ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت 6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىئاتا-ئانا ۋە پەرزەنتلىك مۇناسىۋەت 1 ئەي بالىلار، رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ئاتا-ئاناڭلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار. بۇ، سىلەرنىڭ بۇرچۇڭلاردۇر. 2 مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن «ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» دېگەن پەرزنى ئادا قىلىڭلار. بۇ، خۇدانىڭ بىر ۋەدە بىلەن باغلاپ بەرگەن دەسلەپكى پەرزىدۇر. 3 بۇ ۋەدە شۇكى، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلساڭلار، «بەختلىك بولىسىلەر ۋە بۇ دۇنيادا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسىلەر.» 4 ئەي ئاتىلار، پەرزەنتلىرىڭلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ، ئۆچمەنلىك پەيدا قىلماڭلار. ئۇلارنى رەببىمىزنىڭ تەلىمى بويىچە تەربىيىلەڭلار. خوجايىن ۋە قۇل ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت 5 ئەي قۇللار، بۇ دۇنيادىكى خوجايىنلىرىڭلارغا خۇددى ئەيسا مەسىھكە بويسۇنغاندەك چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە چىن قەلب بىلەن بويسۇنۇڭلار. 6 خوجايىنىڭلارنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن، پەقەت ئۇلارنىڭ ئالدىدىلا ئەمەس، بەلكى ھەمىشە ئۇلارغا خىزمەت قىلىڭلار. چۈنكى، سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن خۇدانىڭ ئىرادىسىگە چىن دىلىڭلاردىن ئەمەل قىلىشىڭلار كېرەك. 7 خوجايىنىڭلارغا رازىمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلىڭلار. ئۇنى ئادەملەر ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى رەببىمىز ئۈچۈن قىلغاندەك قىلىڭلار. 8 ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، مەيلى قۇل ياكى ھۆر بولسۇن، رەببىمىز ھەركىمنىڭ قىلغان ھەربىر ياخشىلىقىنى قايتۇرىدۇ. 9 ئەي خوجايىنلار، سىلەرمۇ قۇللىرىڭلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار. ئۇلارغا تەھدىت سالماڭلار. چۈنكى، ئەرشتىكى خۇدا سىلەرنىڭ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭمۇ خوجايىنى ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر. خۇدا ھەممە ئىنسانلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ. خۇدا ئاتا قىلغان قوغدىنىش قوراللىرى 10 ئاخىردا، مەن سىلەرنىڭ رەببىمىزگە ۋە ئۇنىڭ زور قۇدرىتىگە تايىنىپ، كۈچلۈك بولۇشۇڭلارنى تىلەيمەن. 11 شەيتاننىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، خۇدا ئاتا قىلغان قوغدىنىش قوراللىرى بىلەن قوراللىنىڭلار. 12 چۈنكى، بىز ئىنسانلارغا ئەمەس، بەلكى يامان روھىي كۈچلەر دۇنياسىدىكى ھۆكۈمرانلارغا، ھوقۇقدارلارغا، بۇ قاراڭغۇ دۇنيانىڭ كۆرۈنمەس كۈچلىرىگە ۋە باشقا رەزىل روھىي كۈچلەرگە قارشى جەڭ قىلىۋاتىمىز. 13 مۈشكۈل كۈنلەردە دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرالىشىڭلار ھەمدە جەڭدىن كېيىنمۇ قەددىڭلارنى رۇسلاپ تۇرالىشىڭلار ئۈچۈن، خۇدا ئاتا قىلغان قوغدىنىش قوراللىرى بىلەن تولۇق قوراللىنىڭلار. 14 بۇ جەڭدە پۇت تىرەپ تۇرالىشىڭلار ئۈچۈن، بېلىڭلارغا ھەقىقەت كەمىرىنى، كۆكسۈڭلارغا ھەققانىيلىق ساۋۇتىنى تاقاڭلار. 15 خۇدانىڭ ئىنسانلارنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇرۇش توغرىسىدىكى خۇش خەۋەر چورۇقىنى كىيىپ، تەييار تۇرۇڭلار. 16 مانا بۇلارغا قوشۇپ، شەيتاننىڭ بارلىق ئوت تۇتاشتۇرۇلغان ئوقلىرىنى توسۇپ قالالايدىغان ئېتىقاد قالقىنىنى قولۇڭلارغا ئېلىڭلار. 17 خۇدا ئاتا قىلغان قۇتقۇزۇلۇش دۇبۇلغىسىنى كىيىڭلار ۋە مۇقەددەس روھ قىلىچى، يەنى خۇدانىڭ سۆزىنى مەھكەم تۇتۇڭلار. 18 ھەمىشە مۇقەددەس روھقا تايىنىپ، ئىلتىماسىڭلارنى ئېيتىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىڭلار. شۇنداقلا، سەگەك تۇرۇپ، بارلىق ئېتىقادچىلار ئۈچۈن داۋاملىق دۇئا قىلىپ تۇرۇڭلار. 19 مەن ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىڭلار. خۇش خەۋەرنىڭ سىرىنى يۈرەكلىك يەتكۈزۈشۈم ئۈچۈن، خۇدا ماڭا توغرا سۆزلەرنى بەرگەي. 20 مەن بۇ خۇش خەۋەرنى تارقىتىش سەۋەبىدىن كىشەنلەنگەن ئەلچىمەن. مېنىڭ خۇش خەۋەرنى يۈرەكلىك ھالدا يەتكۈزۈشۈم ئۈچۈن دۇئا قىلغايسىلەر. چۈنكى، بۇ مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمدۇر. سالام ۋە تىلەكلەر 21-22 سىلەرنىڭ مېنىڭ ئەھۋالىمنى ۋە نېمە قىلىۋاتقانلىقىمنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، قەدىرلىك قېرىندىشىمىز ھەم رەببىمىزنىڭ سادىق خىزمەتكارى بولغان تىكىكۇسنى ئالدىڭلارغا ئەۋەتىمەن. ئۇ سىلەرگە ئەھۋالىمىزنى يەتكۈزۈپ، سىلەرنى رىغبەتلەندۈرىدۇ. 23 خۇدائاتىمىزدىن ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە ئامانلىق، مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئىشەنچ تىلەيمەن. 24 رەببىمىز ئەيسا مەسىھنى ئۆچمەس مېھىر-مۇھەببەت بىلەن سۆيگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىگە خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى يار بولغاي! |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti