ھېكمەتلەر 7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىھاياتلىقتىكى دانالىق 1 گۈزەل نام-ئاتاق خۇشبۇي مەلھەمدىن ياخشىدۇر، ئۆلۈم كۈنى تۇغۇلغان كۈندىن ياخشىدۇر. 2 بەزمە بولۇۋاتقان ئۆيگە بېرىشتىن ماتەم بولۇۋاتقان ئۆيگە بېرىش ياخشىدۇر. چۈنكى ئۆلۈم ھەممە ئادەمنىڭ تەقدىرىدە باردۇر. ھاياتلار بۇنى ھەرگىز ئۇنتۇماسلىقى كېرەك. 3 قايغۇرۇش ئەخمىقانە كۈلكىدىن ياخشىدۇر، چۈنكى قايغۇ ئادەمنىڭ قەلبىنى تاۋلايدۇ. 4 دانا ئادەملەر ئۆلۈم توغرىسىدا ئويلايدۇ، نادان ئادەملەر بولسا ھەر ۋاقىت شادلىقنى ئويلايدۇ. 5 دانالارنىڭ ئەيىبلىشىنى ئاڭلاش، نادانلارنىڭ ماختىشىنى ئاڭلاشتىن ياخشىدۇر. 6 نادانلارنىڭ كۈلكىسى خۇددى قازاننىڭ ئاستىدا قاراسلاپ كۆيۈۋاتقان تىكەنگە ئوخشايدۇ، كۆيۈۋاتقان تىكەن ئاۋاز چىقىرىدۇ خالاس، بۇمۇ بىھۇدىلىكتۇر. 7 قاقتى-سوقتى قىلىش دانالارنى نادان قىلىدۇ، پارا ئېلىش ئادەمنىڭ قەلبىنى بۇزىدۇ. 8 بىر ئىشنىڭ ئاخىرلىشىشى، بىر ئىشنىڭ باشلىنىشىدىن ياخشى. سەۋرچان بولۇش، مەغرۇرلۇقتىن ياخشى. 9 ئاسان ئاچچىقلانما، چۈنكى ئاچچىقلىنىش ئەخمەقنىڭ قەلبىدە ماكان قۇرىدۇ. 10 «نېمە ئۈچۈن بۇرۇنقى كۈنلىرىمىز ھازىرقىدىن ياخشى؟» دەپ سورىما، بۇنداق سوئال سوراش دانالىق ئەمەستۇر. 11 دانالىق مىراستەك ياخشى نەرسىدۇر. چۈنكى ئۇ قۇياشنى كۆرۈۋاتقان بارلىق ئادەملەرگە مەنپەئەت كەلتۈرىدۇ. 12 دانالىق ئادەمنى خۇددى پۇل قوغدىغاندەك قوغدايدۇ. دانالىقنىڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى، ئۇ سەندە بولسا سېنىڭ ھاياتىڭنى ساقلايدۇ. 13 خۇدانىڭ قىلغانلىرىنى ئويلا، ئۇ ئەگرى قىلغاننى كىم تۈزلىيەلەيدۇ؟ 14 ئىشلىرىڭ راۋان ۋاقتىدا خۇشال بولغىن، لېكىن قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، خۇشاللىق ۋە قىيىنچىلىقنىڭمۇ خۇدادىن كېلىدىغانلىقىنى ئۇنتۇما. كەلگۈسىدە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلەلمەيدۇ. دانالىق چەكلىكتۇر 15 بۇ بىھۇدە ھاياتتا نۇرغۇن ئىشلارنى كۆردۈم. ياخشى ئىش قىلىدىغان ئادەملەر ھەققانىي بولسىمۇ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىدىكەن، ئۇنىڭ ئەكسىچە يامان ئادەملەر يامان ئىش قىلسىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىكەن. 16 بەك ھەققانىي ۋە دانا بولۇپ كەتمە، ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ ۋەيران قىلىشىڭنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى؟ 17 يامانلىق قىلىشقا بېرىلىپ كەتمە، نادانلىقمۇ قىلما، ئەجىلىڭدىن بۇرۇن ئۆلۈشۈڭنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى؟ 18 بۇ نەسىھەتلەرنىڭ بىرىگە ئەمەل قىلىپ، يەنە بىرىگە سەل قارىما، چۈنكى خۇدادىن ئەيمىنىدىغانلار ھەر ئىككىلىسىگە ئەمەل قىلىدۇ. 19 دانالىق ئادەمنى شەھەردىكى ئون ئەمەلداردىنمۇ كۈچلۈك قىلىدۇ. 20 بۇ دۇنيادا پەقەت ياخشى ئىشنىلا قىلىپ، بىرەر قېتىممۇ يامان ئىش قىلىپ باقمىغان بىرمۇ ئادەم يوق. 21 باشقىلارنىڭ سۆزىنى كۆڭلۈڭگە ئالما، بەلكىم مالايلارنىڭمۇ تىل-ئاھانىتىگە قېلىشىڭ مۇمكىن. 22 ئەمەلىيەتتە، سېنىڭمۇ باشقىلارغا كۆپ قېتىم تىل-ئاھانەت قىلغىنىڭ كۆڭلۈڭگە ئاياندۇر. 23 مەن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى دانالىق بىلەن كۆزەتتىم. مەن ئۆزۈمگە: «مەن دانا بولاي!» دېدىم، لېكىن مەقسىتىمگە يېتەلمىدىم. 24 دۇنيادا يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ مەنىسى ناھايىتى چوڭقۇر بولۇپ، ئۇلارنى بىز چۈشىنەلمەيمىز، كىممۇ ھەممە ئىشلارنىڭ تېگىگە يېتەلىگەن؟ 25 مەن چۈشىنىشكە پۈتۈن زېھنىمنى بېرىپ، دانالىقنى ئىزدەپ تاپماقچى ۋە بارلىق ئىشلارنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەكچى بولدۇم. مەن يەنە رەزىللىكنىڭ شۇنچىلىك نادانلىق، ئەخمەقلىقنىڭ شۇنچىلىك تەلۋىلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشكە تىرىشتىم. 26 مەن شۇنى بايقىدىمكى، ئادەمنى مەھلىيا قىلىدىغان ئايال ئۆلۈمدىن قورقۇنچلۇق ئىكەن. ئۇنىڭ ئىشىق-مۇھەببىتى قىلتاق ۋە تۇزاق، قوللىرى بولسا زەنجىردۇر. خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغانلار ئۇنداق ئايالدىن يىراق تۇرىدۇ، پەقەت گۇناھكار ئادەملەرلا ئاشۇنداق ئايالنىڭ تۇزىقىغا چۈشىدۇ. 27 ھېكمەت ئىگىسى شۇنداق دەيدۇكى: «مەن يۈز بەرگەن ئىشلارنى قايتا-قايتا مۇلاھىزە قىلىپ كۆرگەندىن كېيىن مۇنداق خۇلاسىگە كەلدىم. 28 مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئىزدەنگەن بولساممۇ، ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشىنى تاپالمىدىم. بۇنىڭغا مىڭ ئەركەكنىڭ ئىچىدىن بىرى جاۋاب بېرەلىدى، ئەمما مىڭ ئايالنىڭ ئىچىدىن بىرسىمۇ جاۋاب بېرەلمىدى. 29 مېنىڭ بىردىنبىر بايقىغىنىم شۇ بولدىكى، ئەسلىدە خۇدا ئادەمنى دۇرۇس قىلىپ ياراتقان بولسىمۇ، ئەمما ئادەملەر ھەر خىل رەزىل يوللارنى ئىزدەپ يۈرىدىكەن.» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti