ئەستىر 8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىموردىكاي بىلەن ئەستىرنىڭ ئۆز خەلقىنى قۇتقۇزۇشى 1 شۇ كۈنى پادىشاھ ئاخاشۋېروش يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمىنى ھاموننىڭ پۈتۈن ئۆي-جاي، مال-مۈلكىنى خانىش ئەستىرگە بەردى. موردىكاينىڭ پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىشىگە ئىجازەت بېرىلدى. چۈنكى ئەستىر پادىشاھقا ئۇنىڭ ئۆز تۇغقىنى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەنىدى. 2 پادىشاھ ھاموندىن تارتىۋېلىنغان مۆھۈرلۈك ئۈزۈكنى موردىكايغا بەردى. ئەستىر موردىكايغا ھاموننىڭ ئۆي-جاي، مال-مۈلكىنى باشقۇرۇشنى ھاۋالە قىلدى. 3 ئەستىر يەنە پادىشاھنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ، يىغلاپ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ئاگاگنىڭ نەسلىدىن بولغان ھاموننىڭ يەھۇدىيلارنىڭ نەسلىنى يوقىتىش سۇيىقەستىنى توختىتىشنى يېلىنىپ سورىدى. 4 پادىشاھ ئەستىرگە ئالتۇن سەلتەنەت ھاسىسىنى ئۇزاتتى، ئەستىر ئورنىدىن تۇرۇپ: 5 _ ئەگەر ئالىيلىرى مەندىن رازى ۋە مەمنۇن بولۇپ، ماڭا ئىلتىپات قىلىشنى خالىسىلا ۋە توغرا كۆرسىلە، بىر ئەمر چۈشۈرۈپ، ئاگاگنىڭ نەسلىدىن بولغان ھاممىداتانىڭ ئوغلى ھاموننىڭ ئىمپېرىيەلىرىنىڭ ھەممە ئۆلكىلىرىدىكى يەھۇدىيلارنى يوقىتىش ئۈچۈن چۈشۈرگەن پەرمانلىرىنى بىكار قىلغايلا. 6 مەن خەلقىمنىڭ يوقىتىلىشىغا، قېرىنداشلىرىمنىڭ قىرىلىشىغا قانداقمۇ چىداپ تۇرالايمەن؟ _ دېدى. 7 پادىشاھ ئاخاشۋېروش خانىش ئەستىر بىلەن يەھۇدىي موردىكايغا مۇنداق دېدى: _ ھامون يەھۇدىيلارنى قىرىپ تاشلىماقچى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، خادىغا سانجىتتىم ۋە مال-مۈلكىنى ئەستىرگە بەردىم. 8 ئەمدى سىلەر يەھۇدىيلار ھەققىدە مېنىڭ نامىمدا خالىغىنىڭلارچە پەرمان يېزىپ، مۆھۈرلۈك ئۈزۈكۈم بىلەن مۆھۈرلەڭلار. شۇنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، پادىشاھنىڭ نامىدا يېزىلىپ، پادىشاھنىڭ مۆھۈرلۈك ئۈزۈكى بىلەن مۆھۈرلەنگەن ھەرقانداق پەرمان بىكار قىلىنمايدۇ. 9 شۇنىڭ بىلەن 3-ئاينىڭ، يەنى سىۋان ئېيىنىڭ 23-كۈنى پادىشاھنىڭ پۈتۈكچىلىرى چاقىرتىلدى. ئۇلار ھىندىستاندىن كۇشقىچە بولغان ئىمپېرىيەگە قاراشلىق 127 ئۆلكىدىكى رەئىسلەر، بەگلەر ۋە ئەمەلدارلارغا يەھۇدىيلار ھەققىدە موردىكاينىڭ بۇيرۇغىنىدەك پەرمان يېزىشتى. پەرمان ھەربىر ئۆلكىنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىدا، شۇنداقلا يەھۇدىيلارنىڭ تىل-يېزىقىدا يېزىلدى. 10 موردىكاي پادىشاھ ئاخاشۋېروشنىڭ نامىدا يېزىلغان بۇ پەرماننى پادىشاھنىڭ مۆھۈرلۈك ئۈزۈكى بىلەن مۆھۈرلىدى ۋە ئۇنى ئوردىدىكى چاپقۇر ئاتلارغا مىنگەن چاپارمەنلەر ئارقىلىق تارقاتتى. 11 پادىشاھ پەرمانىدا يەھۇدىيلارغا ھەرقايسى شەھەرلەردە توپلىنىپ، ئۆزلىرىنى قوغداشقا ھوقۇق بەردى. بۇنىڭدىن سىرت يەھۇدىيلارغا ھۇجۇم قىلغان ھەرقانداق دۈشمەن خەلقنىڭ ياكى باشقا ئۆلكىلەرنىڭ ئادەملىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ خوتۇن-بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە، قىرىشقا ۋە يوق قىلىشقا، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى ئولجا ئېلىشقا رۇخسەت بەردى. 12 بۇ پەرمان پۈتۈن ئۆلكىلەردە 12-ئاينىڭ، يەنى ئادار ئېيىنىڭ 13-كۈنى، يەنى يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلىشقا بەلگىلەنگەن كۈنى ئوخشاش ئىجرا قىلىنسۇن دەپ بېكىتىلدى. 13 بۇ پەرمان ھەرقايسى ئۆلكىلەردە قانۇنىي ھۆججەت سۈپىتىدە جاكارلىنىپ، ھەممە ئادەمگە ئۇقتۇرۇلىدىغان بولدى. شۇنداق بولغاندا يەھۇدىيلار شۇ كۈنى دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئېلىشقا تەييار بولالايتتى. 14 چاپارمەنلەر ئوردىدىكى چاپقۇر ئاتلارغا مىنىپ، پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە جىددىي ئاتلاندى، سۇزادىكى قەلئەدىمۇ بۇ پەرمان ئېلان قىلىندى. 15 موردىكاي ئاق ۋە كۆك رەڭلىك شاھانە كىيىم كىيىپ، ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىلگەن سۆسۈن رەڭلىك يېپىنچا يېپىنىپ، كاتتا ئالتۇن تاج تاقاپ، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقتى. سۇزا شەھىرى خۇشاللىق تەنتەنىلىرىگە چۆمدى. 16 يەھۇدىيلارغا نىسبەتەن بۇ ۋاقىت بەخت-سائادەتكە ئېرىشكەن، شاد-خۇراملىق ۋە ئىززەت-ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان ۋاقىت بولدى. 17 پادىشاھنىڭ پەرمانى ھەممە ئۆلكە ۋە شەھەرلەرگە يېتىپ بارغاندا، ئۇنى ئاڭلىغان يەھۇدىيلار شادلىققا تولۇپ، خۇشاللىق زىياپىتى بېرىشتى ھەم بايرام قىلىشتى. نۇرغۇن يەرلىك ئاھالىلەر يەھۇدىيلاردىن قورقۇشۇپ، يەھۇدىي بولۇشتى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti