ھېكمەتلەر 12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 ياش ۋاقتىڭدىن باشلاپ ياراتقۇچىڭنى ئېسىڭدە تۇت، «كۈنلىرىمدە خۇشاللىق يوق» دەپ ئاھ ئۇرىدىغان قېرى، ئاجىز چاغلىرىڭنىڭ كېلىشىنى كۈتمە. 2 ئۇ چاغدا كۆزلىرىڭگە قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلار خىرەلىشىپ، ئاسمىنىڭنى قارا بۇلۇتلار قاپلىغاندەك كۆرۈنىدۇ. 3 ئائىلىنى بېقىۋاتقان قول ۋەپۇتلىرىڭ تىترەيدۇ، قاۋۇل تېنىڭ ئېگىلىپ، دوك بولۇپ قالىدۇ. چىشلىرىڭ چۈشۈپ چاينىيالمايدىغان، كۆزلىرىڭ ئاجىزلاپ، ئېنىق كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. 4 قۇلىقىڭ ئېغىرلىشىپ، يارغۇنچاقنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالمايدۇ، قىزلارنىڭ بارلىق ناخشا ئاۋازلىرى يېقىملىق ئاڭلانمايدۇ، لېكىن قۇشقاچنىڭ سايرىشلىرى سېنى ئويغىتىدۇ. 5 ئۇ چاغدا ئېگىزدىن قورقىسەن، يول ماڭساڭ ئالاقزادە بولىسەن، چاچلىرىڭ بادام چېچىكىدەك ئاقىرىدۇ، كۈچۈڭ خوراپ، ھەۋەسلىرىڭ يوقىلىدۇ. ئۇ چاغدا مەڭگۈلۈك ماكانىڭغا قايتىسەن، ھازا تۇتقانلار كوچىدا ئارقاڭدىن كېلىدۇ. 6 كۈمۈش زەنجىر ئۈزۈلىدۇ، ئالتۇن قاچا يېرىلىدۇ، كوزا بۇلاق بېشىدا چېقىلىدۇ، قۇدۇقتىن سۇ ئالىدىغان چىغرىق ئۈزۈلىدۇ. 7 ئۇ چاغدا تەن تۇپراققا، روھ ھاياتلىق بەرگەن خۇداغا قايتىدۇ. 8 «بىھۇدىدۇر، ھەممىسى بىھۇدىدۇر» دەيدۇ ھېكمەت ئىگىسى. خۇلاسە 9 ھېكمەت ئىگىسى دانا بولۇپلا قالماستىن، يەنە بىلىملىرىنى خەلققە ئۆگەتكۈچىدۇر. ئۇ ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق نۇرغۇن پەند-نەسىھەتلەرنى يېزىپ چىققان. 10 ھېكمەت ئىگىسى ئادەمنى خۇرسەن قىلىدىغان سۆزلەر ئارقىلىق ھەقىقەتنى توغرا كۆرسىتىپ بەرگەن. 11 دانالارنىڭ سۆزلىرى خۇددى پادىچىلارنىڭ قولىدىكى تاياققا ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ توپلانغان ھېكمەتلىرى خۇددى تاياققا چىڭ قېقىلغان مىخلارغا ئوخشايدۇ. بۇ ھېكمەتلەرنى پادىچىسى بەرگەندۇر. 12 ئەي ئوغلۇم، بۇ ھېكمەتلەردىن باشقا، يەنە بىر نەسىھەتىمگە قۇلاق سالغىن، كىتاب يېزىشنىڭ چېكى يوقتۇر. كۆپ تەتقىق قىلساڭ، تېنىڭگە ھاردۇق يېتىدۇ. 13 ھەممىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، مەن مۇنداق خۇلاسىغا كەلدىم: خۇدادىن ئەيمىنىڭلار، ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، مانا بۇلار ئىنسان ھاياتىغا ھەقىقىي مەنە بېرىدۇ. 14 ئادەمنىڭ قىلغان بارلىق ئىشلىرىغا، مەيلى ياخشى، ياكى يامان ئىشلىرى بولسۇن، ھەتتاكى يوشۇرۇن قىلغان ئىشلىرى بولسۇن، ھەممە ئىشلىرىغا خۇدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti