Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئەستىر 1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


پادىشاھ ئاخاشۋېروشنىڭ ۋاشتىنى خانىشلىقتىن قالدۇرۇشى

1-2 تۆۋەندىكى ۋەقە پادىشاھ ئاخاشۋېروش زامانىدا يۈز بەرگەن. ئاخاشۋېروش سۇزا قەلئەسىدىكى تەختىدە ئولتۇرۇپ، ھىندىستاندىن كۇشقىچە بولغان 127 ئۆلكىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغانىدى.

3 ئۇ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلىدا بارلىق ئالىي ئەمەلدارلىرى بىلەن بەگلىرىگە بىر كاتتا زىياپەت بەردى. زىياپەتكە پېرسىيە بىلەن مىدىيانىڭ سەركەردىلىرى، ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر ۋە ئالىي ئەمەلدارلار كېلىپ قاتناشتى.

4 زىياپەت ئالتە ئاي داۋاملاشتى. پادىشاھ بۇ جەرياندا ئۇلارغا ئۆز ئىمپېرىيەسىنىڭ بايلىقى ۋە ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىنى نامايان قىلدى.

5 ئارقىدىنلا پادىشاھ يەنە سۇزا قەلئەسىدىكى پۈتۈن كىشىلەرگە مەرتىۋىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىگە قارىماي، ئوردا گۈللۈكىدە يەتتە كۈن زىياپەت بەردى.

6 ئوردا گۈللۈكى ئاق ۋە كۆك رەڭلىك پاختا رەختتىن تىكىلگەن پەردىلەر بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، بۇ پەردىلەر مەرمەر تاش تۈۋرۈكلەردىكى كۈمۈش ھالقىلارغا سۆسۈن رەڭلىك ئېسىل زىغىر رەخت بىلەن چىگىلگەنىدى. گىرانىت تاش، مەرمەر تاش، سەدەپ ۋە تۈرلۈك رەڭلىك تاشلار ياتقۇزۇلغان يەرنىڭ ئۈستىگە ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان يۆلەنچۈكلۈك ئۇزۇن ئورۇندۇقلار قويۇلغانىدى.

7 شارابلار بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئالتۇن قەدەھلەرگە قۇيۇلغان بولۇپ، پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئوردىدىكى شارابلار مەردلەرچە تەمىنلەندى.

8 پادىشاھ ئوردا خىزمەتكارلىرىغا ھەممەيلەننىڭ خالىغانچە شاراب ئىچىشىگە يول قويۇشنى، ئەمما ھېچكىمگە زورلىماسلىقنى بۇيرۇدى.

9 شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خانىش ۋاشتى پادىشاھ ئاخاشۋېروشنىڭ ئوردىسىدا ئاياللار ئۈچۈن ھەم زىياپەت بەردى.

10 كاتتا زىياپەتنىڭ يەتتىنچى كۈنى پادىشاھ شارابتىن كەيپى چاغ بولغىنىدا، ھۇزۇرىدا خىزمەت قىلىدىغان يەتتە ھەرەمئاغىسىنى، يەنى مىھۇمان، بىزتا، خاربونا، بىغتا، ئاباغتا، زېتار، كەركەسلەرنى

11 خانىش ۋاشتىغا خانىشلىق تاجىنى كىيدۈرۈپ، ھۇزۇرىغا تەكلىپ قىلىپ ئەكېلىشلىرىنى بۇيرۇدى. خانىش ئىنتايىن چىرايلىق ئايال بولغاچقا، پادىشاھ ئالىي ئەمەلدارلىرى بىلەن بارلىق زىياپەت ئەھلىگە ئۇنىڭ گۈزەل جامالىنى كۆز-كۆز قىلماقچىدى.

12 لېكىن ھەرەمئاغىلىرى خانىش ۋاشتىغا پادىشاھنىڭ ئەمرىنى يەتكۈزگەندە، ئۇ بېرىشنى رەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئىنتايىن خاپا بولۇپ، غەزىپى ئۆرلىدى.

13 شۇ چاغلاردىكى پادىشاھلارنىڭ قائىدىسى بويىچە پادىشاھ مەلۇم مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە، قانۇن ۋە تەرتىپ-ئىنتىزامنى ياخشى بىلىدىغانلارنىڭ مەسلىھەتىنى ئالاتتى. شۇڭا پادىشاھ ئۆز زامانىنىڭ يېتىشكەن ئاقىللىرىدىن مەسلىھەت سورىدى.

14 كارشىنا، شېتار، ئادماتا، تارشىش، مەرەس، مارسىنا ۋە مىمۇكان قاتارلىق ئاقىللار ئۇنىڭ يېقىنلىرى ئىدى. ئۇلار پېرسىيە ۋە مىدىيادىكى يەتتە ئالىي ئەمەلدار بولۇپ، پادىشاھ بىلەن دائىم كۆرۈشەلەيدىغان ۋە ئىمپېرىيەدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان كىشىلەر ئىدى.

15 پادىشاھ ئۇلاردىن: _ مەن، يەنى پادىشاھ ئاخاشۋېروش ھەرەمئاغىسىنى ئەۋەتىپ، خانىش ۋاشتىغا ئەمر بەرگەنىدىم. لېكىن ئۇ ئەمرىمنى بەجا كەلتۈرمىدى. قانۇن بويىچە ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشىمىز كېرەك؟ _ دەپ سورىدى.

16 مىمۇكان بۇنىڭغا جاۋابەن پادىشاھ ۋە باشقا ئالىي ئەمەلدارلارغا مۇنداق دېدى: _ خانىش ۋاشتى پەقەت پادىشاھنىڭ ئالدىدىلا ئەمەس، بەلكى پادىشاھنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى ئالىي ئەمەلدارلىرىنىڭ، شۇنداقلا پۈتكۈل خەلقلەرنىڭ ئالدىدىمۇ خاتالىق ئۆتكۈزۈپتۇ!

17 ئەگەر خانىشنىڭ قىلغان بويۇنتاۋلىقى ئىمپېرىيەمىزدىكى ھەممە ئاياللارنىڭ ئارىسىغا تارقالسا، ئاياللارنىڭ ئۆز ئەرلىرىنى كۆزىگە ئىلماسلىقىغا سەۋەب بولىدۇ. ئۇلار: «پادىشاھ ئاخاشۋېروش خانىش ۋاشتىنى ھۇزۇرىغا تەكلىپ قىلغانىكەن، ئەمما ئۇ بېرىشنى رەت قىلىپتۇ» دېيىشىدۇ.

18 پېرسىيە ۋە مىدىيادىكى ئەمەلدارلارنىڭ خانىملىرى خانىشنىڭ بۇ ئىشىنى ئاڭلىغان ھامان ئەرلىرىگە بويۇنتاۋلىق قىلىشقا باشلايدۇ. بۇ ئائىلىدە مەنسىتمەسلىك ۋە خاپىلىق كەلتۈرۈپ چىقىدۇ.

19 ئەگەر ئالىيلىرى خالىسىلا، بۇنىڭدىن كېيىن ۋاشتى خانىش پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلمىسۇن، دەپ ئەمر چۈشۈرگەيلا ۋە بۇ ئەمرنى يازدۇرۇپ، پېرسىيە بىلەن مىدىيانىڭ قانۇنىغا ئۆزگەرمەس قىلىپ كىرگۈزگەيلا ۋە ئالىيلىرى ئۇنىڭ خانىشلىق ئورنىنى ئۇنىڭدىن ياخشىراق بىرسىگە بەرگەيلا.

20 سىلىنىڭ ئەمرلىرى كاتتا ئىمپېرىيەلىرىنىڭ ھەممە جايلىرىغا جاكارلانغاندىن كېيىن، ھەممە ئاياللار ئۆز ئەرلىرىنىڭ مەرتىۋىسىنىڭ بار-يوقلۇقىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىدىغان بولىدۇ، _ دېدى.

21 پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئالىي ئەمەلدارلىرى بۇ پىكىرنى توغرا تاپتى، شۇڭا پادىشاھ مىمۇكاننىڭ تەكلىپى بويىچە ئىش كۆردى.

22 پادىشاھ ھەربىر ئۆلكە خەلقىنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىدا ئىمپېرىيەنىڭ ھەممە جايلىرىغا: «ھەربىر ئەر ئۆز ئائىلىسىنىڭ خوجايىنىدۇر» دەپ ھۆكۈم چۈشۈردى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan