ھېكمەتلەر 5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىۋەدىگە ۋاپا قىلىش 1 سەن خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرگىنىڭدە قەدىمىڭنى ئويلاپ باس، دىققەت بىلەن ئاڭلا. بۇنداق قىلىش نادانلارنىڭ ئويلانماي قىلغان قۇربانلىقىدىن ياخشىدۇر. چۈنكى نادان ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ رەزىللىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. 2 خۇدانىڭ ئالدىدا يېنىكلىك قىلما، ئالدىراپ ۋەدە بەرمە. چۈنكى خۇدا ئاسماندا، سەن يەردە. شۇڭا سۆزۈڭنىڭ ئاز بولغىنى ياخشى. 3 ئادەمدە تەشۋىش كۆپ بولسا، يامان چۈشمۇ كۆپ بولىدۇ، سۆز كۆپ بولسا، نادانلىق ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ. 4 خۇداغا بەرگەن ۋەدەڭنى كېچىكتۈرمەي ئەمەلگە ئاشۇر. چۈنكى خۇدا نادان ئادەملەردىن خۇرسەن بولمايدۇ، شۇڭا ۋەدەڭدە تۇر. 5 ۋەدە قىلىپ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغاندىن كۆرە، ۋەدە قىلمىغان ياخشىدۇر. 6 ئاغزىڭدىن گۇناھقا قالما، خۇدانىڭ روھانىيلىرىغا ئورۇنسىز ۋەدە بەرمە. شۇنداق قىلساڭ، خۇدانىڭ غەزىپىنى قوزغايسەن. نېمىشقا ئۆز قوللىرىڭ بىلەن قىلغان ئىشلىرىڭنى يوققا چىقارغۇدەكسەن؟! 7 كۆپ خام خىيال قىلىش، كۆپ سۆزلەش بىھۇدىلىكتۇر، ئۇنىڭ ئورنىغا خۇدادىن ئەيمەن. بايلىقنىڭ بىھۇدىلىكى 8 ئەگەر سەن بىر جايدا نامراتلارنىڭ بوزەك قىلىنىۋاتقانلىقىنى، ھەقىقەت ۋە ئادالەتنىڭ ئۇلاردىن تارتىۋېلىنغانلىقىنى كۆرسەڭ، ھەيران قالما، چۈنكى ھەربىر ئەمەلدار ئۈستىدە ئۇنى قوغدايدىغان ئۇنىڭدىن چوڭ ئەمەلدار، بۇ ئەمەلدارنىڭ ئۈستىدە يەنە ئۇلاردىنمۇ چوڭ قوغدىغۇچى ئەمەلدار بولىدۇ. 9 ھەممە ئادەم ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىدۇ، ھەتتا پادىشاھمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. 10 پۇلنى ياخشى كۆرىدىغانلار ھېچقاچان پۇل بىلەنلا قانائەت قىلمايدۇ، بايلىقنى ياخشى كۆرىدىغانلارمۇ ھېچقاچان شۇنچە بايلىقىدىن رازى بولمايدۇ، بۇ بىھۇدىلىكتۇر. 11 بايلىق كۆپەيسە ئۇنى ئىشلىتىدىغانلارمۇ كۆپىيىدۇ. بۇ بايلىقنىڭ ئىگىسىگە ھېچقانداق پايدىسى يوق، پەقەتلا كۆرۈنۈشتە باي كۆرۈنىدۇ. 12 مېھنەتكەش مەيلى كۆپ يېسۇن ياكى ئاز يېسۇن بەرىبىر خاتىرجەم ئۇخلايدۇ. باي بولسا، بايلىقىدىن ئەنسىرەپ خاتىرجەم ئۇخلىيالمايدۇ. 13 مەن قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا كۆرگەن ئەڭ ئازابلىق ئىشلارنىڭ بىرى بەزىلەرنىڭ توپلىغان بايلىقلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىتىشىدۇر. 14 ئۇلارنىڭ تىجارىتىنىڭ ساغلام بولماسلىقى تۈپەيلىدىن، توپلىغان بايلىقلىرى يوقىلىپ، ئاخىردا بالىلىرىغا مىراس قالدۇرغۇدەك ھېچنېمىسى قالمايدۇ. 15 ئۇلار ئانىدىن قانداق تۇغۇلغان بولسا، يەنە شۇنداق كېتىدۇ. بىر ئۆمۈر جاپالىق ئىشلەپ تاپقان بايلىقلىرىنىڭ بىر تىللاسىنىمۇ بىللە ئېلىپ كېتەلمەيدۇ. 16 ئىنساننىڭ بۇ دۇنياغا قانداق كەلگەن بولسا شۇنداق كېتىشى ئادەمنى ھەقىقەتەن ئازابلايدىغان بىر ئىشتۇر. شۇنداق ئىكەن، ئۇلارنىڭ بىھۇدە ئەجىر قىلىشىنىڭ نېمە پايدىسى بار؟ 17 ئۇلار پۈتۈن ئۆمرىنى قاراڭغۇلۇق، چوڭقۇر قايغۇ-ئەلەم، ئازاب ۋە نەپرەت ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ. 18 مەن شۇنى چۈشەندىمكى، ئىنسانلار ئۈچۈن ئەڭ كۆڭۈللۈك ۋە ئەڭ ياخشى ئىش، قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادىكى خۇدا بەرگەن چەكلىك ھاياتىدا، يەپ-ئىچىش ۋە جاپالىق ئىشلەپ ئېرىشكەن نەتىجىلىرىدىن راھەتلىنىشتىن ئىكەن. چۈنكى بۇ ئىنساننىڭ نېسىۋىسىدۇر. 19 خۇدا بىر ئادەمگە بايلىق ۋە مۈلۈك بېرىپ، يەنە ئۇنىڭغا شۇ نەرسىلەردىن ھۇزۇرلىنىشقا ئىمكانىيەت بەرسە، شۇنداقلا ئۇ ئادەم ئۆزى جاپالىق ئىشلەپ ئېرىشكەن نەتىجىلىرىدىن مەمنۇن بولۇپ، خۇشاللىققا چۆمسە، مانا بۇ خۇدانىڭ ئۇنىڭغا كۆرسەتكەن ئىلتىپاتىدۇر. 20 بۇنداق ئادەم ھاياتنىڭ قىسقىلىقىنى ئويلىمايدۇ، چۈنكى خۇدا ئۇنىڭ قەلبىنى شادلىققا تولدۇرغاندۇر. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti