ئەستىر 9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىيەھۇدىيلارنىڭ ئۆز دۈشمەنلىرىنى مەغلۇپ قىلىشى 1 12-ئاينىڭ، يەنى ئادار ئېيىنىڭ 13-كۈنى كەلدى. بۇ پادىشاھنىڭ پەرمانى ئىجرا قىلىنىدىغان، شۇنداقلا يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمەنلىرى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىشكە ئۈمىد باغلىغان كۈن ئىدى. ئەكسىچە بۇ كۈندە يەھۇدىيلار ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى. 2 يەھۇدىيلار ئۆزلىرىگە زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن پادىشاھ ئاخاشۋېروشقا قاراشلىق پۈتۈن ئۆلكىلەردە يىغىلىشتى. ھەرقايسى جايلاردىكى خەلقلەر ئۇلاردىن قورققانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا ھېچقايسىسى قارشىلىق كۆرسىتەلمىدى. 3 پۈتۈن ئۆلكىلەرنىڭ رەئىسلىرى، ئەمەلدارلىرى، بەگلىرى ۋە ئوردا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىملار موردىكايدىن قورققاچقا، يەھۇدىيلارغا ياردەم بېرىشتى. 4 چۈنكى موردىكاي ئوردىدا ئىنتايىن نوپۇزلۇق ئادەمگە ئايلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ نام-شۆھرىتى بارلىق ئۆلكىلەرگە تارقالغانىدى. ئۇنىڭ ھوقۇق دائىرىسى بارغانسېرى كېڭىيىپ باراتتى. 5 شۇڭا يەھۇدىيلار ئۆز دۈشمەنلىرىگە خالىغىنىنى قىلدى. ئۇلار دۈشمەنلىرىنى قىلىچ بىلەن قىردى. 6 يەھۇدىيلار سۇزا قەلئەسىدىلا بەش يۈز كىشىنى ئۆلتۈردى. 7-10 ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەھۇدىيلارنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى ھاممىداتانىڭ ئوغلى بولغان ھاموننىڭ ئون ئوغلىمۇ، يەنى پارشانداتا، دالفون، ئاسپاتا، پوراتا، ئاداليا، ئارىداتا، پارماشتا، ئارىساي، ئارىداي ۋە ۋايزاتالارمۇ بار ئىدى. يەھۇدىيلار دۈشمەنلىرىنى ئۆلتۈردى، لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچقانداق مال-مۈلكىنى ئولجا ئالمىدى. 11 شۇ كۈنى سۇزا قەلئەسىدە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى پادىشاھقا مەلۇم قىلىندى. 12 پادىشاھ خانىش ئەستىرگە: _ يەھۇدىيلار يالغۇز سۇزا قەلئەسىدىلا بەش يۈز ئادەم ئۆلتۈرۈپتۇ. ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئىچىدە ھاموننىڭ ئون ئوغلىمۇ بار ئىكەن. يەھۇدىيلار ئىمپېرىيەنىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدە يەنە نېمە ئىشلارنى قىلغاندۇ؟ ئەمدى يەنى نېمىنى ئىلتىماس قىلىسەن؟ ئىلتىماسىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. يەنە نېمە تەلىپىڭ بار؟ تەلىپىڭ ئورۇندىلىدۇ، _ دېدى. 13 ئەستىر: _ ئالىيلىرى خالىسىلا، سۇزادىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئەتىمۇ بۈگۈنكى پەرمان بويىچە ئىش قىلىشىغا ئىجازەت بەرگەيلا، ھەمدە ھاموننىڭ ئۆلتۈرۈلگەن ئون ئوغلىنىڭ جەسىتىنى خادىغا سانجىتقايلا، _ دېدى. 14 پادىشاھ شۇ بويىچە پەرمان چۈشۈردى ۋە بۇ پەرمان سۇزادا جاكارلاندى. ھاموننىڭ ئون ئوغلىنىڭ جەسەتلىرى خادىلارغا سانجىلدى. 15 ئادار ئېيىنىڭ 14-كۈنى سۇزادىكى يەھۇدىيلار يەنە بىر قېتىم جەم بولۇپ، ئۈچ يۈز ئادەمنى ئۆلتۈردى، لېكىن ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئولجا ئالمىدى. 16 ئىمپېرىيەنىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىكى يەھۇدىيلارمۇ جانلىرىنى ساقلاش ۋە دۈشمەنلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۆزلىرىگە ئۆچمەنلىك قىلغان 75 مىڭ كىشىنى ئۆلتۈردى، لېكىن ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئولجا ئالمىدى. 17 بۇ ۋەقە ئادار ئېيىنىڭ 13-كۈنى يۈز بەردى. ئۇلار ئىككىنچى كۈنى دەم ئالدى ۋە خۇشال بولۇشۇپ، زىياپەت ئۆتكۈزۈشتى. 18 سۇزادىكى يەھۇدىيلار دۈشمەنلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئادار ئېيىنىڭ 13-، 14-كۈنلىرى جەم بولدى. شۇڭا ئۇلار 15-كۈنى دەم ئالدى ۋە خۇشال بولۇشۇپ، زىياپەت ئۆتكۈزۈشتى. 19 شۇ سەۋەبتىن كىچىك يېزا-كەنتلەردە تۇرىدىغان يەھۇدىيلار ئادار ئېيىنىڭ 14-كۈنىنى خۇشال بولۇشۇپ، زىياپەت ئۆتكۈزىدىغان ۋە بىر-بىرىگە سوۋغا تەقدىم قىلىشىدىغان كۈن قىلىپ بېكىتىشتى. «پۇرىم» بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى 20 موردىكاي بۇ ئىشلارنى خاتىرىلەپ قويدى. ئۇ پۈتۈن ئاخاشۋېروش ئىمپېرىيەسىنىڭ يىراق-يېقىن ئۆلكىلىرىدىكى يەھۇدىيلارغا پەرمان چۈشۈرۈپ، 21 ئۇلارنىڭ ھەر يىلى ئادار ئېيىنىڭ 14- ۋە 15-كۈنلىرىنى بايرام كۈنى قىلىشلىرىنى بۇيرۇدى. 22 بۇ كۈنلەر يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان كۈنلەردۇر. بۇ ئاي يەھۇدىيلارنىڭ قايغۇلىرى شادلىققا، مۇڭ-زارلىرى خۇشاللىققا ئايلانغان ئايدۇر. ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ بۇ كۈنلەردە خۇشال بولۇشۇپ، زىياپەت ئۆتكۈزۈشىنى، بىر-بىرىگە، شۇنداقلا كەمبەغەللەرگە سوۋغا تەقدىم قىلىشلىرىنى بۇيرۇدى. 23 شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار موردىكاينىڭ بۇيرۇغانلىرىنى قوبۇل قىلىپ، باشلىغان بايراملىرىنى داۋاملاشتۇردى. 24 يەھۇدىيلارنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى، يەنى ئاگاگنىڭ نەسلىدىن بولغان ھاممىداتانىڭ ئوغلى ھامون يەھۇدىيلارنى يوقىتىش سۇيىقەستىنى پىلانلاپ، «پۇر» (چەك) تاشلاش ئارقىلىق بىر كۈننى بەلگىلىگەنىدى. 25 لېكىن پادىشاھ بۇ سۇيىقەستنى بىلگەندىن كېيىن، پەرمان چۈشۈرۈپ، ھاموننىڭ يەھۇدىيلارغا زىيانكەشلىك قىلىش رەزىل سۇيىقەستىنى ئۇنىڭ ئۆز بېشىغا چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ ۋە ئوغۇللىرىنىڭ جەسەتلىرىنى خادىغا سانجىتتى. 26 ھامون تارتقان چەك «پۇر» دەپ ئاتالغاچقا، يەھۇدىيلار خاتىرىلىگەن بۇ كۈنلەرمۇ «پۇرىم» دەپ ئاتالدى. يەھۇدىيلار موردىكاينىڭ چۈشۈرگەن پەرمانى، ئۆزلىرىنىڭ كۆرگەنلىرى ۋە بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىرى ئاساسىدا 27 ئۆزلىرى، ئەۋلادلىرى ۋە يەھۇدىي دىنىنى قوبۇل قىلغان كىشىلەر ئۈچۈن بىر ئەنئەنە بەلگىلەپ، ھەر يىلى بۇ ئىككى كۈننى خاتىرىلەشنى قارار قىلدى. 28 ئۇلار بۇ كۈنلەر ئىمپېرىيەنىڭ ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلىرىدە، ھەربىر ئائىلىلەردە خاتىرىلەنسۇن، يەھۇدىيلار «پۇرىم» بايرىمىنى مەڭگۈ ئۈزۈپ قويمىسۇن، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ ئۇنتۇپ قالمىسۇن، دەپ قارار ئالدى. 29 ئابىخايىلنىڭ قىزى خانىش ئەستىر يەھۇدىي موردىكاي بىلەن بىرگە خۇددى موردىكاي بۇرۇن چۈشۈرگەن پەرمانغا ئوخشاش پەرمان چۈشۈرۈپ، خانىشلىق نوپۇزى بىلەن پۇرىم بايرىمى ئۆتكۈزۈشنى قوللىدى. 30 بۇ پەرمان پادىشاھ ئاخاشۋېروش ھاكىمىيىتىگە قاراشلىق 127 ئۆلكىدىكى پۈتۈن يەھۇدىيلارغا مەكتۇپ بىلەن بىرگە يەتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەكتۇپتا يەھۇدىيلارغا تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك تىلەنگەنىدى. 31 پەرماندا يەھۇدىي موردىكاي ۋە خانىش ئەستىر يەھۇدىيلارنىڭ پۇرىم بايرىمىنى بەلگىلەنگەن كۈندە داۋاملىق ئۆتكۈزۈشىنى، شۇنداقلا يەھۇدىيلارنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ روزا تۇتۇش، قارىلىق تۇتۇش قائىدىلىرىنى ئىجرا قىلىشىنى بۇيرۇغانىدى. 32 ئەستىرنىڭ پەرمانى پۇرىم بايرىمىغا ئائىت قائىدىلەرنى تېخىمۇ مۇقىملاشتۇردى. بۇ پەرمان تەزكىرىگە يېزىلدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti