ئەستىر 5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىئەستىرنىڭ پادىشاھ بىلەن ھامونغا زىياپەت بېرىشى 1 ئۈچىنچى كۈنى ئەستىر شاھانە لىباسنى كىيىپ، ئوردىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىسىغا كىرىپ، ئۇ يەردە تۇردى. پادىشاھ ئۆز خانىسىدا ئىشىكنىڭ ئۇدۇلىغا قويۇلغان تەختىدە ئولتۇراتتى. 2 پادىشاھ خانىش ئەستىرنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىدا تۇرغىنىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئىلتىپات كۆرسىتىپ، ئالتۇن سەلتەنەت ھاسىسىنى ئۇزاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەستىر ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ھاسىنىڭ ئۇچىنى تۇتتى. 3 پادىشاھ ئۇنىڭدىن: _ ئەي خانىش ئەستىر، ساڭا نېمە بولدى، نېمە تەلىپىڭ بار؟ ھەتتا سەن ئىمپېرىيەمنىڭ يېرىمىنى تەلەپ قىلساڭمۇ، ئۇنى ساڭا بېرىمەن، _ دېدى. 4 _ ئەگەر ئالىيلىرى خالىسىلا، بۈگۈن ھامون بىلەن بىرگە سىلى ئۈچۈن تەييارلىغان زىياپىتىمگە قەدەم تەشرىپ قىلغايلا، _ دېدى ئەستىر پادىشاھقا. 5 پادىشاھ: _ ئەستىرنىڭ تەلىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ھاموننى دەرھال چاقىرىپ كېلىڭلار، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ زىياپەتكە ھامون بىلەن بىرگە باردى. 6 شاراب ئىچىلىۋاتقاندا، پادىشاھ ئەستىردىن يەنە: _ نېمىنى سورايسەن؟ سورىغىنىڭنى بېرىمەن. نېمىنى تەلەپ قىلىسەن؟ ھەتتا ئىمپېرىيەمنىڭ يېرىمىنى تەلەپ قىلساڭمۇ، ئۇنى ساڭا بېرىمەن، _ دېدى. 7-8 _ ئەگەر ئالىيلىرى مەندىن رازى بولۇپ، ماڭا ئىلتىپات قىلىشنى خالىسىلا، مېنىڭ ئىلتىماس ۋە تەلىپىم شۇكى، ئەتە ئۆزلىرى ھامون بىلەن بىرگە ئىككىلىرى ئۈچۈن تەييارلىغان زىياپىتىمگە قاتنىشىپ بەرگەيلا. شۇ چاغدا سىلىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرەي، _ دېدى ئەستىر. ھاموننىڭ موردىكاينى قەستلەش پىلانى 9 ھامون زىياپەتتىن كۆڭلى خۇش قايتتى. لېكىن ئۇ ئوردا دەرۋازىسى ئالدىدىن ئۆتكىنىدە، موردىكاينىڭ ئۇ يەردە ئورنىدىن مىدىرلىماي ئولتۇرغىنىنى، ئۆزىدىن بىرئازمۇ ئەيمەنمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن غەزەپلەندى. 10 لېكىن ئۇ غەزىپىنى بېسىۋېلىپ، ئۆيىگە قايتىپ، ئاغىنىلىرىنى چاقىرتتى ۋە خوتۇنى زەرەشنىمۇ كەلتۈردى. 11 ھامون ئۇلارغا ئۆزىنىڭ چەكسىز بايلىقى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ كۆپلۈكى ھەققىدە پو ئاتتى، شۇنداقلا پادىشاھنىڭ ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى قانداق ئۆستۈرۈپ، بارلىق ئالىي ئەمەلدارلار بىلەن بەگلەردىن يۇقىرى قىلغانلىقىنى ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي سۆزلىدى. 12 ھامون يەنە: _ بۇلاردىن باشقا خانىش ئەستىر بەرگەن زىياپەتكە پادىشاھ بىلەن مەندىن باشقا ھېچكىم تەكلىپ قىلىنماپتۇ. ئۇ يەنە پادىشاھ بىلەن مېنى ئەتىكى زىياپەتكە تەكلىپ قىلدى! 13 بىراق مەن قاچانلا ھېلىقى يەھۇدىي موردىكاينىڭ ئوردا دەرۋازىسى ئالدىدا ئولتۇرغىنىنى كۆرسەم، بۇ ئىشلارنىڭ ماڭا ئەھمىيەتسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمەن، _ دېدى. 14 ئۇنىڭ ئايالى زەرەش ۋە ئاغىنىلىرى ئۇنىڭغا: _ سىز بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، 25 مېتىر ئېگىزلىكتە بىر خادا تەييارلىتىڭ ۋە ئەتە ئەتىگەندە پادىشاھتىن موردىكاينى خادىغا سانجىشنى تەلەپ قىلىڭ. شۇنداق قىلغاندا، زىياپەتكە خۇشال-خۇرام بارىسىز، _ دەپ تەكلىپ بېرىشتى. ھامون بۇنى ياخشى مەسلىھەت دەپ بىلىپ، ئېگىز بىر خادا تەييارلاتتى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti