Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

مىسىردىن چىقىش 1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئىسرائىللارنىڭ مىسىردا تارتقان ئازابلىرى

1 ئىسرائىل، يەنى ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى بالا-چاقىلىرىنى ئېلىپ، ئاتىسى ياقۇپ بىلەن بىرگە مىسىرغا باردى.

2 ياقۇپنىڭ رۇبېن، شىمون، لاۋىي، يەھۇدا،

3 ئىسساكار، زەبۇلۇن، بىنيامىن،

4 دان، نافتالى، گاد ۋە ئاشېر ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولۇپ،

5 ئۇلار بالا-چاقىلىرى بىلەن بىرگە جەمئىي يەتمىش كىشى ئىدى. ياقۇپنىڭ يەنە بىر ئوغلى يۈسۈپ بۇ ۋاقىتتا ئاللىقاچان مىسىردا ئىدى.

6 كېيىن يۈسۈپ ۋە قېرىنداشلىرى ھەمدە بارلىق زامانداشلىرى ئالەمدىن ئۆتتى.

7 شۇنداقتىمۇ، ئىسرائىلنىڭ (يەنە بىر ئىسمى ياقۇپ) ئەۋلادلىرى تېز كۆپىيىپ، كۈچلۈك بىر خەلققە ئايلاندى ۋە مىسىرنىڭ ھەممە يېرىنى قاپلىدى.

8 كېيىن مىسىردا يېڭى بىر پىرئەۋن، يەنى پادىشاھ تەختكە چىقتى. ئۇ يۈسۈپ ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيتتى.

9 ئۇ مىسىرلىقلارغا: _ قاراڭلار، ئىسرائىللار بىزگە قارىغاندا كۆپىيىپ، كۈچىيىپ كەتتى!

10 ئەڭ ياخشىسى بىز تەدبىر قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىنىڭ ئالدىنى ئالايلى. ناۋادا ئۇرۇش يۈز بېرىپ قالسا، ئۇلار دۈشمەنلەر بىلەن بىرلىشىپ بىزگە ھۇجۇم قىلىشى ۋە بۇ يەردىن قېچىپ كېتىشى مۇمكىن، _ دېدى.

11 شۇنىڭ بىلەن مىسىرلىقلار ئىسرائىللارنى ئېغىر ئەمگەكلەرگە سېلىپ، ئۇلارنى ئەزدى ۋە ئەمگەك نازارەتچىلىرىنى تەيىنلىدى. ئۇلارغا پىتوم ۋە رەمسېس شەھەرلىرىنى سالدۇردى. بۇ شەھەرلەر پىرئەۋن، يەنى مىسىر پادىشاھىنىڭ ئاشلىقلىرىنى ساقلايدىغان شەھەرلىرىگە ئايلاندى.

12 لېكىن مىسىرلىقلار ئىسرائىللارنى قانچە ئەزگەنسېرى، ئۇلار شۇنچە كۆپىيىپ، مىسىرنىڭ باشقا يەرلىرىگىمۇ تارقالدى. شۇ سەۋەبتىن، مىسىرلىقلار ئىسرائىللاردىن قورقۇپ،

13 ئۇلارنى تېخىمۇ ئېغىر ئىشلارغا سالدى.

14 مىسىرلىقلار ئۇلارنى لاي ئېتىش، كېسەك قۇيۇش ۋە ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى قىلىشتەك ئېغىر ئەمگەكلەرگە سېلىپ، ئۇلارنى ئىنتايىن قاتتىق ئازابلارغا دۇچار قىلدى.

15 مىسىردا شىفراھ ۋە پۇئاھ ئىسىملىك ئىككى نەپەر ئىبرانىي تۇغۇت ئانىسى بار ئىدى. مىسىر پادىشاھى ئۇلارغا:

16 _ سىلەر ئىبرانىي ئاياللىرىنى تۇغدۇرغان ۋاقتىڭلاردا، بوۋاقنىڭ ئوغۇل ياكى قىز ئىكەنلىكىگە قاراڭلار. ئەگەر ئوغۇل تۇغۇلسا، بوۋاقنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار، قىز تۇغۇلسا، تىرىك قالدۇرۇڭلار، _ دېدى.

17 لېكىن بۇ ئىككى تۇغۇت ئانىسى خۇداغا ئىخلاسمەن بولغاچقا، پادىشاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنماي، ئوغۇل بوۋاقلارنى ئۆلتۈرمىدى.

18 شۇڭا پادىشاھ ئۇلارنى چاقىرتىپ: _ سىلەر نېمە ئۈچۈن ئوغۇل بوۋاقلارنى ئۆلتۈرمىدىڭلار، نېمىشقا بۇنداق قىلدىڭلار؟ _ دەپ سورىدى.

19 ئۇلار: _ ئىبرانىي ئاياللىرى مىسىر ئاياللىرىغا ئوخشىمايدۇ، ئۇلار ناھايىتى ساغلام كېلىدۇ. بىز يېتىپ بارغۇچە، ئۇلار ئۆزلىرى تۇغۇپ بولىدىكەن، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.

20-21 شۇڭا ئىسرائىللار داۋاملىق كۆپىيىپ، تېخىمۇ كۈچەيدى. تۇغۇت ئانىلىرى خۇداغا ئىخلاسمەن ئاياللار بولغانلىقى ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىپ، ئۇلارنىمۇ بالىچاقىلىق قىلدى.

22 شۇنىڭ بىلەن پىرئەۋن ئۆز خەلقىگە: _ ئىسرائىللاردىن تۇغۇلغان ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ ھەممىسىنى نىل دەرياسىغا تاشلاڭلار، قىز بوۋاقلىرىنىلا تىرىك قالدۇرۇڭلار، _ دەپ ئەمر قىلدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan