Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ھېكمەتلەر 3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ھەممە ئىشنىڭ ۋاقتى-سائىتى بار

1 ئاسماننىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا ھەممە ئىشنىڭ ۋاقتى بار، يەنى ھەممە نەرسىنىڭ ۋاقتى-سائىتى بار:

2 تۇغۇلۇشنىڭ ۋە ئۆلۈشنىڭ ۋاقتى بار، تېرىشنىڭ ۋە يۇلۇۋېتىشنىڭمۇ ۋاقتى بار.

3 ئۆلتۈرۈشنىڭ ۋە ساقايتىشنىڭ ۋاقتى بار، بۇزۇشنىڭ ۋە ياساشنىڭمۇ ۋاقتى بار.

4 يىغلاشنىڭ ۋە كۈلۈشنىڭ ۋاقتى بار، ھازا تۇتۇشنىڭ ۋە ئۇسسۇل ئويناشنىڭ ۋاقتى بار.

5 تاش ئېتىشنىڭ ۋە تاش يىغىشنىڭ ۋاقتى بار، باغرىغا بېسىشنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنىڭمۇ ۋاقتى بار.

6 ئىزدەشنىڭ ۋە ۋاز كېچىشنىڭ ۋاقتى بار، ساقلاشنىڭ ۋە تاشلاشنىڭمۇ ۋاقتى بار.

7 يىرتىشنىڭ ۋە تىكىشنىڭ ۋاقتى بار، سۈكۈت قىلىشنىڭ ۋە سۆزلەشنىڭمۇ ۋاقتى بار.

8 مۇھەببەتنىڭ ۋە نەپرەتنىڭ ۋاقتى بار، ئۇرۇشنىڭ ۋە تىنچلىقنىڭمۇ ۋاقتى بار.

9 ئىنسان جاپالىق ئىشلەپ نېمە پايدا تاپار؟

10 خۇدانىڭ ئىنسانلارغا ئېغىر ئىش بەرگەنلىكىنى كۆردۈم.

11 خۇدا ھەممە ئىشنى ئۆز ۋاقتى-سائىتى بويىچە توپتوغرا ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇ مەڭگۈلۈك ئاڭنى ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىگە سالغان بولسىمۇ، ئىنسان خۇدانىڭ باشتىن-ئاخىرغىچە قىلغان ئىشلىرىنى ھېچقاچان چۈشەنمەيدۇ.

12 ئىنسان ئۈچۈن بەختلىك ھايات كەچۈرۈشتىن، ئۆز بەختىدىن ھۇزۇرلىنىشتىن ئارتۇق خۇشاللىقنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم.

13 ئادەملەر يەپ-ئىچىشى، جاپالىق ئىشلەپ ئېرىشكەن مېۋىلىرىدىن راھەتلىنىشى كېرەك، بۇ خۇدانىڭ ئىلتىپاتىدۇر.

14 مەن شۇنى بىلدىمكى، خۇدا قىلغان ھەرقانداق بىر ئىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، ھېچكىم ئۇنى ئازايتىپ ياكى كۆپەيتەلمەيدۇ. خۇدا بۇ ئىشلارنى ئادەملەر مەندىن ئەيمەنسۇن، دەپ قىلغاندۇر.

15 ھازىر بولغان ئىشلار بۇرۇن ھەم بولغان. كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارمۇ بۇرۇن بولغان ئىشلاردۇر. خۇدا بۇرۇن بولغان ئىشلارنى شۇ تەرىقىدە دەۋر قىلىپ داۋاملاشتۇرىدۇ.


دۇنيادىكى ئادالەتسىزلىك ۋە ئېزىلىش

16 مەن يەنە قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا، مەيلى سوت ئۈستىدە بولسۇن ياكى ئادالەت ھۆكۈم سۈرگەن جايدا بولسۇن، رەزىللىكنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆردۈم.

17 مەن كۆڭلۈمدە شۇنداق دېدىم: «خۇدا ھەققانىي ئادەم ۋە رەزىل ئادەملەر ئۈستىدىن ئۆزى ھۆكۈم چىقىرىدۇ. چۈنكى خۇدا ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ، ھەرقانداق ھەرىكەتنىڭ ۋاقتى-سائىتىنى ئۆزى بەلگىلىگەندۇر.»

18 كۆڭلۈمدە يەنە ئىنسان توغرۇلۇق شۇنداق دېدىم: «خۇدا ئادەم بىلەن ھايۋانلارنىڭ ئوخشايدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن.»

19 چۈنكى ئادەم بىلەن ھايۋاننىڭ دۇچ كېلىدىغان قىسمىتى ئوخشاش. مەيلى ئۇ بولسۇن، مەيلى بۇ بولسۇن، ھەر ئىككىلىسى ئوخشاشلا ئۆلىدۇ، ئوخشاشلا نەپەسكە تايىنىپ ياشايدۇ. ئادەم ھايۋاندىن ئۈستۈن ئەمەس. ھايات ھەقىقەتەن بىھۇدىلىكتۇر.

20 ھەر ئىككىلىسىنىڭ قايتىدىغان جايى ئوخشاش، ھەممىسى تۇپراقتىن ئاپىرىدە بولغان، يەنە تۇپراققا قايتىدۇ.

21 ئادەم روھىنىڭ ئاسمانغا چىقىپ، ھايۋان روھىنىڭ يەرگە كىرىپ كېتىدىغانلىقىنى كىم بىلىدۇ؟

22 شۇنى ئېنىق بىلدىمكى، ئىنسان ئۈچۈن ئۆز مېھنىتىدىن خۇشاللىق تېپىشتىن باشقا ياخشىراق نەرسە يوق ئىكەن، چۈنكى بۇ ئىنساننىڭ نېسىۋىسىدۇر. ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن، نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى كىممۇ ئۇنىڭغا ئېيتىپ بېرەلىسۇن؟

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan