Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

قانۇننىڭ تەكرارى 4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


مۇسانىڭ ئىسرائىللارنى خۇداغا ئىتائەت قىلىشقا ئۈندىشى

1 _ ئەي ئىسرائىللار، مەن سىلەرگە ئۆگەتمەكچى بولغان قانۇن-نىزاملارغا قۇلاق سېلىڭلار، ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار ھايات قالىسىلەر، ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىنغا كىرىپ، ئۇ يەرگە ئىگە بولالايسىلەر.

2 مەن سىلەرگە بۇيرۇغان ئەمرلىرىمگە بىر نەرسە قوشماڭلار ياكى چىقىرىۋەتمەڭلار. مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار.

3 سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ بائال-پىئوردا قىلغان ئىشلىرىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار. ئۇ ئاراڭلاردىكى پىئورنىڭ ئىلاھى بائالغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسىنى يوقاتتى.

4 لېكىن پەرۋەردىگارغا سادىق بولغان ھەممىڭلار بۈگۈنگىچە ھايات قالدىڭلار.

5 مەن پەرۋەردىگارىم خۇدانىڭ ماڭا قىلغان ئەمرلىرى بويىچە، ئۇنىڭ قانۇن-نىزاملىرىنى سىلەرگە ئۆگەتتىم. ئۇلارنى سىلەر || ئىگىلىگەن | ئىگىلەيدىغان || زېمىنلاردا ئىجرا قىلىڭلار.

6 سىلەر بۇ قانۇن-نىزاملارغا ئەمەل قىلساڭلار، يات ئەللەرمۇ سىلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتىڭلارنى بىلىپ يېتىدۇ. ئۇلار بۇ قانۇن-نىزاملارنى ئاڭلاپ: «بۇ ئۇلۇغ خەلق ھەقىقەتەن ئەقىل-پاراسەتلىك ئىكەن» دېيىشىدۇ.

7 بىز ھەر قېتىم پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا ئىلتىجا قىلغىنىمىزدا، ئۇ بىزگە شۇنچىلىك يېقىندۇر. قايسى ئۇلۇغ خەلقنىڭ مۇشۇنداق خۇداسى بار؟

8 قايسى ئۇلۇغ خەلقنىڭ مەن بۈگۈن سىلەرگە ئۆگەتكەندەك شۇنداق ئادالەتلىك قانۇن-نىزاملىرى بار؟

9 لېكىن ھوشيار بولۇڭلار، ئېھتىيات قىلىڭلار! ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرگىنىڭلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار، ئۇلارنى ئۆمۈر بويى ئېسىڭلاردا ساقلاڭلار، پەرزەنتلىرىڭلار ۋە نەۋرە-چەۋرىلىرىڭلارغا ئېيتىپ بېرىڭلار.

10 سىلەر سىناي تېغىدا پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئالدىدا تۇرغان ئاشۇ كۈنى، پەرۋەردىگار ماڭا: «خەلقنى ھۇزۇرۇمغا يىغقىن، ئۇلار سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ، مەندىن ئۆمۈر بويى ئەيمىنىشنى ئۆگەنسۇن، پەرزەنتلىرىگىمۇ ئۆگەتسۇن» دېدى.

11 سىلەر تاغنىڭ ئېتىكىگە كېلىپ تۇردۇڭلار. تاغ كۆيۈپ، ئوت يالقۇنى ئاسمانغا تاقاشقانىدى. قارا بۇلۇت ۋە قاراڭغۇلۇق تاغنى قاپلىغانىدى.

12 پەرۋەردىگار ئوت ئىچىدىن سىلەرگە سۆز قىلدى. سىلەر ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىڭلار، لېكىن ئۆزىنى كۆرەلمىدىڭلار. پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىلا ئاڭلاندى.

13 ئۇ سىلەرگە ئۆزىنىڭ ئەھدىسىنى، يەنى سىلەر ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئون تۈرلۈك پەرزنى ئېلان قىلدى ھەمدە ئۇنى ئىككى پارچە تاش تاختىغا يازدى.

14 ئەينى چاغدا پەرۋەردىگار ماڭا بۇ قانۇن-نىزاملارنى سىلەرگە ئۆگىتىشىمنى ۋە بۇ قانۇنلارنى سىلەر || ئىگىلىگەن | ئىگىلەيدىغان || زېمىنلاردا ئىجرا قىلىشىڭلارنى ئەمر قىلدى.


بۇتپەرەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش

15 _ پەرۋەردىگار سىناي تېغىدىكى ئوت ئىچىدىن سىلەرگە سۆزلەۋاتقاندا، سىلەر ئۇنىڭ سىياقىنى كۆرمىدىڭلار. شۇڭا سىلەر ئىنتايىن ھوشيار بولۇڭلار،

16 سىلەر ئۆزۈڭلارنى بۇلغاپ، بۇت ياسىماڭلار. خۇدانى بىرەر ئەرگە، ئايالغا،

17 ياۋايى ھايۋان ياكى ئۇچارقانات،

18 يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋان ياكى بېلىققا ئوخشىتىپ، ئۇلارنىڭ شەكلىدە بۇت ياسىماڭلار.

19 پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئالەمدىكى ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان قۇياش، ئاي، يۇلتۇز قاتارلىق ئاسمان جىسىملىرىنى كۆرگەن ۋاقتىڭلاردا، ۋەسۋەسىگە چۈشۈپ، ئۇلارغا سەجدە قىلىپ، چوقۇنماڭلار.

20 پەرۋەردىگار سىلەرنى مىسىردىن _ تۆمۈر تاۋلاش ئوچىقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ بۈگۈنكىدەك قىممەتلىك خەلقى قىلدى.

21 سىلەرنىڭ تۈپەيلىڭلاردىن پەرۋەردىگار خۇدا ماڭا غەزەپلىنىپ، مېنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزمەسلىككە، سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرمەكچى بولغان ئاشۇ گۈزەل زېمىنغا كىرگۈزمەسلىككە قەسەم قىلدى.

22 مەن بۇ يەردە ۋاپات بولىمەن، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتەلمەيمەن. لېكىن سىلەر ئۆتۈپ، ئاشۇ گۈزەل زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىسىلەر.

23 ھوشيار بولۇڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى ئۇنتۇماڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھەر خىل نەرسىنىڭ سىياقىدا بۇت ياسىماڭلار.

24 چۈنكى سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا خۇددى دەھشەتلىك كۆيۈۋاتقان ئوتتۇر، ئۇ قىزغىنىدىغان خۇدادۇر.

25 كەلگۈسىدە سىلەر ئۇ يەرگە ئورۇنلىشىپ، نەۋرە-چەۋرىلىك بولغىنىڭلاردا، ھەر خىل بۇتلارنى ياساپ، ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئۇنى غەزەپلەندۈرمەڭلار.

26 ئەگەر مېنىڭ دېگىنىمدەك قىلمىساڭلار، بۈگۈن ئاسمان-زېمىن سىلەرگە قارشى گۇۋاھ بولسۇنكى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشىسىدىكى سىلەر ئىگىلەيدىغان زېمىنىڭلاردا تېز ۋەيران قىلىنىپ، پۈتۈنلەي يوق قىلىنىسىلەر. ئۇ يەردە ئۇزاق ياشىيالمايسىلەر.

27 پەرۋەردىگار سىلەرنى باشقا ئەللەرگە تارقىتىۋېتىدۇ. ئۇ ئەللەردە پەقەت بىر قىسمىڭلارلا ئامان قالىسىلەر.

28 سىلەر ئۇ يەردە ياغاچ ياكى تاشتىن ياسالغان بۇت ئىلاھلارغا چوقۇنىسىلەر، ئۇلار ھېچنېمە كۆرەلمەيدۇ، ئاڭلىيالمايدۇ، يېيەلمەيدۇ ياكى پۇرىيالمايدۇ.

29 لېكىن سىلەر ئۇ يەردە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى پۈتۈن قەلبىڭلار، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن ئىزدىسەڭلار، تاپالايسىلەر.

30 بۇ ئىشلار بېشىڭلارغا كېلىپ، ئازاب چەككەن ۋاقتىڭلاردا، ئاندىن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ يولىغا قايتىسىلەر، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىسىلەر.

31 چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا رەھىمدىل خۇدادۇر. ئۇ سىلەرنى تاشلىۋەتمەيدۇ، ھالاك قىلمايدۇ ھەم ئەجدادلىرىڭلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.


پەرۋەردىگاردىن باشقا خۇدا يوق

32 _ ئۆتمۈشنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭلار. خۇدا ئىنساننى ياراتقاندىن بېرى، پۈتۈن دۇنيادا مۇشۇنداق بىر ئىش يۈز بېرىپ بېقىپتىمۇ؟ مۇشۇنداق بىر ئىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى كىم ئاڭلاپ بېقىپتۇ؟

33 ئوت ئىچىدىن سۆزلەۋاتقان خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، يەنە ھايات قالغان سىلەرگە ئوخشاش باشقا بىر خەلق بارمۇ؟

34 پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى مىسىردىكى قۇللۇقتىن قۇتقۇزۇپ چىققىنىدەك، قايسى بىر ئىلاھ بىر ئەلدىن بىر خەلقنى ئۆزى ئۈچۈن ئېلىپ چىققان؟ ئۇ ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولى بىلەن ئاپەت، مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ، ئۇرۇش ۋە ئادەمگە ۋەھىمە سالىدىغان ئىشلارنى كۆز ئالدىڭلاردا پەيدا قىلىپ، سىلەرنى قۇتقۇزدى.

35 پەرۋەردىگارنىڭ بۇنداق قىلىشى ئۆزىنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىنى، ئۆزىدىن باشقا بىر خۇدانىڭ يوق ئىكەنلىكىنى سىلەرگە بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت ئىدى.

36 ئۇ ئەرشتىن ئاۋازىنى ئاڭلىتىپ، سىلەرگە تەربىيە بەردى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۈيۈك ئوتىنى زېمىندا كۆرسەتتى، سىلەرمۇ ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئوت ئىچىدىن ئاڭلىدىڭلار.

37 ئۇ ئەجدادلىرىڭلارنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان سىلەرنى تاللىدى. ئۇ شەخسەن ئۆزىنىڭ بۈيۈك كۈچ-قۇدرىتى بىلەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى.

38 خۇددى بۈگۈنكىگە ئوخشاش، سىلەردىن چوڭ ۋە كۈچلۈك بولغان ئەللەرنى كۆز ئالدىڭلاردا قوغلىۋېتىپ، سىلەرنى ئۇلارنىڭ زېمىنىغا ئېلىپ كىردى. ئۇلارنىڭ زېمىنىنى سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەردى.

39 شۇڭا سىلەر شۇنى بىلىشىڭلار ۋە ئېسىڭلاردا تۇتۇشۇڭلار كېرەككى، پەرۋەردىگار ئەرشنىڭ ۋە زېمىننىڭ خۇداسىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا خۇدا يوقتۇر.

40 مەن بۈگۈن پەرۋەردىگارنىڭ قانۇن-نىزاملىرىنى سىلەرگە يەتكۈزىمەن، ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر ۋە ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ بارلىق ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە مەڭگۈ ئىگىدارچىلىق قىلىشقا ئاتا قىلغان بۇ زېمىندا ئۇزۇن ياشىيالايسىلەر.


پاناھلىنىدىغان شەھەرلەر

41 _ ئەينى چاغدا مۇسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا ئۈچ شەھەرنى پاناھلىق ئۈچۈن بەلگىلىگەنىدى.

42 بىخەستەلىكتىن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان ۋە ئۆلگۈچى بىلەن ھېچقانداق ئاداۋىتى بولمىغان كىشىلەر بۇ شەھەرلەرگە قېچىپ بېرىپ پاناھلىناتتى.

43 رۇبېن قەبىلىسى ئۈچۈن ئېگىزلىكتىكى چۆللۈككە جايلاشقان بەزەر شەھىرى، گاد قەبىلىسى ئۈچۈن گىلئادتىكى راموت شەھىرى، ماناسسە قەبىلىسى ئۈچۈن باشاندىكى گولان شەھىرى بەلگىلەپ بېرىلگەنىدى.


سىناي تېغىدا يەتكۈزۈلگەن قانۇن-نىزاملار

44 تۆۋەندىكىلەر مۇسا ئىسرائىللارغا ئۆگەتكەن قانۇندۇر.

45 مۇسا بۇ قانۇن-نىزام ۋە قائىدىلەرنى ئىسرائىللار مىسىردىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۇلارغا ئۆگەتتى.

46 ئەينى چاغدا ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى بەيت-پىئورنىڭ قارشى تەرىپىدىكى جىلغىدا تۇراتتى. بۇ يەر ئەسلى خەشبوندا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئامور خەلقىنىڭ پادىشاھى سىخونغا قاراشلىق ئىدى. مۇسا ئىسرائىللارنى باشلاپ مىسىردىن ئايرىلغاندىن كېيىن، سىخوننى مەغلۇپ قىلىپ،

47 ئۇنىڭ زېمىنىنى ۋە باشان پادىشاھى ئوگنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىدى. سىخون بىلەن ئوگ ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى ئامورلارنىڭ ئىككى پادىشاھى ئىدى.

48 بۇ ئەللەرنىڭ زېمىنلىرى ئارنون جىلغىسىنىڭ چېتىگە جايلاشقان ئاروئېر شەھىرىدىن سىريون تېغىغىچە، يەنى خەرمون تېغىغىچە سوزۇلاتتى.

49 شۇنداقلا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى پۈتۈن ۋادىلارنى، پىسگاھ تېغى ئېتىكىدىكى ئۆلۈك دېڭىزنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan