Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

قانۇننىڭ تەكرارى 34 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


مۇسانىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى

1 مۇسا موئاب تۈزلەڭلىكىدىكى نىبو تېغىغا كېلىپ، ئېرىخانىڭ قارشى تەرىپىدىكى پىسگاھ چوققىسىغا چىقتى. شۇ يەردە پەرۋەردىگار مۇساغا گىلئادتىن تاكى دانغىچە بولغان ئارىلىقتىكى پۈتۈن زېمىننى،

2 پۈتۈن نافتالى، ئەفرايىم، ماناسسە زېمىنلىرىنى، ئوتتۇرا دېڭىزغىچە سوزۇلغان پۈتۈن يەھۇدا زېمىنلىرىنى،

3 نەگېب چۆللۈكىنى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ۋادىسى، يەنى خورمىزارلىق شەھەر ئېرىخانىڭ تۈزلەڭلىكىدىن زوئارغىچە بولغان بارلىق يەرلەرنى كۆرسەتتى.

4 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ مانا بۇلار مەن ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپلارغا: «بۇ زېمىنلارنى ئەۋلادلىرىڭلارغا ئاتا قىلىمەن» دەپ ۋەدە قىلغان زېمىنلاردۇر. ھازىر بۇ زېمىنلارنى ساڭا كۆرسەتتىم، لېكىن سەن دەريادىن ئۆتۈپ، ئۇ زېمىنغا كىرمەيسەن.

5 خۇددى پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى بولغان مۇسا موئابتا ۋاپات بولدى.

6 پەرۋەردىگار ئۇنى موئابتىكى بەيت-پىئورنىڭ قارشى تەرىپىدىكى بىر جىلغىغا دەپنە قىلدى. تاكى ھازىرغىچە ئۇنىڭ قەبرىسىنىڭ نەدىلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.

7 مۇسا ۋاپات بولغان ۋاقتىدا 120 ياشتا ئىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى تېخى خىرەلەشمىگەن، تېنى مادارىدىن قالمىغانىدى.

8 ئىسرائىللار موئاب تۈزلەڭلىكىدە مۇساغا ئاتاپ ئوتتۇز كۈن قارىلىق تۇتتى. مۇساغا ئاتالغان ھازا كۈنلىرى شۇنىڭ بىلەن تامام بولدى.

9 مۇسا ھايات ۋاقتىدا، نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋانىڭ بېشىغا قوللىرىنى قويۇپ، ئۇنى يېتەكچى قىلىپ تەيىنلەنگەنىدى. خۇدا يوشۇۋاغا ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلغانىدى. شۇڭا ئىسرائىللار ئۇنىڭغا بويسۇندى ۋە ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغىنى بويىچە ئىش قىلدى.

10 شۇنىڭدىن كېيىن، ئىسرائىللار ئىچىدىن پەرۋەردىگار يۈزمۇيۈز سۆزلەشكەن مۇسادەك بىرمۇ پەيغەمبەر چىقىپ باقمىدى.

11 ھېچكىم مۇساغا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن مىسىرغا بېرىپ، پۈتۈن زېمىندا، پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ئالدىدا مۆجىزە-كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ باقمىدى.

12 پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئالدىدا ھېچكىم مۇساغا ئوخشاش قۇدرىتى، بۈيۈكلۈكى ۋە ئاجايىپ كارامىتىنى نامايان قىلىپ باقمىدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan