ئەستىر 7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىھاموننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى 1-2 شۇنىڭ بىلەن ھامون پادىشاھ بىلەن بىرگە ئەستىرنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق زىياپىتىگە باردى. شاراب ئىچىلىۋاتقاندا، پادىشاھ ئەستىرگە: _ ئەي خانىش ئەستىر، نېمىنى سورايسەن؟ سورىغىنىڭنى بېرىمەن. نېمىنى تەلەپ قىلىسەن؟ ھەتتا ئىمپېرىيەمنىڭ يېرىمىنى تەلەپ قىلساڭمۇ، ئۇنى ساڭا بېرىمەن، _ دېدى. 3 ئەستىر: _ ئەگەر ئالىيلىرى مەندىن رازى بولۇپ، ماڭا ئىلتىپات قىلىشنى خالىسىلا، مېنىڭ ئىلتىماس ۋە تەلىپىم شۇكى، جېنىمنى قۇتۇلدۇرغايلا، خەلقىمنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغايلا. 4 چۈنكى مەن ۋە خەلقىم ئۆلتۈرۈلۈش، قىرىلىش ۋە يەر يۈزىدىن يوق قىلىنىش ئۈچۈن سېتىلدۇق. ئەگەر بىز پەقەت قۇل ۋە دېدەك بولۇش ئۈچۈن سېتىلغان بولساق ئىدۇق، مەن ئەسلا ئۈن چىقارمىغان بولاتتىم. چۈنكى بۇنداق بىر ئىش ئۈچۈن ئالىيلىرىنى ئاۋارە قىلىش ئەسلا مۇۋاپىق بولمايتتى، _ دېدى. 5 پادىشاھ ئاخاشۋېروش خانىش ئەستىردىن: _ بۇنداق قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان كىشى كىم ئىكەن، ئۇ قەيەردە ئىكەن؟ _ دەپ سورىدى. 6 ئەستىر: _ بىزگە زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغان دۈشمەن دەل بۇ رەزىل ھاموندۇر! _ دەپ جاۋاب بەردى. ھامون پادىشاھ ۋە خانىش ئالدىدا تىترەپ كەتتى. 7 پادىشاھ غەزەپ بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، زىياپەتخانىدىن ئوردا گۈللۈكىگە چىقىپ كەتتى. ھامون پادىشاھنىڭ ئۆزىنى بوش قويۇۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلىپ، خانىش ئەستىردىن بىر قوشۇق قېنىنى تىلەش ئۈچۈن قېلىپ قالدى. 8 پادىشاھ ئوردا گۈللۈكىدىن زىياپەتخانىغا قايتىپ كىرگىنىدە، ھامون خانىش ئەستىر يانپاشلاپ ياتقان يېرىدە ئۆزىنى تاشلاپ ياتاتتى. پادىشاھ: _ سەن ئوردامدا كۆز ئالدىمدا خانىشىمغا ئەدەپسىزلىك قىلىۋاتامسەن؟ _ دەپ ۋارقىرىدى. پادىشاھنىڭ شۇنداق دېيىشى بىلەنلا ھەرەمئاغىلىرى ھاموننىڭ باش-كۆزىنى چۈمكەپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە تەييار بولدى. 9 پادىشاھنىڭ خىزمەتكارلىرىدىن بىرى بولغان خاربونا: _ ھامون ئالىيلىرىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزغان موردىكاينى ئۆلتۈرۈپ، جەسىتىنى سانجىش ئۈچۈن ياساتقان 25 مېتىر ئېگىزلىكتىكى خادا ئۇنىڭ ھويلىسىدا تۇرىدۇ! _ دېدى. _ ئۇنىڭغا ھاموننىڭ ئۆزىنىلا سانجىڭلار! _ دەپ ئەمر قىلدى پادىشاھ. 10 شۇنىڭ بىلەن موردىكاي سانجىلماقچى بولغان خادىغا ھاموننىڭ ئۆزى سانجىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھنىڭ غەزىپى بېسىلدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti