ئەستىر 6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىپادىشاھنىڭ موردىكايغا شان-شەرەپ بېرىشى 1 شۇ كۈنى كەچتە پادىشاھنىڭ ئۇيقۇسى كەلمىگەچكە، ئىمپېرىيەنىڭ تەزكىرىسىنى ئالدۇرۇپ ئوقۇتتى. 2 تەزكىرىنىڭ موردىكاي پادىشاھنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش ھەققىدىكى بىر سۇيىقەستنى پاش قىلدى. بۇ سۇيىقەستنى ئوردا دەرۋازىسىدا كۆزەتچىلىك قىلىدىغان بىغتان بىلەن تەرەش ئىسىملىك ئىككى ھەرەمئاغىسى پىلانلىغان دېگەن يېرىگە كەلگەندە، 3 پادىشاھ: _ بۇ ئىش ئۈچۈن موردىكاي قانداق تەقدىرلەندى، ئۇنىڭغا قانداق ئىززەت-ئىكرام كۆرسىتىلدى؟ _ دەپ سورىدى. پادىشاھنىڭ خاس خىزمەتكارلىرى: _ ئۇ ھېچقانداق تەقدىرلەنمەپتۇ، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى. 4 _ ھويلىدا كىم بار؟ _ دەپ سورىدى پادىشاھ. بۇ چاغدا ھامون ئۆزى ياسىغان خادىغا موردىكاينى سانجىتىش ئۈچۈن پادىشاھتىن ئىجازەت سوراپ، ئوردا ھويلىسىغا ئەمدىلا كىرگەنىدى. 5 خاس خىزمەتكارلار پادىشاھقا: _ ھويلىدا ھامون تۇرىدۇ، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى. _ ئۇ كىرسۇن! _ دېدى پادىشاھ. 6 ھامون كىرگەندە، پادىشاھ ئۇنىڭدىن: _ پادىشاھ بىرسىگە ئىززەت-ئىكرام كۆرسەتمەكچى بولسا، نېمە قىلىش كېرەك؟ _ دەپ سورىدى. ھامون ئۆز كۆڭلىدە: «پادىشاھ مەندىن باشقا كىمگىمۇ ئىززەت-ئىكرام كۆرسىتەر؟» دەپ ئويلىدى. 7-8 ئۇ پادىشاھقا: _ پادىشاھ ئىززەت-ئىكرام كۆرسەتمەكچى بولغان كىشىگە ئۆزى كىيگەن شاھانە لىباسىنى، ئۆزى مىنگەن تاجىلىق ئېتىنى كەلتۈرسۇن. 9 ئاندىن پادىشاھنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىك ئالىي ئەمەلدارلىرىدىن بىرى ئۇ كىشىگە لىباسنى كىيدۈرۈپ ۋە ئاتقا مىندۈرۈپ، شەھەر مەيدانىنى ئايلاندۇرۇپ: «قاراڭلار، پادىشاھ ئىززەت-ئىكرام كۆرسەتكەن كىشى مانا مۇشۇنداق ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ!» دەپ جار سالسۇن، _ دېدى. 10 شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ ھامونغا: _ دەرھال شاھانە لىباس بىلەن ئاتنى كەلتۈرۈپ، ئوردا دەرۋازىسى ئالدىدا ئولتۇرغان يەھۇدىي موردىكايغا ھازىرقى دېگىنىڭ بويىچە قىل! ئېيتقانلىرىڭدىن بىرەرسىمۇ كەم بولمىسۇن! _ دەپ بۇيرۇدى. 11 ھامون شاھانە لىباس بىلەن ئاتنى كەلتۈردى. موردىكايغا لىباس كىيدۈرۈپ، ئاتقا مىندۈردى ۋە ئۇنى شەھەر مەيدانىغا ئېلىپ بېرىپ ئايلاندۇرۇپ: _ قاراڭلار، پادىشاھ ئىززەت-ئىكرام كۆرسەتكەن كىشى مانا مۇشۇنداق ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ! _ دەپ جار سالدى. 12 شۇنىڭ بىلەن موردىكاي ئوردىدىكى ۋەزىپىسىگە قايتىپ كەلدى. ھامون بولسا بېشىنى چۈمكەپ، غەمكىن ھالدا ئۇدۇل ئۆيىگە قايتىپ كەتتى. 13 ھامون ئۆزى دۇچ كەلگەن ئىشلارنى ئايالى زەرەشكە ۋە بارلىق ئاغىنىلىرىگە بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بەردى. ئايالى ۋە ئاغىنىلىرى ئۇنىڭغا: _ سەن موردىكايدىن يېڭىلىشكە باشلىدىڭ. موردىكاي يەھۇدىي نەسلىدىن بولغاچقا، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرالمايسەن. سەن چوقۇم ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا نابۇت بولىسەن، _ دېدى. 14 ئۇلار سۆزلىشىپ تۇرغىنىدا، ئوردىنىڭ ھەرەمئاغىلىرى كېلىپ، ھاموننى ئەستىرنىڭ تەييارلىغان زىياپىتىگە بېرىشقا ئالدىراتتى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti