇلۇپ، پىرئەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ كەتتى.

7 ئەمەلدارلار پىرئەۋنگە: _ ئالىيلىرى، بۇ ئادەمنىڭ بىزگە ۋەيرانچىلىق سېلىشىغا قاچانغىچە يول قويىدىلا؟ ئىسرائىللارنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان خۇداسىغا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن بېرىشىغا يول قويسىلا! مىسىرنىڭ خاراب بولغانلىقىدىن خەۋەرلىرى يوقمۇ؟ _ دېدى.

8 شۇنىڭ بىلەن پىرئەۋن مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ، ئۇلارغا: _ سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇداغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن بارساڭلار بېرىڭلار. لېكىن زادى كىملەر بارماقچى؟ _ دېدى.

9 مۇسا جاۋابەن: _ قېرى-ياش، بالىچاقا ۋە چارۋا ماللىرىمىزنى ئېلىپ، ھەممىمىز بارماقچى. چۈنكى بىز ئۇ يەردە ھېيت ئۆتكۈزۈپ، پەرۋەردىگارىمىزغا ئىبادەت قىلىپ تەنتەنە قىلىمىز، _ دېدى.

10 پىرئەۋن ئۇلارغا: _ ھىم! مەن سىلەرنىڭ خوتۇن، بالىچاقىلىرىڭلارنى ئېلىپ بېرىشىڭلارغا ھەقىقەتەن يول قويۇشۇم كېرەك ئىكەن-دە!؟ سىلەرنى پەرۋەردىگارىڭلار ئۆزى ساقلىسۇن! قاراڭلار، نىيىتىڭلار نېمانداق يامان!

11 قەتئىي يول قويمايمەن! ئەگەر سىلەرنىڭ تەلەپ قىلغىنىڭلار ئىبادەت قىلىشقا بېرىش بولسا، ئۇنداقتا پەقەت ئەرلەرلا بارسۇن، _ دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن، مۇسا بىلەن ھارۇن ئوردىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى.

12 شۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگار مۇساغا: _ چېكەتكە پەيدا قىلىش ئۈچۈن مىسىرنىڭ ھەممە تەرىپىگە قولۇڭنى ئۇزات! چېكەتكىلەر مىسىر تەۋەسىدە مۆلدۈردىن ئامان قالغان ھەممە ئۆسۈملۈكلەرنى يەپ تۈگەتسۇن، _ دېدى.

13 شۇنىڭ بىلەن مۇسا قولىدىكى تايىقىنى مىسىرنىڭ ھەممە تەرىپىگە قارىتىپ ئۇزاتتى. پەرۋەردىگار بىر كېچە-كۈندۈز شەرق شامىلى چىقاردى. تاڭ ئاتقاندا، شامال چېكەتكىلەرنى ئېلىپ كەلدى.

14 چېكەتكىلەر توپ-توپى بىلەن مىسىر زېمىنىغا قوندى، ئۇلار مىسىرنىڭ ھەممە يېرىنى قاپلىدى. بۇنچە كۆپ چېكەتكە ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغانىدى، بۇندىن كېيىنمۇ كۆرۈلۈشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

15 پۈتۈن زېمىن قارىداپ كەتتى. چېكەتكىلەر مۆلدۈردىن ئامان قالغان ھەممە نەرسىنى، يەنى ئۆسۈملۈكلەرنى ۋە شاختىكى مېۋىلەرنى يەپ تۈگەتتى. پۈتۈن مىسىر تەۋەسىدىكى ئېتىزلىقلاردا ۋە دەل-دەرەخلەردە يېشىللىقتىن ئەسەرمۇ قالمىدى.

16 شۇڭا پىرئەۋن دەرھال مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ: _ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇدا ئالدىدا ھەم سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا گۇناھكارمەن.

17 ئەمدى يەنە بىر قېتىم ماڭا كەڭچىلىك قىلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن: «مىسىرلىقلارنى بۇ ئەجەللىك ئاپەتتىن قۇتقۇزغايسەن» دەپ دۇئا قىلغايسىلەر، _ دېدى.

18 شۇنىڭ بىلەن مۇسا پىرئەۋننىڭ يېنىدىن چىقىپ، پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى.

19 پەرۋەردىگار شەرق شامىلىنى قاتتىق غەرب شامىلىغا ئايلاندۇرۇپ، چېكەتكىلەرنى قىزىل دېڭىزغا ئۇچۇرۇپ كەتتى. مىسىر دىيارىدا بىرمۇ چېكەتكە قالمىدى.

20 لېكىن پىرئەۋن ئىسرائىللارنىڭ چېگرادىن چىقىپ كېتىشىگە يەنىلا يول قويمىدى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنى يەنىلا جاھىللاشتۇرغانىدى.


قاراڭغۇلۇق

21 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: _ سەن قولۇڭنى ئاسمانغا كۆتۈر! پۈتۈن مىسىرنى زۇلمەت قاپلايدۇ، _ دېدى.

22 مۇسا قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈۋىدى، پۈتۈن مىسىرنى ئۈچ كۈن زۇلمەت قاپلىدى.

23 بۇ چاغدا مىسىرلىقلار بىر-بىرىنى كۆرەلمىدى، ئۆيدىن تالاغا چىقالمىدى. لېكىن ئىسرائىللار ياشايدىغان يەرلەر بولسا يورۇق تۇردى.

24 پىرئەۋن مۇسانى چاقىرتىپ: _ سىلەر بېرىپ پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادىتىڭلارنى قىلىڭلار. ھەتتا خوتۇن، بالا-چاقىلىرىڭلارنىمۇ ئېلىپ بارساڭلار بولىدۇ. لېكىن كالا، قوي، ئۆچكىلىرىڭلار بۇ يەردە قالسۇن، _ دېدى.

25 مۇسا جاۋابەن: _ ياق، سىز بىزنىڭ قۇربانلىق ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىشىمىز ئۈچۈن ماللىرىمىزنى ئېلىپ بېرىشىمىزغا ئىجازەت بېرىڭ.

26 بىز چارۋا ماللىرىمىزنى چوقۇم ئېلىپ بارىمىز، ھەتتا بىرەر تۇياق مېلىمىزنىمۇ بۇ يەردە قالدۇرمايمىز. بىز پەرۋەردىگارغا ئاتايدىغان قۇربانلىقنى ئۆز ماللىرىمىز ئىچىدىن تاللايمىز. ئۇ يەرگە بارمىغۇچە، پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا قايسى مالنى قۇربانلىق قىلىشنى بىلمەيمىز، _ دېدى.

27 پەرۋەردىگار پىرئەۋننى جاھىللاشتۇرغاچقا، ئۇ ئىسرائىللارنى يەنىلا قويۇپ بەرمىدى.

28 پىرئەۋن مۇساغا: _ كۆزۈمدىن يوقال، ئىككىنچى كۆزۈمگە كۆرۈنگۈچى بولما! يەنە كۆرۈنگۈچى بولساڭ، جېنىڭنى ئالىمەن! _ دېدى.

29 مۇسا ئۇنىڭغا: _ ئېيتقىنىڭىز كەلسۇن. مەنمۇ سىزگە كۆرۈنمەيمەن، _ دېدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan