Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت 3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


پاۋلۇسنىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەر ئارىسىدىكى خىزمىتى

1 شۇڭلاشقا، مەنكى پاۋلۇس ھەر دائىم سىلەرگە دۇئا قىلماقتىمەن. مەن سىلەر يەھۇدىي ئەمەسلەرگە ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلىكىم ئۈچۈن مەھبۇس بولدۇم.

2 سىلەر بىلىسىلەر، خۇدا ماڭا ئىلتىپات كۆرسىتىپ، بۇ خۇش خەۋەرنى سىلەرگە يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئاتا قىلدى.

3 خۇدا بۇرۇن ئاشكارىلىمىغان پىلانىنى، يەنى ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى سىرنى ۋەھىي ئارقىلىق ماڭا ئاشكارىلىدى. مەن بۇ توغرۇلۇق مۇشۇ خېتىمنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا قىسقىچە بايان قىلدىم.

4 سىلەر بۇ خېتىمنى ئوقۇغىنىڭلاردا، مېنىڭ بۇ سىر توغرۇلۇق نېمىلەرنى بىلگەنلىكىمنى چۈشىنىۋالالايسىلەر.

5 ئىلگىرى خۇدا بۇ سىرنى ئىنسانلارغا ئايان قىلمىغانىدى، ئەمما ھازىر بولسا بۇ سىرنى مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئۆزى تاللىغان ئەلچىلەرگە ۋە پەيغەمبەرلەرگە ئايان قىلدى.

6 بۇ سىر يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭمۇ بۇ خۇش خەۋەرگە ئىشىنىش ئارقىلىق يەھۇدىيلار بىلەن بىللە خۇدا ئاتا قىلىدىغان ھەقىقىي بايلىققا مىراسخور بولۇشىنى، شۇنداقلا، ئۇلارنىڭ يەھۇدىيلار بىلەن بىرلىكتە بىر تەننىڭ ئەزالىرى بولۇپ، خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بەرگەن قۇتقۇزۇلۇش توغرىسىدىكى ۋەدىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

7 مەن خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە كۈچ-قۇدرىتى بىلەن بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزىدىغان خىزمەتكار بولدۇم.

8 مەن خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى ئىچىدىكى ئەڭ ئەرزىمەس بىرى بولساممۇ، خۇدا ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، مېنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئېرىشىدىغان ۋە ئىنسانلار تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان ھەقىقىي بايلىقنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىشكە تاللىدى.

9 پۈتكۈل مەۋجۇداتنى ياراتقان خۇدا يەنە بۇرۇندىن تارتىپ ئاشكارىلىمىغان بۇ پىلانىنىڭ قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى بارلىق ئىنسانلارغا چۈشەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى ماڭا بەردى.

10 خۇدانىڭ مەقسىتى، بۈگۈنكى كۈندە يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەردىن شەكىللەنگەن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئارقىلىق كۆپ تەرەپلىك دانالىقىنى ئاسماندىكى ھۆكۈمران ۋە ھوقۇقدار بولغان پەرىشتىلەرگە بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت.

11 بۇ، خۇدانىڭ دۇنيا ئاپىرىدە بولۇشتىن ئىلگىرى پىلانلىغان ۋە ھازىر رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىرادىسىگە ئۇيغۇندۇر.

12 بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ھەم ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلىقىمىزدىن يۈرىكىمىز توق ھالدا ئىشەنچ بىلەن خۇدانىڭ ئالدىغا بارالايمىز.

13 شۇڭا، مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمدىن روھسىزلىنىپ كەتمەي، ئەكسىچە بۇنىڭدىن پەخىرلىنىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى

14-15 خۇدانىڭ ئۇشبۇ پىلانىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرسەم، ئەرشتىكى ۋە يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل مەۋجۇداتلارنى ياراتقان خۇدائاتىمىزغا تىزلىنىپ دۇئا قىلىمەنكى،

16 خۇدا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنىڭ چەكسىزلىكىدىن سىلەرگە قۇدرەت بېرىپ، مۇقەددەس روھ ئارقىلىق سىلەرنى ئىچ-ئىچىڭلاردىن كۈچلەندۈرگەي.

17 شۇنداق قىلىپ، ئەيسا مەسىھ ئېتىقادىڭلار ئارقىلىق ھەر دائىم قەلبىڭلاردا بولغاي، ھاياتىڭلار خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدە يىلتىز تارتىپ، مۇستەھكەملەنگەي.

18-19 بۇ ئارقىلىق سىلەر خۇدانىڭ بارلىق مۇقەددەس خەلقى بىلەن بىللە ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنىڭ نەقەدەر مول، زور، چوڭقۇر ۋە چەكسىز ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلەيسىلەر. گەرچە ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىنسان تەسەۋۋۇرىدىن ھەسسىلەپ ھالقىپ كەتكەن بولسىمۇ، سىلەر بۇنى تونۇپ يەتكەيسىلەر. شۇنداق بولغاندا، سىلەر خۇدانىڭ مول كامالىتى بىلەن تولدۇرۇلىسىلەر.

20 بارلىق شان-شەرەپ خۇداغا مەنسۇپ بولغاي! ئۇ ھاياتىمىزدا نامايان بولۇۋاتقان ئۇلۇغ كۈچ-قۇدرىتى ئارقىلىق بارلىق تىلىكىمىز ۋە ئويلىغىنىمىزدىنمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلالايدۇ.

21 بارلىق شان-شەرەپ ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ۋە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan