ھېكمەتلەر 10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 بىر ئۆلۈك چىۋىن خۇش پۇراقلىق مەلھەمنى سېسىتىۋەتكەندەك، قىلغان كىچىككىنە ھاماقەتلىكمۇ ئادەمنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە شان-شەرىپىگە داغ چۈشۈرىدۇ. 2 دانا ئادەمنىڭ يۈرىكى توغرا ئىشلارنى قىلىشقا، نادان ئادەمنىڭ يۈرىكى يامان ئىشلارنى قىلىشقا باشلايدۇ. 3 نادان ئادەم يول يۈرگەندىمۇ، ئەقىلسىزلىقىنى ئاشكارىلايدۇ، ئۆزىنىڭ دۆتلۈكىنى ھەممە ئادەمگە كۆرسىتىدۇ. 4 ئەگەر بىر ئەمەلدار ساڭا ئاچچىقلانغان بولسا، بۇنىڭلىق بىلەن ئىش ئورنۇڭنى تاشلىما، چۈنكى تەمكىنلىك ئادەمنى چوڭ خاتالىقتىن قۇتقۇزۇپ قالىدۇ. 5 مەن يەنە قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا ھۆكۈمدارنىڭ خاتالىقىدىن كېلىپ چىققان ئازابلىق بىر ئىشنى كۆردۈم. 6 ئۇ بولسىمۇ نادانلارنىڭ يۇقىرى ئورۇنلارغا چىقىپ، دانا بايلارنىڭ پەس ئورۇنلارغا چۈشۈپ قېلىشىدۇر. 7 مەن قۇللارنىڭ شاھزادىلەردەك ئات مىنگەنلىكىنى، شاھزادىلەرنىڭ قۇللاردەك پىيادە ماڭغانلىقىنى كۆردۈم. 8 كىم ئورا كولىسا ئورىغا ئۆزى چۈشىدۇ، كىم تامنى يىقىتسا ئۇنى يىلان چاقىدۇ. 9 تاش چاققۇچى تاشتىن يارىلىنىدۇ، ئوتۇن كەسكۈچى ئوتۇندىن. 10 گاللاشقان پالتاڭنى بىلىمىسەڭ، تېخىمۇ كۆپ كۈچۈڭ كېتىدۇ، دانالىق ئادەمنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. 11 يىلان ئويناتقۇچىنى يىلان ئوينىتىشتىن ئىلگىرى يىلان چېقىۋالسا، ئۇنداقتا يىلان ئويناتقۇچىنىڭ ماھارىتىنىڭ ئەھمىيىتى قالمايدۇ. 12 دانالارنىڭ تىلى ئۆزلىرىنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىدۇ، نادانلارنىڭ تىلى ئۆزىنى نابۇت قىلىدۇ. 13 نادانلارنىڭ سۆزى نادانلىق بىلەن باشلىنىپ، رەزىللىك ۋە تەلۋىلىك بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. 14 نادانلار ۋالاقلاپ توختىمايدۇ. ھېچكىم كەلگۈسىدىكى ئىشلارنى بىلمەيدۇ، ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ھېچكىم دەپ بېرەلمەيدۇ. 15 نادان ئادەمنىڭ جاپالىق ئىشلىرى ئۇنى شۇنداق چارچىتىۋېتىدۇكى، ھەتتا ئۇ شەھەرگە بارىدىغان يولنىمۇ تاپالمايدۇ. 16 بىر دۆلەتنىڭ پادىشاھى ياش ۋە بىلىمسىز بولۇپ، ۋەزىر-ۋۇزرالىرى بەزمىكەش بولسا، دۆلەت زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ. 17 دۆلەتنىڭ پادىشاھى دانا، ئېسىلزادە بولۇپ، ۋەزىرلىرى كەيپ ئۈچۈن ئەمەس، قۇۋۋەت ئۈچۈن ئۆز ۋاقتىدا غىزالىنىدىغان بولسا، دۆلەت گۈللەپ ياشنايدۇ. 18 ئۆگزەڭنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى ھۇرۇنلۇقۇڭدىن، ئۆگزەڭدىن يامغۇرنىڭ ئۆتۈشى بىكار تەلەپلىكىڭدىندۇر. 19 زىياپەت خۇشاللىق ئۈچۈندۇر، شارابمۇ خۇشاللىق ئۈچۈندۇر، پۇل بولسا ھەممە ئىش يۈرۈشۈپ كېتىدۇ. 20 پادىشاھنى ھەتتا خىيالىڭدىمۇ تىللىما، باينى ھۇجراڭدىمۇ تىللىما، چۈنكى قۇشلار سېنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىڭنى يەتكۈزۈپ قويۇشى، ئۇچار-قاناتلىقلار سېنىڭ سۆزلىرىڭنى دەپ قويۇشى مۇمكىن. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti