ئەستىر 2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىئەستىرنىڭ خانىش بولۇشى 1 پادىشاھ ئاخاشۋېروشنىڭ غەزىپى قايتقاندىن كېيىن، ئۇ ۋاشتىنى ۋە ئۇنىڭ قىلمىشىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئۆزى چىقارغان يارلىقىنى ئويلايدىغان بولۇپ قالدى. 2 پادىشاھنىڭ خاس خىزمەتكارلىرى پادىشاھقا: _ ئالىيلىرى، ئادەم ئەۋەتىپ، سىلى ئۈچۈن ياش ۋە چىرايلىق قىزلار تېپىپ كېلەيلى. 3 سۇزا قەلئەسىدىكى ھەرەمخانىغا ياش ۋە چىرايلىق قىزلارنى يىغىپ كېلىش ئۈچۈن ئىمپېرىيەلىرىنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىگە ئەمەلدارلار تەيىنلەيلى. قىزلار ھەرەمخانىغا مەسئۇل ھەرەمئاغىسى ھېگاينىڭ باشقۇرۇشىدا بولسۇن ۋە ئۇلارنى پەرداز مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيلى. 4 ئاندىن ئۆزلىرىگە ياققان قىز ۋاشتىنىڭ ئورنىغا خانىش بولسۇن، _ دەپ تەكلىپ بەردى. بۇ تەكلىپ پادىشاھقا ياققاچقا، ئۇ شۇنداق قىلدى. 5 سۇزا قەلئەسىدە موردىكاي ئىسىملىك بىر يەھۇدىي بولۇپ، ئۇ بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان يائىرنىڭ ئوغلى ئىدى. يائىر شىمئىنىڭ ئوغلى، شىمئى بولسا كىشنىڭ ئوغلى ئىدى. 6 بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر يېرۇسالېمدىن يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىننى بىر توپ ئادەملەر بىلەن بىللە ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كەلگەندە، كىشمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە ئىدى. 7 موردىكاينىڭ ئەستىر ئىسىملىك بىر نەۋرە سىڭلىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىبرانىيچە ئىسمى ھاداسسا ئىدى. ئۇ بىر گۈزەل، كېلىشكەن قىز بولۇپ، ئاتا-ئانىسى تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن، موردىكاي ئۇنى ئۆز قىزى قىلىپ بېقىۋېلىپ، چوڭ قىلغانىدى. 8 پادىشاھنىڭ پەرمانى بىلەن نۇرغۇن قىزلار سۇزا قەلئەسىدىكى ئوردىغا كەلتۈرۈلگەندە، ئەستىرمۇ ھەرەمخانىدىكى قىزلارغا مەسئۇل بولغان ھېگايغا تاپشۇرۇلدى. 9 ئەستىر ھېگايغا ياقتى. ھېگاي ئۇنىڭغا ئىلتىپات قىلىپ، دەرھال ئۇنى پەرداز مۇلازىمىتى ۋە ئالاھىدە يېمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلىدى. شۇنداقلا ئۇ ئوردىدىن يەتتە كېنىزەكنى ئەستىرنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا تاللاپ، ئەستىر ۋە يەتتە كېنىزەككە ھەرەمخانىدىن ئەڭ ياخشى جاينى بەردى. 10 ئەستىر ئۆز خەلقى ۋە ئۇرۇق-ئەجدادى ھەققىدە ھېچكىمگە ھېچنېمە ئېيتمىدى، چۈنكى موردىكاي ئۇنىڭغا بۇ توغرىسىدا ئېغىز ئاچماسلىقنى بۇيرۇغانىدى. 11 موردىكاي ئەستىرنىڭ ھال-ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ھەر كۈنى ھەرەمخانا ھويلىسىنىڭ ئەتراپىدا مېڭىپ يۈردى. 12 رەسمىيەت بويىچە ھەربىر ياش قىز پادىشاھ ئاخاشۋېروشنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىش ئۈچۈن ئون ئىككى ئاي، يەنى ئالتە ئاي مۇرمەككى يېغى بىلەن، ئالتە ئاي خۇش پۇراقلىق بۇيۇملار ۋە مايلار بىلەن پەرداز قىلىنىشى كېرەك ئىدى. 13 قىز پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرگەندە، ھەرەمخانىدىن ئوردىغا نېمىنى ئېلىپ كېتىشنى خالىسا، ئۇنىڭغا شۇ نەرسىلەر بېرىلەتتى. 14 كەچقۇرۇن پادىشاھ ھۇزۇرىغا كىرگەن قىز ئەتىسى ئەتىگەندە ئوردىدىكى يەنە بىر ھەرەمخانىغا ئەۋەتىلىپ، توقاللارنى باشقۇرىدىغان ھەرەمئاغىسى شائاشغازغا تاپشۇرۇلۇپ بېرىلەتتى. پەقەت پادىشاھقا ياققان ۋە ئىسمى ئاتالغان قىزلا قايتىدىن ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كىرەلەيتتى. 15 نۆۋەت ئابىخايىلنىڭ قىزى، يەنى موردىكاي بېقىۋالغان نەۋرە سىڭلىسى ئەستىرگە كەلگەندە، ھەرەمئاغىسى ھېگاي ئۇنىڭغا نېمىنى ئېلىش ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن بولسا، ئۇ شۇنى ئالدى ۋە باشقا ھېچ نەرسە سورىمىدى. ئەستىرنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى ياقتۇرۇپ قالاتتى. 16 شۇنداق قىلىپ، ئاخاشۋېروش ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 7-يىلى 10-ئايدا، يەنى تەبەت ئېيىدا ئەستىر پادىشاھ ئاخاشۋېروشنىڭ ئوردىسىغا كەلتۈرۈلدى. 17 پادىشاھ ئەستىرنى بارلىق ئاياللىرىدىن بەكرەك ياخشى كۆردى. پادىشاھ ئۇنىڭغا باشقا قىزلاردىن بەكرەك ئامراق بولغاچقا، ئۇنىڭ بېشىغا خانىشلىق تاجىنى تاقاپ، ۋاشتىنىڭ ئورنىغا خانىش قىلدى. 18 كەينىدىن پادىشاھ ھەممە ئالىي ئەمەلدارلىرى ۋە بەگلىرىگە ئەستىرنىڭ شەرىپى ئۈچۈن بىر كاتتا زىياپەت بەردى. پۈتۈن ئۆلكىلەردە بايرام ئېلان قىلىندى ۋە سېخىيلىق بىلەن ھەدىيەلەر بېرىلدى. موردىكاينىڭ پادىشاھنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇشى 19 قىزلار ئىككىنچى قېتىم ھەرەمخانىغا يىغىلغاندا، موردىكاي ئوردىدا مەنسەپكە ئېرىشكەنىدى. 20 ئەستىر موردىكاينىڭ تاپىلىشى بويىچە، ئۆزىنىڭ خەلقى ۋە ئۇرۇق-ئەجدادى ھەققىدە يەنىلا ھېچكىمگە ھېچنېمە ئېيتمىدى. ئەستىر موردىكايغا ئۇنىڭ تەربىيەسىدىكى ۋاقتىدا بويسۇنغاندەك بويسۇناتتى. 21 موردىكاي ئوردىدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، ئوردا دەرۋازىسىدا كۆزەتچىلىك قىلىدىغان بىغتان ۋە تەرەش ئىسىملىك ئىككى ياساۋۇل بولۇپ، ئۇلار پادىشاھ ئاخاشۋېروشقا ئىنتايىن غەزەپلىنىپ، ئۇنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشنى ئويلاپ يۈرەتتى. 22 موردىكاي بۇ سۇيىقەستنى بىلىپ قېلىپ، خانىش ئەستىرگە مەلۇم قىلدى. ئەستىر بۇ ئىشنى موردىكاينىڭ نامىدا پادىشاھقا يەتكۈزدى. 23 تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق بۇ ئىشنىڭ راستلىقى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن، بۇ ئىككى كىشى ئۆلتۈرۈلۈپ، خادىغا سانجىلدى. بۇ ۋەقە ئىمپېرىيەنىڭ تەزكىرىسىگە پادىشاھنىڭ كۆز ئالدىدا يېزىپ قويۇلدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti