ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت 2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىئۆلۈمدىن ھاياتلىققا 1 سىلەر بۇرۇن خۇداغا ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، گۇناھ ئىچىدە ياشىغانلىقىڭلار سەۋەبىدىن روھىي جەھەتتە ئۆلۈك ئىدىڭلار. 2 ئۇ چاغلاردا، سىلەر بۇ دۇنيانىڭ يامان يوللىرىدا ماڭغانىدىڭلار، يامان روھلارنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان ھەمدە كىشىلەرنى خۇداغا ئىتائەتسىزلىك قىلىشقا ئازدۇرىدىغان شەيتانغا بويسۇنۇپ ياشىدىڭلار. 3 بۇرۇن ھەممىمىز ھەم شۇنداق ياشىغانىدۇق. ئۆز گۇناھكار تەبىئىتىمىزنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە بېرىلىپ، شەخسىيەتچىلىككە تولغان ئوي-خىياللىرىمىز بويىچە ياشايتتۇق. شۇڭا، بىزمۇ خۇدانىڭ جازاسىغا ئۇچراشقا لايىق ئىدۇق. 4 لېكىن، ئىنتايىن رەھىم-شەپقەتلىك بولغان خۇدا بىزنى شۇ قەدەر سۆيگەچكە، 5 گەرچە بىز گۇناھلىرىمىز تۈپەيلىدىن روھىي جەھەتتە ئۆلگەن بولساقمۇ، خۇدا بىزنى ئەيسا مەسىھكە باغلىغان ھالدا يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈردى. ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، سىلەر پەقەت ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق قۇتقۇزۇلدۇڭلار. 6 بىز ئەيسا مەسىھكە باغلانغانلىقىمىز ئۈچۈن، خۇدا بىزنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە تىرىلدۈرۈپ، بىزگە ئەرشتىكى تەختتە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇرۇش ھوقۇقىنى بەردى. 7 خۇدانىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى شۇكى، خۇدا ئۆزى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىزگە ئاتا قىلغان مېھىر-شەپقەتنىڭ تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى ئەبەدىلئەبەد كۆرسىتىشتۇر. 8 سىلەر ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىپ، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق قۇتقۇزۇلدۇڭلار. بۇ سىلەرنىڭ ئەجرىڭلاردىن كەلگەن ئەمەس، بەلكى خۇدادىن كەلگەن ئىلتىپاتتۇر. 9 سىلەر ھەرگىزمۇ ياخشى ئەمەللەر بىلەن قۇتقۇزۇلمىدىڭلار، شۇڭا سىلەرنىڭ ماختىنىشقا ھەققىڭلار يوق. 10 چۈنكى، بىز ھەممىمىز خۇدانىڭ ئىجادىيىتى بولۇپ، خۇدا بۇرۇنلا تەييارلىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشىمىز ئۈچۈن ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يېڭىدىن يارىتىلدۇق. ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىر تەن بولۇش 11 ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، تۇغۇلۇشۇڭلاردىن يەھۇدىي ئەمەس سىلەر ئۆز خەتنىسىدىن پەخىرلىنىدىغان يەھۇدىيلار تەرىپىدىن «خەتنىسىزلەر» دەپ كەمسىتىلدىڭلار. ۋەھالەنكى، ئۇلارنىڭ خەتنىسى پەقەت جىسمانىي جەھەتتىكى خەتنىدۇر. 12 ئۇ چاغلاردا، سىلەر ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ ئەمەس ئىدىڭلار، شۇنداقلا خۇدانىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللار قاتارىدىمۇ ئەمەس ئىدىڭلار، خۇدا ئۆز خەلقىگە ۋەدە قىلغان ئەھدىنىڭ سىرتىدا تۇراتتىڭلار ھەمدە خۇدانى تونۇماي، ئۈمىدسىز ياشايتتىڭلار. 13 سىلەر شۇ چاغلاردا خۇدادىن يىراق بولساڭلارمۇ، لېكىن ھازىر ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىق قېنى بىلەن خۇداغا يېقىنلاشتۇرۇلدۇڭلار. 14 ئەيسا مەسىھ بىز يەھۇدىيلار بىلەن سىلەر يەھۇدىي ئەمەسلەرنى ئىناقلاشتۇرۇشنىڭ مەنبەسى. ئۇ بىزلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، بىر-بىرىمىزنى ئايرىۋەتكەن دۈشمەنلىك توسۇقنى بۇزۇپ تاشلىدى. 15 ئەيسا مەسىھ ئۆزىنىڭ تېنىنى قۇربان قىلىش ئارقىلىق يەھۇدىي ئەمەسلەرنى چەتكە قاقىدىغان تەۋرات قانۇنى ۋە ئۇنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى كۈچىدىن قالدۇردى. بۇنىڭدىن مەقسەت، يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرنى ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان يېڭى ئىنسان قىلىپ چىقىش ۋە ئۇلارنى ئىناقلاشتۇرۇشتۇر. 16 ئۇ كرېستكە مىخلىنىپ قۇربان بولۇش ئارقىلىق بىر تەن قىلىپ بىرلەشتۈرۈلگەن ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى دۈشمەنلىكنى يوقىتىپ، ئۇلارنى خۇدا بىلەن ياراشتۇردى. 17 ئەيسا مەسىھ خۇدادىن يىراق بولغان سىلەر بىلەن خۇداغا يېقىن بولغان بىز يەھۇدىيلارغا ئىناقلىق توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى ئېلىپ كەلدى. 18 دېمەك، ئەيسا مەسىھنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ھەممەيلەن قەلبىمىزدىكى ئوخشاش بىر مۇقەددەس روھقا تايىنىپ خۇدائاتىمىزنىڭ ئالدىغا بارالايمىز. 19 شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر يەھۇدىي ئەمەسلەر ئەمدى يات ۋە ياقا يۇرتلۇقلاردىن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى بىلەن بىرگە خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ ئەھلىلىرىدىن، شۇنداقلا خۇدا ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرىدىن بولدۇڭلار. 20 ھەممىمىز خۇدا سېلىۋاتقان بىنا بولۇپ، ئەلچىلەر بىلەن پەيغەمبەرلەر بۇ بىنانىڭ ئاساسى، ئەيسا مەسىھ بولسا ئۇنىڭ ئۇل تېشىدۇر. 21 ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىز رەببىمىزگە بېغىشلانغان مۇقەددەس ئىبادەتخانا بولۇش ئۈچۈن بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئۆسمەكتىمىز. 22 ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق سىلەر يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ بىز يەھۇدىي ئېتىقادچىلار بىلەن بىرلىكتە خۇدا ئۆز روھى ئارقىلىق تۇرىدىغان ئىبادەتخانا قىلىپ سېلىنىۋاتىسىلەر. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti