Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ھېكمەتلەر 9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ھەممە ئادەم ئۆلۈمگە يۈزلىنىدۇ

1 مەن دۇنيادا بولۇۋاتقان ئىشلارنى كۆڭۈل قويۇپ، ئەستايىدىل كۆزەتتىم. ھەققانىي ۋە دانا ئادەملەرنىڭ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ خۇدانىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىنى بىلدىم. لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ ياخشى كۆرۈلىدىغان ياكى كۆرۈلمەيدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، چۈنكى بۇ كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلار.

2 مەيلى ھەققانىي ئادەم ياكى رەزىل ئادەم، مەيلى ياخشى ئادەم ياكى يامان ئادەم، مەيلى پاك ئادەم ياكى ناپاك ئادەم، مەيلى قۇربانلىق قىلىدىغان ئادەم ياكى قۇربانلىق قىلمايدىغان ئادەم، مەيلى ياخشى ئادەم ياكى گۇناھكار ئادەم بولسۇن، مەيلى قەسەمخور ياكى قەسەم ئىچىشتىن قورقىدىغان ئادەم بولسۇن، ھەممىسىنىڭ تەقدىرى ئوخشاش بولۇپ، ئۆلۈمگە يۈزلىنىدۇ.

3 قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ئىچىدە ئادەمنى ئازابلايدىغان بىر ئىش شۇكى، ھەممە ئادەمنىڭ تەقدىرىنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا ئوخشاش بولۇشىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىنسانلار ھايات ۋاقتىدا ھاياتى رەزىللىككە، قەلبلىرى ئەخمەقلىقكە تولغان بولىدۇ، ئاندىن بۇ ئالەمدىن كېتىدۇ.

4 ھايات بولسىلا ئۈمىد بولىدۇ، تىرىك ئىت ھامان ئۆلۈك شىردىن ياخشىدۇر.

5 ھاياتلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئۆلۈپ كەتكەنلەر ھېچنېمىنى بىلمەيدۇ، ئۇلارغا يەنە ئىنئام يوقتۇر. ئۇلار پۈتۈنلەي ئۇنتۇلۇپ كېتىلىدۇ.

6 ئۇلارنىڭ مۇھەببەت، نەپرەت ۋە ھەسەتلىرىمۇ ئاللىبۇرۇن يوقالغان. قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا يۈز بەرگەن ئىشلاردا مەڭگۈ ئۇلارنىڭ نېسىۋىسى بولمايدۇ.

7 بېرىڭلار، خۇشال-خۇرام تامىقىڭلارنى يەپ، شادلىق بىلەن شارابىڭلارنى ئىچىڭلار! چۈنكى بۇلار خۇدانىڭ سىلەرگە بەرگەن ئىنئامىدۇر.

8 پاكىز، چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىڭلار، چاچلىرىڭلاردىن خۇشبۇي ماي ئايرىلمىسۇن.

9 سەن بۇ بىھۇدە ھاياتىڭنى، يەنى خۇدا ساڭا ئاتا قىلغان قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادىكى كۈنلىرىڭنى ئۆزۈڭنىڭ ياخشى كۆرگەن ئايالىڭ بىلەن بىرگە خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزگىن. چۈنكى بۇ سېنىڭ بۇ دۇنيادا جاپالىق ئىشلىگىنىڭنىڭ بەدىلىگە بېرىلگەن نېسىۋىدۇر.

10 قىلالايدىغان ئىشلىرىڭنى ئامال بار تىرىشىپ قىلغىن، چۈنكى سەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن باقىي دۇنيادا قىلىدىغان ئىش، پىلان، بىلىم ۋە دانالىقمۇ يوق.

11 مەن يەنە قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا مۇسابىقىدە تېز يۈگۈرسىلا مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى، جەڭدە باتۇر بولسىلا غەلىبە قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، دانا بولسىلا يېمەكلىككە ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى، چېچەن بولسىلا باي بولغىلى بولمايدىغانلىقىنى، بىلىملىك بولسىلا قەدىرلىك بولمايدىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە پۇرسەت ۋە شارائىتمۇ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى چۈشەندىم.

12 ھېچكىم ئەجەلنىڭ قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. خۇددى تورغا كىرىپ قالغان بېلىقتەك، تۇزاققا چۈشۈپ قالغان قۇشتەك، ئىنسانمۇ تۇيۇقسىز كەلگەن بالا-قازادىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.


ئەقىل-پاراسەت نادانلىقتىن غالىبتۇر

13 مەن قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا يەنە ئەقىل-پاراسەتنىڭ نەمۇنىسىنى كۆردۈم. ئۇ مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

14 ئاھالىسى ئانچە كۆپ بولمىغان بىر كىچىك شەھەر بولغانىكەن. كۈچلۈك بىر پادىشاھ بۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى قورشاۋغا ئاپتۇ ۋە شەھەرگە بېسىپ كىرىش ئۈچۈن سېپىلغا توپا دۆۋىلەپتۇ.

15 ئەمما بۇ شەھەردە نامرات، لېكىن دانا بىر ئادەم بولغانىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ دانالىقى بىلەن شەھەرنى قۇتقۇزۇپ قاپتۇ. كېيىن كىشىلەر ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىپتۇ.

16 شۇڭا مەن: «ئەقىل-پاراسەت قارا كۈچتىن غالىب» دەپ قارايمەن. لېكىن نامرات ئادەمنىڭ پاراسىتى كەمسىتىلىدۇ، ھېچكىم ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالمايدۇ.

17 دانا ئادەمنىڭ سەمىمىي سۆزلىرىنى ئاڭلا، نادان ھۆكۈمدارنىڭ ۋارقىراشلىرىغا قۇلاق سالما.

18 دانالىق قورال-ياراغدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. لېكىن بىر گۇناھكار ئادەم كۆپ ياخشى ئىشلارنى بۇزۇشى مۇمكىن.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan