قانۇننىڭ تەكرارى 7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىيات ئەللەرنى زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىش 1 _ سىلەر ئىگىلەيدىغان زېمىنلارغا پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى باشلاپ كىرگەندە، خىت، گىرگاش، ئامور، كەنئان، پەرىززى، خىۋ، يىبۇس قاتارلىق سىلەردىن چوڭ ۋە كۈچلۈك بولغان يەتتە خەلقنى كۆز ئالدىڭلاردا زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. 2 پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۇلارنى سىلەرگە تاپشۇرغاندا، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىڭلار، تەلتۆكۈس يوقىتىڭلار. ئۇلار بىلەن كېلىشىم تۈزۈشكە، ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىشقا بولمايدۇ. 3 ئۇلار بىلەن توي قىلماڭلار، ئۇلارغا قىز بەرمەڭلار ھەم ئۇلاردىن قىز ئالماڭلار. 4 چۈنكى ئۇلارنىڭ قىزلىرى ئوغۇللىرىڭلارنى پەرۋەردىگاردىن ۋاز كەچتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇندۇرسا، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى تۇتۇپ، سىلەرنى تېزلا ھالاك قىلىدۇ. 5 سىلەر مۇنداق قىلىڭلار: ئۇلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى چۇۋۇۋېتىڭلار، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىنى يىقىتتىڭلار، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى بۇزۇۋېتىڭلار، باشقا بۇتلىرىنىمۇ كۆيدۈرۈۋېتىڭلار. 6 سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئالاھىدە ئاتالغان خەلقسىلەر. پەرۋەردىگار يەر يۈزىدىكى بارلىق خەلقلەرنىڭ ئارىسىدىن سىلەرنى تاللاپ، ئۆزىنىڭ قىممەتلىك خەلقى قىلدى. 7 پەرۋەردىگار سىلەرنى سانىڭلارنىڭ باشقا ئەللەردىن كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن تاللىدى. ئەمەلىيەتتە سىلەر جاھاندىكى ئەللەر ئارىسىدا ئەڭ كىچىك بىر خەلق. 8 پەرۋەردىگار سىلەرنى سۆيگەنلىكى ۋە ئەجدادلىرىڭلارغا بەرگەن ۋەدىسىدە چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، قۇدرەتلىك قولى بىلەن سىلەرنى مىسىر پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇللۇقتىن قۇتقۇزدى. 9 سىلەر شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ھەقىقىي ۋە ئىشەنچلىك خۇدادۇر. ئۇ ئۆز ئەھدىسىدە تۇرۇپ، ئۆزىنى سۆيگەنلەرنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغانلارنىڭ مىڭ ئەۋلادىغىچە مېھرىبانلىق قىلىدۇ. 10 لېكىن ئۇ ئۆزىگە ئۆچمەنلىك قىلغانلارغا كېچىكتۈرمەيلا جازا بېرىدۇ، ئۇلارنى ھالاك قىلىدۇ. 11 شۇڭا سىلەر مەن بۈگۈن سىلەرگە يەتكۈزگەن پەرز، قانۇن-نىزاملارغا كۆڭۈل قويۇپ، ئەمەل قىلىڭلار. 12 ئەگەر سىلەر بۇلارنىڭ ھەممىسىگە بويسۇنساڭلار، ئەمەل قىلساڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئەجدادلىرىڭلار بىلەن قەسەم قىلىپ تۈزگەن ئەھدىسىدە تۇرۇپ، سىلەرگە مېھرىبانلىق قىلىدۇ. 13 ئۇ سىلەرنى سۆيىدۇ، سىلەرگە بەخت ئاتا قىلىدۇ. ئۇ سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىندا نەسلىڭلارنى كۆپەيتىپ، ھەر خىل ئاشلىق، شاراب، زەيتۇن يېغى، قوي ۋە كالاڭلارنى مول قىلىدۇ. 14 سىلەر پۈتكۈل خەلقلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ بەختلىك خەلق بولىسىلەر. چارۋا ماللىرىڭلار قىسىر قالمايدۇ. 15 پەرۋەردىگار سىلەرنى بارلىق ئاغرىق-سىلاقلاردىن، سىلەر مىسىردا كۆرگەن يامان كېسەللەردىن ساقلايدۇ. پەرۋەردىگار بۇ كېسەللەرنى سىلەرنى يامان كۆرگەنلەرگە بېرىدۇ. 16 پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا قولۇڭلارغا تاپشۇرغان بارلىق يات ئەللەرنى ھالاك قىلىڭلار، رەھىم قىلماڭلار. ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنماڭلار، چۈنكى ئۇلارغا چوقۇنۇش سىلەرگە بىر تۇزاق بولىدۇ. 17 بەلكىم سىلەر كۆڭلۈڭلاردا: «بۇ ئەللەر شۇنداق كۈچلۈك تۇرسا، بىز ئۇلارنى قانداق قوغلاپ چىقىرارمىز؟» دەپ ئويلىشىڭلار مۇمكىن. 18 ئۇلاردىن قورقماڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ مىسىرغا ۋە پىرئەۋنگە قانداق قىلغانلىقىنى ئېسىڭلاردىن چىقارماڭلار. 19 سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ قانداق ئېغىر ئاپەتلەرنى چۈشۈرگەنلىكىنى، ئاجايىپ مۆجىزىلىرىنى، كارامەتلىرىنى ۋە ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولى بىلەن سىلەرنى مىسىردىن قانداق ئېلىپ چىققانلىقىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا مىسىرغا قانداق قىلغان بولسا، سىلەر قورقىۋاتقان بارلىق يات ئەللەرگىمۇ شۇنداق قىلىدۇ. 20 ئۇ ئۇلارنى پاراكەندە قىلىپ، قاچقان ۋە يوشۇرۇنۇۋالغانلارنىمۇ ھالاك قىلىدۇ. 21 ئۇلاردىن قورقماڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىدۇر، ئۇ ئۇلۇغ ۋە ھەيۋەتلىك خۇدادۇر. 22 ئۇ سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا ئۇ خەلقلەرنى ئاستا-ئاستا قوغلاپ چىقىرىدۇ. ئۇلارنى دەرھال يوقىتىشىڭلارغا يول قويمايدۇ، بولمىسا ئەتراپىڭلاردا يىرتقۇچ ھايۋانلار كۆپىيىپ كېتىدۇ. 23 پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۇلارنى سىلەرگە تاپشۇرىدۇ، تاكى ئۇلار يوقالغۇچە ئۇلارنى ئالاقزادىلىككە سالىدۇ. 24 پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنى قولۇڭلارغا تاپشۇرغاندا، ئۇلارنىڭ نامىنى يەر يۈزىدىن يوق قىلىۋېتىڭلار. ھېچكىم سىلەرنى توسالمايدۇ، ئۇلارنى ھالاك قىلىڭلار. 25 ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىڭلار. بۇتلىرىنىڭ ئۈستىدىكى ئالتۇن-كۈمۈشلەرگە كۆز قىزارتماڭلار، ئۇلارنى ئۆزۈڭلارنىڭ قىلىۋالماڭلار. چۈنكى بۇ ئالتۇن-كۈمۈشلەر سىلەرنى تۇزاققا چۈشۈرىدۇ. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بۇلاردىن يىرگىنىدۇ. 26 ھەرقانداق يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى ئۆيۈڭلارغا ئېلىپ كەلمەڭلار، بولمىسا سىلەرمۇ ئۇ نەرسىلەرگە ئوخشاش ۋەيران بولىسىلەر. ئۇلاردىن قاتتىق يىرگىنىڭلار ۋە قاتتىق نەپرەتلىنىڭلار. چۈنكى بۇ نەرسىلەر يوقىتىلىشقا تېگىشلىك نەرسىلەردۇر. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti