Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ھېكمەتلەر 2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


بايلىق ۋە خۇشاللىقنىڭ بىھۇدىلىكى

1 كۆڭلۈمدە ئۆزۈمگە: «خۇشاللىقنى سىناپ باقاي، ئۇنىڭ پايدىسى بارمۇ-يوق، بىلىپ باقاي!» دېدىم. بىلدىمكى، بۇمۇ بىھۇدىلىك ئىكەن.

2 كۈلۈش پەقەت تەلۋىلىك ئىكەن، ئۇنداق بولسا، خۇشاللىقنىڭ نېمە پايدىسى بار؟

3 چوڭقۇر ئويلانغاندىن كېيىن، ئۆزۈمنى شاراب بىلەن خۇش قىلىپ باقماقچى بولدۇم. ئۆزۈمنى نادان تۇتماقچى بولساممۇ، لېكىن قەلبىم مېنى يەنىلا دانالىققا باشلىدى. ئاسماننىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا، ئىنسان قىسقا ھاياتىدا نېمە ئىشلارنى قىلسا پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولدۇم.

4 مەن بۈيۈك ئىشلارنى قىلدىم. ئۆزۈمگە ئۆيلەرنى سالدۇردىم، ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلدىم.

5 مەن باغلارنى ياساپ، ئۇلارنىڭ ئىچىگە ھەر خىل مېۋىلىك دەرەخلەرنى تىكتىم.

6 سۇ كۆلچەكلىرىنى قازدۇرۇپ، بېغىمدىكى دەل-دەرەخلەرنى سۇغاردىم.

7 قۇل ۋە دېدەكلەرنى سېتىۋالدىم، ئۆيۈمدىمۇ قۇللىرىمدىن تۇغۇلغان قۇل ۋە دېدەكلىرىم كۆپ ئىدى. ناھايىتى نۇرغۇن چارۋا ماللىرىم بار بولدى. يېرۇسالېمنىڭ ئىلگىرىكى پادىشاھلىرىدىمۇ بۇنچىلىك كۆپ مال-دۇنيا بولۇپ باقمىغانىدى.

8 ھەددى-ھېسابسىز ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى توپلىدىم، پادىشاھ ۋە بەگلىكلەردىن بايلىقلارغا ئىگە بولدۇم. يېنىمغا ئەر-ئايال ناخشىچىلارنى يىغدىم، خۇشاللىقىم ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن توقاللارنى ئالدىم.

9 بۈيۈكلۈكتە يېرۇسالېمدا مەندىن بۇرۇن ياشىغان پادىشاھلارنىڭ ھەممىسىدىن ئېشىپ كەتتىم. مەن ھەر دائىم دانالىق بىلەن ئىش قىلدىم.

10 كۆزۈم چۈشكەن، كۆڭلۈم خالىغان ھەرقانداق نەرسىگە چەك قويمىدىم. كۆڭلۈم بۇ قىلغانلىرىمدىن خۇشاللىق تاپتى. بۇ مېنىڭ جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق ئېرىشكەنلىرىمنىڭ مۇكاپاتى بولدى.

11 ئەمما كېيىن بىلسەم، ئۆز قولۇم بىلەن ئىشلەپ تارتقان بارلىق جاپالىرىم بىھۇدە ئىكەن، خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىك ئىكەن. قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا ئادەم ھېچقانداق پايدا تاپالمايدىكەن.


دانالىقنىڭ بىھۇدىلىكى

12 مەن يەنە دانالىق، نادانلىق ۋە ئەخمەقلىق ھەققىدە ئويلاندىم. كېيىنكى پادىشاھلار بۇرۇنقىلار قىلغان ئىشلارنى تەكرارلاشتىن باشقا يەنە نېمە ئىشلارنى قىلالىشى مۇمكىن؟

13 بىلدىمكى، خۇددى يورۇقلۇق قاراڭغۇلۇقتىن ياخشى بولغىنىدەك، دانالىق نادانلىقتىن ياخشى ئىكەن.

14 دانا ئادەمنىڭ كۆزلىرى روشەن بولار، نادان ئادەم قاراڭغۇلۇقتا ماڭار. ئەمما ئۇلارنىڭ قىسمىتى ئوخشاش بولۇپ، ھەممە ئادەم بۇ دۇنيادىن كېتىدۇ.

15 كۆڭلۈمدە يەنە شۇنداق دېدىم: «نادان ئادەمنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن، مېنىڭ بېشىمغىمۇ كېلىدىكەن، ئۇنداقتا يەنە دانا بولۇشنىڭ نېمە پايدىسى بار؟» كۆڭلۈمدە يەنە: «بۇ بىھۇدىلىكتۇر» دېدىم.

16 چۈنكى نادان ئادەملەر ئۇنتۇلۇپ كەتكىنىگە ئوخشاش دانا ئادەملەرمۇ ئوخشاشلا ئۇنتۇلۇپ كېتىلىدۇ، كەلگۈسىدىمۇ ھەممىسى بىردەك ئۇنتۇلۇپ كېتىلىدۇ. ئەپسۇسكى، دانا ئادەملەرمۇ نادان ئادەملەردەك ئۆلۈپ كېتىدۇ.

17 شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ھاياتتىن نەپرەتلەندىم، چۈنكى قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا يۈز بەرگەن ھەربىر ئىشلار ماڭا قايغۇلۇق بىلىندى. بارلىق ئىشلار خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىك ئىكەن.


جاپالىق ئىشلەشنىڭ بىھۇدىلىكى

18 قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا جاپا تارتىپ تاپقان بارلىق نەرسىلىرىمدىن نەپرەتلەندىم. چۈنكى مەن بۇلارنى كېيىنكىلەرگە قالدۇرۇشۇم كېرەك.

19 لېكىن ئۇلارنىڭ دانا ياكى نادان بولۇشىنى كىم بىلىدۇ؟ ئۇلار قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا مېنىڭ دانالىقىم ۋە جاپا-مۇشەققەتلىرىم ئارقىلىق ئېرىشكەن نەرسىلىرىمگە ئىگە بولىدۇ. بۇمۇ بىھۇدىلىك ئىكەن.

20 قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا ئىشلەپ تارتقان جاپالىرىمغا يۈرىكىم ئېچىشىپ، ئۈمىدسىزلەندىم.

21 چۈنكى ئادەملەر دانالىقى، بىلىمى ۋە قابىلىيىتىنى ئىشقا سېلىپ، جاپا-مۇشەققەت بىلەن ئېرىشكەن ئەمگەك مېۋىلىرىنى ھېچقانداق مېھنەت سىڭدۈرمىگەن كېيىنكىلەرگە قالدۇرۇشى كېرەك. بۇ ھەقىقەتەن بىھۇدىلىك ۋە بەختسىزلىكتۇر.

22 ئادەملەرنىڭ قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا ئىشلەپ تارتقان جاپالىرى ۋە ئەندىشىلىرى ئۆزلىرىگە نېمە پايدا كەلتۈرەر؟

23 ئۇلارنىڭ ئىشلەپ جاپا تارتىشلىرى، ھەتتا كېچىلەرنىمۇ خاتىرجەمسىزلىك ئىچىدە ئۆتكۈزۈشى ھەقىقەتەن بىھۇدىلىكتۇر.

24 ئادەم ئۈچۈن يەپ-ئىچىش ۋە جاپالىق ئىشلەپ ئېرىشكەن نەتىجىلىرىدىن راھەتلىنىشتىن ئارتۇق خۇشاللىق يوقتۇر. بىلدىمكى، بۇمۇ خۇدانىڭ قولى بىلەن بولىدىكەن.

25 خۇدا بەرمىسە كىممۇ يەپ-ئىچەلەيدۇ؟ كىممۇ راھەتتىن بەھرىمەن بولالايدۇ؟

26 خۇدا دانالىقنى، بىلىم ۋە خۇشاللىقنى ئۆزىنى خۇشال قىلغان ئادىمىگە ئاتا قىلىدۇ. لېكىن گۇناھكارلارغا مال-دۇنيا توپلايدىغان جاپالىق ئىش بېرىپ، ئۇلارنىڭ توپلىغان مال-دۇنيالىرىنى، خۇدا ئۆزىنى خۇشال قىلغانلارغا ئېلىپ بېرىدۇ. گۇناھكارلارنىڭ بۇ ئىشى خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىكتۇر.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan