Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ھېكمەتلەر 8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 كىم دانا ئادەمگە ئوخشايدۇ؟ كىم ئىشلارنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بېرەلەيدۇ؟ دانالىق ئادەمنىڭ چېھرىنى نۇرلاندۇرۇپ، بىزەڭ چىراينى ئىللىق چىراي قىلىدۇ.


پادىشاھقا ئىتائەت قىلىش

2 پادىشاھنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈر، چۈنكى سەن خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچكەن.

3 مەسئۇلىيىتىڭدىن قاچما ھەم يامان ئىشلارغا ئارىلىشىپ قالما، چۈنكى پادىشاھ ئۆزى خالىغان ئىشنى قىلالايدۇ.

4 پادىشاھنىڭ سۆزى قانۇندۇر. كىممۇ ئۇنىڭدىن: «نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟» دەپ سورىيالايدۇ؟

5 پادىشاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنغانلار جازالانمايدۇ. دانا ئادەم ھەرقانداق ئىشنىڭ پەيتى ۋە ئۇسۇلىنى بىلىدۇ.

6 گەرچە ئادەملەر ئىش قىلغاندا خىلمۇخىل قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلسىمۇ، لېكىن ھەرقانداق ئىشنىڭ پەيتى ۋە ئۇسۇلى بولىدۇ.

7 ھېچكىم كەلگۈسىنى بىلمەيدۇ، نېمە ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى ھېچكىم ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ.

8 شامالنى بويسۇندۇرغىلى بولمىغاندەك، ئۆلۈمنىمۇ بويسۇندۇرغىلى بولمايدۇ. لەشكەرلەر ئۇرۇشتىن قېچىپ قۇتۇلالمىغاندەك، رەزىللەر رەزىللىكتىن قۇتۇلالمايدۇ.

9 مەن قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلارنى كۆردۈم ھەم بۇ ئىشلار ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلاندىم. بەزىدە بىر ئادەم باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىدىكەن.

10 مەن يەنە رەزىل ئادەملەرنىڭ ھايات ۋاقتىدا مۇقەددەس جايغا كىرىپ-چىقىۋاتقانلىقىنى، يەنە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى رەزىل ئىش قىلغان شۇ شەھەردە ماختاشقا سازاۋەر بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۆلگەندىن كېيىن ھۆرمەت بىلەن يەرگە كۆمۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. بۇمۇ بىر بىھۇدىلىكتۇر.

11 جىنايەتچىلەر دەرھال جازاغا تارتىلمىسا، كىشىلەر جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە يۈرەكلىك بولۇپ كېتىدۇ.

12 گۇناھكار ئادەم گەرچە يۈز قېتىم گۇناھ ئۆتكۈزسىمۇ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ، لېكىن مەن شۇنى چۈشەندىمكى، خۇدادىن ئەيمىنىدىغانلار چوقۇم بەخت تاپىدۇ.

13 رەزىل ئادەملەرنىڭ بەختىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھاياتى خۇددى سايىدەك قىسقا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بەختسىزلىكى دەل ئۇلارنىڭ خۇدادىن قورقمىغانلىقىدىن بولغاندۇر.

14 دۇنيادا مۇنداق بىر بىھۇدىلىكمۇ بار، ھەققانىي ئادەملەر رەزىل ئادەملەر تارتىشقا تېگىشلىك جازاغا تارتىلىدۇ، رەزىل ئادەملەر بولسا خۇددى ھەققانىي ئادەملەردەك مۇكاپاتلىنىدۇ. مەن شۇنداق ئويلايمەنكى، بۇمۇ بىر بىھۇدىلىكتۇر.

15 شۇڭا مەن ئىنسانلارغا، بۇ دۇنيادا يەپ-ئىچىپ، ھاياتتىن ھۇزۇر ئېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا خۇدا ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان ھاياتىدا ئۇلار جاپالىق ئىشلىسىمۇ، خۇشاللىق ئۇلار بىلەن بىللە بولىدۇ.

16 مەن كۆڭۈل قويۇپ، دانالىقنى بىلىشكە ۋە بۇ دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى ھەتتا كېچىلىرىمۇ ئۇخلىماي قىلىۋاتقان بارلىق ئىشلىرىنى چۈشىنىشكە تىرىشتىم.

17 مەن خۇدا قىلغان بارلىق ئىشلارنى ئويلىدىم. قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا ھېچكىم خۇدانىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ھەقىقىي بىلمەيدىكەن. ئىنسانىيەت ئۇنى چۈشىنىشكە ئۇرۇنسىمۇ، لېكىن ھېچكىم چۈشىنەلمەيدىكەن. ھەتتا دانا بىر ئادەم «مەن بىلدىم!» دېسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇمۇ ھەقىقىي بىلمەيدىكەن.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan