ھېكمەتلەر 6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 مەن قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا ئىنسانلارنى بېسىپ تۇرىدىغان قاتتىق ئازابلىق بىر ئىشنى كۆردۈم. 2 خۇدا بەزى ئادەملەرنى بايلىق، مال-مۈلۈك ۋە شەرەپلەرگە مۇيەسسەر قىلىدۇ. ئۇلار كۆڭلى خالىغان نەرسىلەرگە ئېرىشەلىسىمۇ، لېكىن خۇدا ئۇلارغا بۇ نەرسىلەردىن بەھرىلىنىش ئىمكانى بەرمەيدۇ، بۇ نەرسىلەردىن ياتلار بەھرىلىنىدۇ. مانا بۇ بىھۇدىلىكتۇر، بۇ ئازابلىق بىر ئىشتۇر. 3 بىر باي ئادەم يۈز پەرزەنتلىك بولۇشى ھەمدە ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشى مۇمكىن. لېكىن ئۇ ھاياتتىن قانائەت ھاسىل قىلالمىسا ياكى بۇ دۇنيادىن كەتكەندە ھۆرمىتى بىلەن كۆمۈلمىسە، مېنىڭچە بۇنداق ئادەمدىن ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن چۈشۈپ كەتكەن ھامىلە ياخشىراقتۇر. 4 چۈنكى ھامىلە بۇ دۇنياغا بىھۇدە كېلىپ، كۆز ئاچماي تۇرۇپلا جىمجىت كېتىدۇ، قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ نامىنى يوشۇرۇپ قالىدۇ. 5-6 گەرچە ھامىلە قۇياش نۇرىنى كۆرمىگەن ھەم ھاياتنىڭ نېمىلىكىنى بىلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىككى مىڭ يىل ياشاپ، ھاياتنىڭ خۇشاللىقىدىن ھۇزۇرلىنالمىغان باي ئادەمدىن ئۇ خاتىرجەمرەكتۇر. ھەر ئىككىلىسى يەنىلا ئوخشاش بىر يەرگە بارىدۇ ئەمەسمۇ! 7 ئىنساننىڭ جاپالىق ئىشلىشى قورساق ئۈچۈندۇر، لېكىن ئىنسان مەڭگۈ قانائەتلەنمەيدۇ. 8 دانا ئادەمنىڭ نادان ئادەمگە قارىغاندا قانداق ئارتۇقچىلىقى بار؟ نامرات ئادەم بۇ دۇنيادا توغرا ياشاشنى بىلسىمۇ، ئۇنىڭغا بۇنىڭ نېمە پايدىسى بار؟ 9 ئۆزۈڭدە بار نەرسىلەرگە رازى بولۇش يوق نەرسىلەرگە ئىنتىلىشتىن ياخشىدۇر. بۇنداق ئىنتىلىش خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىكتۇر. 10 دۇنيادىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ تەقدىرى ئالدىن بەلگىلەنگەندۇر. ئىنساننىڭ تەقدىرىمۇ شۇنداق. ھېچقانداق ئادەم خۇدا بىلەن قارشىلىشالمايدۇ. 11 سۆز قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە بىھۇدە بولىدۇ، بۇنىڭ ئادەم ئۈچۈن نېمە پايدىسى بار؟ 12 ئىنساننىڭ ھاياتى خۇددى بىر كۆلەڭگىگە ئوخشايدۇ. كىممۇ قىسقا، بىھۇدە ھاياتىنى قانداق قىلغاندا ياخشى ئۆتكۈزگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلەلەيدۇ؟ ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن، قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى كىم ئېيتىپ بېرەلەيدۇ؟ |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti