ئەستىر 4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىموردىكاينىڭ ئەستىردىن ياردەم سورىشى 1 موردىكاي بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئىنتايىن قايغۇرۇپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ، ماتەملىك كىيىم كىيىپ، بېشىغا كۈل چېچىپ، سۇزا قەلئەسىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، ناھايىتى قاتتىق ئاھۇپەرياد كۆتۈردى. 2 ئۇ ئوردا دەرۋازىسىغا كېلىپ، توختاپ قالدى. چۈنكى بەلگىلىمە بويىچە ماتەملىك كىيىم كىيگەن كىشىلەر ئوردىغا كىرگۈزۈلمەيتتى. 3 پادىشاھنىڭ پەرمانى قايسى ئۆلكىگە يېتىپ كەلسە، ئۇ يەردىكى يەھۇدىيلار قايغۇرۇپ، نالە-پەرياد ئۇرۇشتى. ئۇلار روزا تۇتۇپ، كۆز يېشى قىلىپ، ھازا تۇتۇشتى، نۇرغۇن كىشىلەر ماتەملىك كىيىم كىيىپ، كۈلگە مىلىنىپ يېتىشتى. 4 ئەستىرنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان كېنىزەكلەر بىلەن ھەرەمئاغىلىرى موردىكاي ھەققىدە ئەستىرگە خەۋەر يەتكۈزگەندە، ئۇ ئىنتايىن بىئارام بولۇپ، موردىكايغا كىيىم-كېچەكلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ماتەملىك كىيىمىنى سېلىۋېتىشىنى تەلەپ قىلدى. لېكىن موردىكاي قوبۇل قىلمىدى. 5 ئەستىرنىڭ خىزمىتىگە تەيىنلەنگەن پادىشاھنىڭ ھاتاك ئىسىملىك بىر ھەرەمئاغىسى بار ئىدى. ئەستىر ئۇنى چاقىرتىپ، موردىكاينىڭ يېنىغا بېرىپ، زادى نېمە ئىشنىڭ ئۇنى قىيناۋاتقانلىقىنى ۋە نېمىشقا ئۇنداق بولغانلىقىنى بىلىپ كېلىشكە ئەۋەتتى. 6 شۇنىڭ بىلەن ھاتاك ئوردا دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيداندا موردىكاي بىلەن كۆرۈشتى. 7 موردىكاي يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئۇنىڭغا بىر-بىرلەپ ئېيتىپ بەردى. شۇنداقلا ھاموننىڭ يەھۇدىيلارنى يوقىتىش ئۈچۈن ئىمپېرىيەنىڭ خەزىنىسىگە قانچىلىك پۇل ھەدىيە قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلغانلىقىنى دېدى. 8 موردىكاي ئۇنىڭغا يەنە سۇزادا ئېلان قىلىنغان يەھۇدىيلارنى يوقىتىش توغرىسىدىكى پەرمانىدىن بىر نۇسخا بەردى. موردىكاي ئۇنىڭ بۇ پەرماننى ئەستىرگە تاپشۇرۇپ بېرىشىنى ھەمدە ئەستىرگە ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇنىڭ پادىشاھقا يېلىنىپ، ئۆز خەلقىنىڭ بىر قوشۇق قېنىنى تىلىشىنى تەلەپ قىلدى. 9 ھاتاك قايتىپ كېلىپ، موردىكاينىڭ تەلىپىنى ئەستىرگە يەتكۈزدى. 10 ئەستىر ھاتاكنى يەنە ئەۋەتىپ: _ موردىكايغا بۇ گەپلەرنى يەتكۈز. 11 مەيلى ئەر مەيلى ئايال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا چاقىرتىلمىغان ئەھۋالدا كىرسە، چوقۇم ئۆلۈمگە مەھكۇمدۇر. بۇ قانۇننى پادىشاھنىڭ پۈتۈن ئەمەلدارلىرى ۋە ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى خەلق بىلىدۇ. پەقەت بىرلا ئەھۋال بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر. ئەگەر پادىشاھ چاقىرتىلمىغان ئەھۋالدا ھۇزۇرىغا كىرگەن ئادەمگە سەلتەنەت ھاسىسىنى ئۇزاتسا، ئۇ ئادەم ئۆلۈمدىن ئامان قالىدۇ. مېنى پادىشاھ ھۇزۇرىگغا چاقىرتمىغىلى بىر ئاي بولدى، _ دېدى. 12 ئەستىرنىڭ بۇ گەپلىرى موردىكايغا يەتكۈزۈلدى. 13 موردىكاي ئەستىرگە مۇنداق جاۋاب ئەۋەتتى: _ يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسى ئۆلتۈرۈلىدىغان ئەھۋالدا، سەن ھەرگىزمۇ ئوردىدا ياشىغانلىقىم ئۈچۈن ئامان قالىمەن، دەپ ئويلىمىغىن. 14 ئەگەر سەن مۇشۇنداق ۋاقىتتا يەنىلا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋەرسەڭ، يەھۇدىيلارغا باشقا جايدىن ياردەم كېلىپ، ئۇلار قۇتۇلۇپ قالىدۇ. لېكىن سەن پۈتۈن جەمەتىڭ بىلەن قوشۇلۇپ ئۆلتۈرۈلىسەن. كىم بىلىدۇ، بەلكىم سەن مۇشۇ ۋاقىتلار ئۈچۈن خانىشلىق مەرتىۋىسىگە ئېرىشكەندۇرسەن؟ 15 ئەستىر كېيىن موردىكايغا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: 16 _ سىز بېرىپ، سۇزا قەلئەسىدىكى بارلىق يەھۇدىيلارنى يىغىڭ. سىلەر مەن ئۈچۈن ئۈچ كېچە-كۈندۈز ھېچ نەرسە يېمەي ۋە ئىچمەي، روزا تۇتۇڭلار. مەنمۇ كېنىزەكلىرىم بىلەن شۇنداق قىلىمەن. ئاندىن مەن قانۇنغا خىلاپ بولسىمۇ، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلسەممۇ مەيلى. 17 شۇنداق قىلىپ، موردىكاي كەتتى ۋە ئەستىرنىڭ تاپىلىغىنىدەك قىلدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti