Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ھېكمەتلەر 11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ھاياتنى مۆلچەرلىمەك قىيىن

1 مەبلىغىڭنى تاشقا سودىغا سال، ھامىنى بىر كۈنى پايدىغا ئېرىشىسەن.

2 ئوخشىمىغان يەرلەرگە مەبلەغ سال، چۈنكى بۇ دۇنيادا بېشىڭغا قانداق بالا-قازالارنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيسەن.

3 بۇلۇتلار تويۇنسا يامغۇر ياغىدۇ. دەرەخ مەيلى قايسى تەرەپكە يىقىلسۇن، ئۇ بەرىبىر يىقىلغان يېرىدە ياتىدۇ.

4 ھاۋا رايىغا قارىساڭ، يەرگە مەڭگۈ ئۇرۇق چاچالمايسەن. بۇلۇتلارغا قارىساڭ، مەڭگۈ ھوسۇل يىغالمايسەن.

5 شامالنىڭ يۆنىلىشىنى، ئانىنىڭ قورسىقىدا ھامىلىنىڭ قانداق شەكىللىنىشىنى بىلگىلى بولمىغاندەك، ياراتقۇچى خۇدانىڭ ئىشلىرىنى بىلگىلى بولماس.

6 ئۇرۇقلىرىڭنى سەھەر تۇرۇپ چاچقىن، كەچتىمۇ چاچقىن، چۈنكى سەن قايسى ئۇرۇقنىڭ ياخشى ئۆسىدىغانلىقىنى بىلمەيسەن. بەلكىم ئۇ ياكى بۇ ياخشى ئۆسۈشى ۋە ياكى ھەر ئىككىلىسى ياخشى ئۆسۈشى مۇمكىن.


ياشلارغا ۋە ياشانغانلارغا مەسلىھەت

7 يورۇقلۇق ھۇزۇرلۇقتۇر، ئادەم قۇياشنى كۆرۈپ، كۆڭلى خۇش بولىدۇ.

8 ئادەم مەيلى قانچىلىك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرسۇن ھاياتىنى خۇشاللىقتا ئۆتكۈزۈشى كېرەك. لېكىن شۇنى بىلگىنكى، گۆردىكى قاراڭغۇ كۈنلەر تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ. كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان بارلىق ئىشلار بىھۇدىدۇر.

9 ئەي ياش، ياشلىقىڭنى خۇشال ئۆتكۈز! ياشلىقىڭنىڭ ھەربىر مىنۇتىدىن ھۇزۇرلان! كۆڭلۈڭ تارتقان، ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەن ئىشلارنى قىل. لېكىن ئېسىڭدە بولسۇنكى، خۇدا قىلغان ھەربىر ئىشلىرىڭغا ھۆكۈم چىقىرىدۇ.

10 ھەرقانداق ئىشتىن بىئارام بولما، ئازابلانما، چۈنكى ياشلىق ئۇزۇن تۇرمايدۇ، ئۇ بىھۇدىدۇر.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan