Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

قانۇننىڭ تەكرارى 5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئون پەرز

1 مۇسا پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا بۇ سۆزلەرنى قىلدى: _ ئەي ئىسرائىللار، بۈگۈن مەن سىلەرگە جاكارلىغان بۇ قانۇن-نىزاملارغا قۇلاق سېلىڭلار، ئۇلارنى ئۆگىنىڭلار، ئۇلارغا كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار.

2 پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىز بىلەن سىناي تېغىدا ئەھدە تۈزگەنىدى.

3 بۇ ئەھدىنى ئەجدادلىرىمىز بىلەنلا ئەمەس، بەلكى بۇ يەردە ھايات ياشاۋاتقان بىزلەر بىلەنمۇ تۈزگەنىدى.

4 پەرۋەردىگار تاغدىكى كۆيۈۋاتقان ئوت ئىچىدىن سىلەر بىلەن يۈزمۇيۈز تۇرۇپ سۆزلەشكەنىدى.

5 ئەينى چاغدا سىلەر ئوتتىن قورققانلىقىڭلار ئۈچۈن، تاغ ئۈستىگە چىقمىدىڭلار. مەن پەرۋەردىگار بىلەن سىلەرنىڭ ئوتتۇراڭلاردا تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى سىلەرگە يەتكۈزۈپ بەردىم. پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى:

6 «مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن، سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇردۇم.

7 مەندىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھىڭلار بولمىسۇن.

8 ئاسمان، زېمىن ياكى سۇدىكى ھەرقانداق نەرسىلەرنىڭ شەكلىدە بۇت ياسىماڭلار.

9 ئۇلارغا چوقۇنۇپ، سەجدە قىلماڭلار. چۈنكى مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا قىزغىنىدىغان خۇدادۇرمەن. مەندىن نەپرەتلەنگەنلەرنى تاكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ئەۋلادىغىچە جازالايمەن.

10 لېكىن، مېنى سۆيگەن، ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلغانلارنىڭ مىڭ ئەۋلادىغىچە مېھرىبانلىق قىلىمەن.

11 نامىمنى قالايمىقان تىلغا ئالماڭلار. كىمدەكىم نامىمنى قالايمىقان تىلغا ئالسا، مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۇنى چوقۇم جازالايمەن.

12 مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئەمر قىلغاندەك، دەم ئېلىش كۈنىنى مۇقەددەس كۈن بىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭلار.

13 ئالتە كۈن ئىشلەپ، ھەممە ئىشلىرىڭلارنى قىلىۋېلىڭلار.

14 يەتتىنچى كۈنى ماڭا ئاتالغان كۈن بولۇپ، بۇ كۈنى مەيلى سىلەر بولۇڭلار، مەيلى پەرزەنتلىرىڭلار، قۇللىرىڭلار، دېدەكلىرىڭلار ياكى يۇرتۇڭلاردا ياشايدىغان يات خەلقلەر بولسۇن، ھېچكىم ھېچقانداق ئىش قىلمىسۇن. ھەتتا ئۆكۈزۈڭلار، ئېشىكىڭلار ياكى باشقا چارۋا مېلىڭلارنىمۇ ئىشلەتمەڭلار. قۇللىرىڭلار ۋە دېدەكلىرىڭلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش دەم ئالسۇن.

15 ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، سىلەر مىسىردىكى ۋاقتىڭلاردا قۇل بولغانىدىڭلار. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولۇم بىلەن سىلەرنى قۇللۇقتىن ئېلىپ چىقتىم. شۇڭا، مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا دەم ئېلىش كۈنۈڭلارنى بەلگىلىدىم.

16 مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئەمر قىلغاندەك، ئاتا-ئاناڭلارنى ھۆرمەتلەڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، مەن سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، بەختلىك ياشايسىلەر.

17 قاتىللىق قىلماڭلار.

18 زىنا قىلماڭلار.

19 ئوغرىلىق قىلماڭلار.

20 يالغان گۇۋاھلىق بەرمەڭلار.

21 باشقىلارنىڭ ئايالى، ئۆي-ئىمارەتلىرى، ئېتىزلىرى، قۇللىرى، دېدەكلىرى، ئۆكۈزلىرى، ئېشەكلىرى ياكى باشقا تەئەللۇقاتلىرىغا كۆز قىرىڭلارنى سالماڭلار.»

22 يۇقىرىدىكىلەر پۈتۈن خەلق تاغنىڭ ئېتىكىگە يىغىلغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ تاغ ئۈستىدە ئوت، قارا بۇلۇت ۋە قويۇق قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن سىلەرگە ئېيتقان ئون پەرزىدۇر. ئۇ بۇنىڭدىن باشقا ھېچنېمە دېمىدى. ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئىككى پارچە تاش تاختىغا يېزىپ، ماڭا تاپشۇردى.

23 ئەينى چاغدا تاغدا ئوت كۆيۈۋاتاتتى، سىلەر پەقەت قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن كېلىۋاتقان ئاۋازنى ئاڭلايتتىڭلار. ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ باشلىقلىرى ۋە ئاقساقاللىرى ئالدىمغا كېلىپ،

24 مۇنداق دېگەنىدىڭلار: «قاراڭلار، پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزگە ئۆزىنىڭ شان-شەرىپى ۋە ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسەتتى. بىز ئۇنىڭ ئوت ئىچىدىن كەلگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدۇق. بىز بۈگۈن ئىنسان زاتىنىڭ خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنمۇ يەنە تىرىك قالغانلىقىنى كۆردۇق.

25 شۇنداق تۇرۇقلۇق، بىز نېمىشقا يەنە خەۋپكە تەۋەككۈل قىلايلى؟ ئۇ قورقۇنچلۇق ئوت يالقۇنى ئاڭلىساق، جەزمەن ھالاك بولىمىز.

26 بۇ دۇنيادا كىممۇ بىزگە ئوخشاش مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ ئوت ئىچىدىن كەلگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ يەنە ھايات قالالىغان؟

27 ئەگەر سەن بېرىپ، پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئاندىن كېلىپ بىزگە يەتكۈزسەڭ، بىز ئاڭلايمىز، ئىتائەت قىلىمىز.»

28 پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ سۆزۈڭلارنى ئاڭلاپ، ماڭا مۇنداق دېدى: «مەن خەلقنىڭ ساڭا دېگەنلىرىنى ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسى توغرا.

29 ئۇلارنىڭ مەندىن ھەر دائىم ئەيمىنىشىنى، پەرزلىرىمگە ئەمەل قىلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن. شۇنداق قىلسا، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى مەڭگۈ بەختكە ئېرىشىدۇ.

30 ئۇلارغا ئېيتقىن، ئۇلار چېدىرلىرىغا قايتىپ كەتسۇن،

31 لېكىن سەن يېنىمدا قالغىن. مەن ساڭا بارلىق ئەمرلەرنى، قانۇن-نىزاملارنى سۆزلەپ بېرەي، سەن ئۇلارنى خەلققە ئۆگەتكىن. ئۇلار بۇ قانۇننى مەن ئۇلارغا مۈلۈك قىلىپ بەرگەن زېمىنلاردا ئەمەلگە ئاشۇرسۇن.»

32 شۇڭا سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەمر قىلغانلىرىغا ئىتائەت قىلىڭلار، ئۇنىڭ يولىدىن چەتنەپ كەتمەڭلار.

33 پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئەمر قىلغان يول بويىچە مېڭىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ھايات قالىسىلەر، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، || ئىگىلىگەن | ئىگىلەيدىغان || زېمىنلاردا گۈللىنىسىلەر.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan