Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

قانۇننىڭ تەكرارى 8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇماڭلار

1 _ مەن بۈگۈن سىلەرگە يەتكۈزگەن ئەمرلەرگە كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلساڭلار، ھايات قالىسىلەر، ئەۋلادلىرىڭلار كۆپىيىدۇ ھەمدە پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلارغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان زېمىننى ئىگىلىيەلەيسىلەر.

2 سىلەر چۆلدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن قىرىق يىل ئىچىدە، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سىلەرنى قانداق يېتەكلىگەنلىكىنى ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار. ئۇ سىلەرنىڭ نىيىتىڭلارنى ۋە ئۆزىنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغان-قىلمىغانلىقىڭلارنى بىلىش ئۈچۈن سىلەرنى قىيىن ئەھۋالغا قويۇپ سىنىدى،

3 ئاچ قويۇپ قىيىنچىلىق سالدى، ئاندىن سىلەر ۋە ئەجدادلىرىڭلار كۆرۈپ باقمىغان ماننانى رىزىق قىلىپ بەردى. ئىنسان پەقەت نان بىلەنلا ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ ئاغزىدىن چىققان ھەربىر سۆزى بىلەنمۇ ياشايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

4 كىيىم-كېچەكلىرىڭلار يىرتىق بولمىدى، پۇتۇڭلارمۇ ئىششىمىدى.

5 شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى خۇددى ئاتا ئۆز پەرزەنتىنى تەربىيەلىگەندەك تەربىيەلىدى.

6 شۇڭا سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ بارلىق ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىپ، ئۇنىڭ يولىنى تۇتۇڭلار، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىڭلار.

7 چۈنكى ئۇ سىلەرنى گۈزەل بىر زېمىنغا باشلاپ بارىدۇ. ئۇ يەردە جىلغا ۋە تۆپىلىكلەرنى سۇغۇرىدىغان ئېرىق-ئۆستەڭلەر، بۇلاقلار ۋە ئېقىن سۇلار بار.

8 ئۇ يەر بۇغداي، ئارپا، ئۈزۈم، ئەنجۈر، ئانار، زەيتۇن ۋە ھەسەلگە بايدۇر.

9 ئۇ يەردە يېمەكلىكلەر مول بولۇپ، ھېچنېمە كەم ئەمەستۇر. تاشلىرىدىن تۆمۈر، تاغلىرىدىن مىس چىقىدۇ.

10 يەڭلار، تويغىنىڭلاردىن كېيىن، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى مەدھىيەلەڭلار. چۈنكى ئۇ ئاشۇ گۈزەل زېمىننى سىلەرگە ئاتا قىلدى.

11 ئېھتىياتچان بولۇڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى ئۇنتۇپ قالماڭلار. مەن بۈگۈن سىلەرگە يەتكۈزگەن ئەمرلەر، قانۇن ۋە نىزاملارغا ئەمەل قىلماي قالماڭلار.

12 قورسىقىڭلار توق، ئۆزۈڭلار ياسىغان ياخشى ئۆيلەردە ئولتۇرغان،

13 چارۋا مېلىڭلار، ئالتۇن-كۈمۈش ۋە باشقا بايلىقلىرىڭلار كۆپەيگەن ۋاقىتتا، ئېھتىياتچان بولۇڭلار.

14 مەغرۇرلىنىپ كېتىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى ئۇنتۇپ قالماڭلار. ئۇ سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇردى.

15 ئۇ سىلەرگە زەھەرلىك يىلان ۋە چايانلار قاپلىغان قۇرغاق ۋە قورقۇنچلۇق چەكسىز چۆللۈكتە يول باشلاپ ماڭدى. ئىچىشىڭلار ئۈچۈن قاتتىق تاشتىن سۇ چىقىرىپ بەردى.

16 چۆللۈكتە ئەجدادلىرىڭلار ئەزەلدىن يەپ باقمىغان ماننانى يېگۈزدى. سىلەرنى ياخشىلىققا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، قىيىنچىلىق بىلەن سىنىدى.

17 سىلەر بۇ بايلىقلارغا ئىككى قولىمىز ۋە ئىقتىدارىمىزغا تايىنىپ ئېرىشتۇق، دەپ ئويلىماڭلار.

18 ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، سىلەرنىڭ بايلىق تېپىش ئىقتىدارلىقىڭلارنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بەرگەندۇر. ئۇ ئەجدادلىرىڭلار بىلەن قەسەم قىلىپ تۈزگەن ئەھدىسىدە چىڭ تۇرغاچقىلا، سىلەر بۈگۈنكى كۈنگە ئېرىشتىڭلار.

19 ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى ئۇنتۇپ، باشقا ئىلاھلارنى ئىزدىسەڭلار، ئۇلارغا چوقۇنۇپ، سەجدە قىلساڭلار، مەن بۈگۈن سىلەرنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرىمەنكى، سىلەر چوقۇم ھالاك بولىسىلەر!

20 ئەگەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىتائەت قىلمىساڭلار، خۇددى باشقا ئەللەر كۆز ئالدىڭلاردا ھالاك بولغىنىدەك، سىلەرمۇ چوقۇم ھالاك بولىسىلەر.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan