Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت 5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


خۇدانىڭ يورۇقلۇقىدا ياشاڭلار

1 خۇدانىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرى بولغانىكەنسىلەر، خۇدانى ئۈلگە قىلىڭلار.

2 ئەيسا مەسىھ بىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، بىز ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغاندەك، سىلەرمۇ ھاياتىڭلاردا بىر-بىرىڭلارغا شۇنداق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار. ئۇنىڭ بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلىشى خۇددى خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىققا ئوخشاش، خۇدانى خۇرسەن قىلدى.

3 ئاراڭلاردا جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ناپاكلىق ياكى ئاچكۆزلۈككە قەتئىي يول قويۇلمىسۇن. چۈنكى، بۇنداق ئىشلار خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىگە ماس كەلمەيدۇ.

4 شۇنداقلا، شەھۋانىي ۋە ئەخمىقانە سۆزلەش، چاكىنا چاقچاق قىلىش سىلەرگە ياتتۇر. ئۇنداق قىلىشنىڭ ئورنىغا خۇداغا شۈكۈر ئېيتىڭلار.

5 چۈنكى، شۇنى ئېنىق بىلىڭلاركى، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ناپاكلىق ياكى ئاچكۆزلۈككە بېرىلگەن ھەرقانداق ئادەمگە ئەيسا مەسىھنىڭ ۋە خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ئورۇن يوق. ئاچكۆزلۈككە بېرىلگەن ئادەم خۇداغا ئىبادەت قىلىشنىڭ ئورنىغا مال-مۈلۈككە چوقۇنىدۇ-دە، بۇتپەرەسلەردىن پەرقلەنمەيدۇ.

6 بۇنداق ئىشلارغا باھانە كۆرسىتەلەيدىغانلار يالغان-ياۋىداق سۆزلىرى بىلەن سىلەرنى ئالداپ كەتمىسۇن. چۈنكى، خۇدانىڭ غەزىپى بۇنداق ئىشلارنى سادىر قىلىپ، خۇداغا بويسۇنمىغانلارنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ.

7 شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇنداقلارنىڭ قىلمىشلىرىغا شېرىك بولماڭلار.

8 بۇرۇن سىلەر قاراڭغۇلۇقتا ئىدىڭلار. لېكىن، ھازىر رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، يورۇقلۇققا چۆمدۈڭلار. شۇڭا، سۆز-ھەرىكىتىڭلار چوقۇم يورۇقلۇقتىكى ئادەملەرنىڭكىدەك بولسۇن.

9 بۇ يورۇقلۇق ھاياتىڭلاردا ياخشىلىق، ئادىللىق ۋە ھەقىقەتتىن ئىبارەت مول مېۋىلەرنى بېرىدۇ.

10 نېمىنىڭ رەببىمىزنى خۇرسەن قىلىدىغانلىقىنى بىلىشكە تىرىشىڭلار.

11 كىشىلەرنىڭ قاراڭغۇلۇقتا قىلغان ئەھمىيەتسىز يامان ئىشلىرىغا شېرىك بولماڭلار. ئەكسىچە، ئۇ ئىشلارنى پاش قىلىڭلار.

12 ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن قىلغان شۇملۇقلىرىنى تىلغا ئېلىشمۇ نومۇستۇر.

13 نۇر ئۇلارغا چۈشكەندە، ئۇلارنىڭ شۇملۇقلىرىنى ئاشكارا قىلىدۇ.

14 چۈنكى، ھەممە نەرسىنى ئاشكارىلايدىغىنى نۇردۇر. شۇڭا، مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئويغان، ئەي ئۇخلاۋاتقان ئىنسان، تىرىل روھىي ئۆلۈمدىن. ئەيسا مەسىھ ساڭا نۇر چاچار!»

15 شۇنىڭ ئۈچۈن، سۆز-ھەرىكىتىڭلارغا ئېھتىيات قىلىڭلار. بىلىمسىز نادانلاردەك ئەمەس، ئاقىللاردەك ياشاڭلار.

16 خەيرلىك ئىشلارنى قىلىش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەڭلار. چۈنكى، ياشاۋاتقان بۇ دەۋرىمىز رەزىل دەۋردۇر.

17 شۇڭا، ئەقىلسىز بولماڭلار، بەلكى رەببىمىزنىڭ ئىرادىسىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭلار.

18 ھاراقتىن مەس بولۇپ يۈرمەڭلار. چۈنكى، بۇنداق قىلىش ئادەمنى زەئىپلىككە ئېلىپ بارىدۇ. بۇنىڭ ئورنىغا، مۇقەددەس روھقا چۆمۈپ، ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولۇڭلار.

19 سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا زەبۇر مۇناجاتلىرى، خۇدانى مەدھىيىلەيدىغان ۋە مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامىدىن كەلگەن ناخشىلار ياڭرىسۇن. قەلبىڭلاردا بۇ نەغمە سادالىرى ياڭرىغاندەك، چىن قەلبىڭلاردىن رەببىمىزنى مەدھىيىلەڭلار.

20 ھەممە ئىشلاردا رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن ھەمىشە خۇدائاتىمىزغا شۈكۈر ئېيتىڭلار.


ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت

21 ئەيسا مەسىھكە چوڭقۇر ھۆرمىتىڭلار بار بولغانلىقتىن، بىر-بىرىڭلارغا ئىتائەت قىلىڭلار.

22 ئەي ئاياللار، رەببىمىزگە ئىتائەت قىلغىنىڭلاردەك، ئەرلىرىڭلارغا ئىتائەت قىلىڭلار.

23 خۇددى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولغان ئەيسا مەسىھ ئۆز تېنىنىڭ، يەنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ بېشى بولغىنىدەك، ئەرمۇ ئۆز ئايالىنىڭ بېشىدۇر.

24 خۇددى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئەيسا مەسىھكە ئىتائەت قىلغىنىدەك، ئاياللارمۇ ھەرقانداق ئىشتا ئۆز ئەرلىرىگە ئىتائەت قىلسۇن.

25 ئەي ئەرلەر، ئەيسا مەسىھ ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى قانداق سۆيۈپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى قانداق قۇربان قىلغان بولسا، سىلەرمۇ ئاياللىرىڭلارنى شۇنداق سۆيۈڭلار.

26 ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزىنى قۇربان قىلىشتىكى مەقسىتى، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى خۇدانىڭ سۆزى ۋە سۇ بىلەن يۇيۇش ئارقىلىق گۇناھلىرىدىن پاك قىلىشتۇر.

27 ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى ھەرقانداق ئىللەت، گۇناھ ۋە يېتەرسىزلىكلەردىن خالى قىلىپ، ئۇنى شان-شەرەپلىك ھالدا ئۆز ئالدىغا خۇددى تويدا كۆچۈرۈلۈشكە تەييارلانغان گۈزەل قىزدەك پاك ۋە ئەيىبسىز ئېلىپ كېلىش ئۈچۈندۇر.

28 ئەيسا مەسىھ ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى شۇنداق سۆيگەنىكەن، ئەرلەرمۇ ئۆز ئاياللىرىنى ئۆز تېنىنى سۆيگەندەك سۆيۈشى كېرەك. ئايالىنى سۆيگەن كىشى ئۆزىنى سۆيگەن بىلەن باراۋەر.

29 ھېچكىم ھېچقاچان ئۆز تېنىدىن نەپرەتلەنمەيدۇ. ئەكسىچە، ئۆز تېنىنى ئاسرايدۇ ۋە ئۇنىڭغا كۆيۈنىدۇ. بۇ خۇددى ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆز تېنى بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى ئاسراپ، ئۇنىڭغا كۆيۈنگەنلىكىگە ئوخشايدۇ.

30 بىز ئەيسا مەسىھنىڭ تېنىنىڭ ئەزالىرىمىز.

31 مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئايالى بىلەن بىرلىشىپ، ئىككىسىنىڭ بىر تەن بولۇشى ئەنە شۇ سەۋەبتىندۇر.»

32 بۇ، ئىنتايىن مۇھىم بىر سىردۇر. مەن بۇ سۆزلەرنى ئەيسا مەسىھ بىلەن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ زىچ مۇناسىۋىتىنى كۆزدە تۇتۇپ ئېيتتىم.

33 يەنە بىر قېتىم شۇنى تەكىتلەيمەنكى، ھەممىڭلار ئايالىڭلارنى ئۆزۈڭلارنى سۆيگەندەك سۆيۈڭلار، ئاياللارمۇ ئەرلىرىنى ھۆرمەتلىسۇن.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan